يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بەك زەئىپ

يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس سەھىھمۇ؟

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى mujtehid.com

سوئال: «قىز بالا بويىغا يەتسە، ئۇنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنىڭ (نامەھرەم بار يەردە) ئوچۇق بولۇشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟

جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد (4104) ۋەلىدتىن، ئۇ سەئىد ئىبنى بەشىردىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ خالىد ئىبنى دۇرەيكتىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋېلىپ «ئى ئەسما! قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلىدۇ. (ئەبۇداۋۇد 4104)[عن الْوَلِيدُ عَنْ سَعِيدِ بْنِ بَشِيرٍ عَنْقَتَادَةَ عَنْ خَالِد بْنِ دُرَيْكٍ عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا أَنَّ أَسْمَاءَ بِنْتَ أَبِي بَكْرٍ دَخَلَتْ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَلَيْهَا ثِيَابٌ رِقَاقٌ فَأَعْرَضَ عَنْهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقَالَ : يَا أَسْمَاءُ إِنَّ الْمَرْأَةَ إِذَا بَلَغَتْ الْمَحِيضَ لَمْ تَصْلُحْ أَنْ يُرَى مِنْهَا إِلا هَذَا وَهَذَا- وَأَشَارَ إِلَى وَجْهِهِ وَكَفَّيْهِ.- رواه أبو داوود (4104)]

ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئارقىسىدىن: بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن، دېگەن.

بۇ ھەدىس زەئىپتۇر، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەدىسنىڭ زەئىپلىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

(1) ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك (يەنى بۇ ھەدىس مۇنقەتىئ). ئىمام ئەبۇ داۋۇد «بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن» دېگەن.

(2) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەئىد ئىبنى بەشىر ئەل ئەزدى ـــ ئەبۇ ئابدۇرراھمان بار. بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن بولسىمۇ. ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەئىن، ئىبنى مەدىنىي، نەسائىي، ھاكىم ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى زەئىپ دېگەن.

مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھەدىس رىۋايىتىدە ئىنشەچىلىك ئەمەس. ئۇ قەتادەدىن مۇنكەر رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان.

ئىمام ئىبنى ھىببان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار، رىۋايىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئۇنى «زەئىپ» دېگەن.

(3) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە (يۇقارقىدە زەئىپ راۋىيلاردىن باشقا) يەنە قەتادە بولۇپ، ئۇ مۇدەللەستۇر. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئاڭلىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سۆز قىلمىغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە يەنە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار. ئۇ توغرۇلۇق ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئۇ ئىشنەنچىلىك، ئەمما ئوخشاشلا مۇدەللەس. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.

ھەدىس سەنەدىدە مانا مۇشۇنداق نەچچىلىگەن ئىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر.(انظر فتاوى اللجنة الدائمة ( مجلة البحوث 21/68))

ئائىشە ئانىمىزنىڭ سۆزلىگەنلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن يۇقارقى زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن سەئىد ئىبنى بەشىر ئەبۇ ئابدۇراھمان بۇسرى ھەققىدە بىردىن كۆپ سەلبىي باھا مەۋجۇت.[ قال ابن القطان : ومع هذا فخالد مجهول الحال ، قال المنذري : وفيه أيضا سعيد بن بشير أبو عبد الرحمن البصري نزيل دمشق مولىبني نضر ، تكلم فيه غير واحد-][نصب الراية في تخريج أحاديث الهداية-412]

شەيخ بىن باز بۇ ھەدىسنى بىر نەچچە جەھەتتىن بەك زەئىپ دەپ باھالىغان.[ وأنه ضعيف جداً من وجوه كثيرة…]بىن بازنىڭ بۇ ھەدىسكە پەتىۋاسى: https://www.binbaz.org.sa/noor/2684

ئەسما ئانىمىزدا ۋە باشقا بارچە ئايال ساھابىلەردە نامەھرەملەر ئالدىدا نېپىز كىيىم بىلەن يېرىم-يالىڭاچ يۈرىدىغان ئەخلاقسىزلىق ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئەمەس

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ ھەدىسنى سەھىھ ياكى بۇ ھەقتىكى باشقا رىۋايەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۈچلەنگەن دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئالىملار بۇ ھەدىستىكى ۋەقەلىكنىڭ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىمام ئىبنى قۇدامە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، ھەدىستىكىسى ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىش دەپ چۈشىنىلىدۇ.»

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تۇرغان تەقدىردىمۇ، ھەدىستىكى ئەھۋال ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.»[ كتاب عودة الحجاب (3/336)]

(ھەدىستىكى يۇقارقىدەك نەچچىلىگەن زەئىپلىكتىن سىرت) ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەدىستىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ غەيرى بىر ئەھۋاللىقىنى تونۇپ يېتىمىز. چۈنكى، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا تولىمۇ تەقۋا ۋە ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ئۇ يۇقارقى زەئىپ ھەدىستىكىدەك نېپىز كىيىم بىلەن يۈرىدىغان، ھەم بۇنداق كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كىرىدىغان ئايال ئەمەس.
ئايەت ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان توغرا قاراش، ئايال كىشىنىڭ نامەھرەملەر بار يەردە پۈتۈن بەدىنىنى ئورىشىنىڭ ۋاجىبلىقىدۇر.(ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 23496-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

ئەسما ئانىمىزنى  يېرىم يالىڭاچ كىيىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كىردى دېيىلگەن يۇقارقى بەك زەئىپ ھەدىس ئەسما ئانىمىزنىڭ ۋە باشقا ئايال ساھابىلەرنىڭ نامەھرەملەردىن يۈزىنى ياپىدىغانلىقىغا دائىر تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسكە زىت

ئەسما ئانىمىزنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا نېپىز كىيىم بىلەن كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە قاتمۇ قات مەسىلە بولغاننى ئاز دەپ، بۇ زەئىپ ھەدىس ئەسما ئانىمىزنىڭ ئۆز تىلىدىن كەلگەن تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىسكە قارىمۇ-قارشى:
ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم 1-624: ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن)
فاتىمە بىتنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ھەجگە ئىھرام باغلاپ يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر بىز بىلەن بىللە ئىدى.»(بۇ ئىمام مالىك رىۋاقەت قىلغان سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى ۋە باشقىلىرى سەھىھ دېگەن. ئىمام مالىك نەزىرىدە ئىسنادى شەكسىز سەھىھ)[رواه مالك عن فاطمة بنت المنذر قالت: كنا نخمر وجوهنا ونحن محرمات، ونحن مع أسماء بنت أبي بكر، وهذا الحديث صححه الألباني وغيره، وإسناده صحيح بلا شك عند مالك.]
(بىز بۇ ماقالىدە يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەر توغرۇلۇق توختالمايمىز. چۈنكى، يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا ئايرىم بىر ماقالىمىز بار بولۇپ، ئۇ ماقالىمىزنىڭ ئۇلىنىشى بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرۇپ قويىلىدۇ.)

ئەسما ئانىمىزنىڭ يۈكسەك پەزىلەتلىرى ئۇنىڭ يېرىم-يالىڭاچ كىيىنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى رەت قىلىدۇ
 
  يۇقارقى سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنىغىنىدەك نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ياپىدىغان؛ بۇنىڭدىن سىرت ئىلىم، تەقۋا ۋە پەزىلەتتە ئايال ساھابىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان؛ رەسۇلۇللاھ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش سەپىرىدە سەۋر غارىغا ئەبۇ بەكر سىددىق بىلەن يوشۇرۇنغاندا پۈتكۈل خېيىم-خەتەردىن قورقماي، ئاللاھقا بولغان چىن ئىخلاسى ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىككى زاتقا ئۇزۇق-تۈلۈك توشۇغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ مەدىيىلەپ «ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى» دەپ ئاتىغان؛ جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن بۈيۈك ساھابە زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ ئايالى بولغان؛ مەدىنە دەۋرىدە رەسۇلۇللاھ بىر توپ ساھابىلەر بىلەن كېتىۋاتقىنىدا ئېتىزدىن قايتىۋاتقان ئەسما ئانىمىزنى كۆرۈپ تۆگىسىنى چۆكتۈرۈپ تۆگىگە مىندۈرۈۋالاي دېگەندە ئىپپىتى سەۋەبلىك، شۇنداقلا كىچىك يېشىدا مۇسۇلمان بولغان يولدىشى زۇبەير ئىبنى ئاۋۋامنىڭ كۈنلەمچىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىگە مىنگەشكىلى ئۇنىمىغان؛ ساھابىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى، رۇسۇلۇللاھنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ قىزى ھېسابلانغان بۇ بۈيۈك ساھابە ئانىمىزنىڭ يۇقارقى زەئىپ ھەدىستىكىدەك بەدەن شەكلى ۋە بەدىنىنىڭ رەڭگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئادەتتىكى ھەر قانداق مۇسۇلمان ئايال ھېلىغۇ نامەھرەم ئىكەن، ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ نېپىز كىيىم بىلەن يۈرۈشى مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، ئەسما ئانىمىزنىڭ نېپىز كىيىم كىيىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىرىشى بۇ ساھابە ئانىمىزنىڭ شەنىگە چۈشۈرۈلگەن داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

يۈز ۋە قولنى ئېچىشقا دەلىل قىلىنغان بۇ ھەدىس بەك زەئىپ بولغاچقا باشقا زەئىپ ھەدىس بىلەن كۈچلىنىپ ھەسەن بولالمايدۇ

ئاياك كىشىنىڭ يۈزى ۋە قولى ئوچۇق تۇرسا بولىدۇ دېگەن بۇ زەئىپ ھەدىسنىڭ سەنەدىدىمۇ، مەزمۇنىدىمۇ بۇنداق ئېغىر خاتالىق بولغان ئىكەن، بۇ زەئىپ ھەدىستىكى «يۈز بىلەن قول ئوچۇق تۇرسا بولىدۇ» دېگەن باياننى تۇتقا قىلىپ، ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قولىنى نامەھرەم بار يەردە ئېچىش دۇرۇس دەپ ھۆكۈم ئېلىش ئوچۇق خاتالىق.
شۇنداقلا، ئىككى يېنىك زەئىپ ھەدىس بىرلەشسە ھەسەن بولىدۇ دېگەن قائىدىنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپ، بەك زەئىپ ھېسابلانغان بۇ ھەدىس بىلەن بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەزمۇندىكى يەنە بىر زەئىپ ھەدىسنى قوشۇپ ھەسەن قىلىمەن ۋە ھەسەن ھەدىسنى سەھىھ ھەدىسنىڭ بىر تۈرى دەپ تۇرۇپ بۇ ھەدىستىن يۈز ۋە قولنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە دەلىل ئالىمەن دېيىشمۇ ھەم ئالدىراڭغۇلۇق، بۇنداق مۇھىم شەرئىي مەسىلىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بارمىغانلىق. چۈنكى، بۇ ھەدىس بەك زەئىپ بولغاچقا، باشقا زەئىپ ھەدىس بىلەن قوشۇلۇپ ھەسەن بولالمايدۇ. ھەسەن بولالىشى ئۈچۈن بۇ ھەدىسمۇ، بۇنىڭ باراۋىرىدىكى يەنە بىر زەئىپ ھەدىسمۇ بەك زەئىپ بولۇشىدىن خالىي بولۇش، سەنەدىدە يېنىك زەئىپلىك بولغان بولۇش كېرەك. سەنەدىدە ئېغىر زەئىپلىك بولغان بۇنداق ھەدىس ھېچقانداق ھەدىس بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنى ھەسەن قىلالماسلىقى ئېنىق. نەتىجىدە، بۇنداق بەك زەئىپ ھەدىسلەرگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئۆزىلا چوڭ خاتالىق بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېغىر پىتنىلەر، ئاسىيلىقلار ۋە گۇناھلار مەيدانغا كېلىشى سۆزسىز ھەقىقەت.
بۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ تۈردىكى ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ ئايال كىشىنىڭ قولى ۋە يۈزىنى ئەۋرەت ئەمەس دەۋاتقانلار ئۆزى ھۆكمى ۋە مەيدانىغا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇپ قايتا قاراپ چىققاي.

«قۇرئاننىڭ ھېچيېرىدە يۈز يېپىشنىڭ بۇيرۇلغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق ئايەت يوق» دېيىش رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ قۇرئاننى شەرھلەيدىغانلىقى ئىنكار قىلغانلىق، شۇنداقلا قۇرئاندا ئېنىق لەۋز بىلەن كەلگەن، ئەمما سۈپىتى بايان قىلىنمىغان باشقا مۇھىم پەرز ئىبادەتلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىق

يەنە بىر مەسىلە شۇكى، بەزى كىشىلەر قۇرئاندا ھىجاب ئايىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «يۈز يېپىش» كەلىمىسى يوق دەپ جۆيلىمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ باتىل جۆيلىمىسى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قۇرئاندا قەبرە ئازابى يوق، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى توغرۇلۇقمۇ ئايەت يوق، زىناخورنى چالما كېسەك قىلىش يوق دېگەن شەيتانىي داۋالىرىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى سەزمەيۋاتماقتا.
يۇقارقى بەك زەئىپ ھەدىسنى دەلىل قىلىۋېلىش سەۋەبلىك ئېزىپ كەتكەننى ئاز كەلدى دەپ، قۇرئاندا «يۈزۈڭلارنى يېپىڭلار» دەپ ئېنىق بۇيرۇق يوق دەپ يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكىنى، ياكى يۈز يېپىشنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان مەنتىقە توغرا بولسا؛ قۇرئاندا بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىسمى، ۋاقتى ۋە قىلىنىش شەكلى، زاكات مىقدارى، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھاراملىقى… قاتارلىق مەسىلەر ئوچۇق بايان قىلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك، بەش ۋاخ نامازدىن تارتىپ ھەممىنى ئىنكار قىلىشتەك كۇفۇرلۇق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى، قۇرئاندا يۈز يېپىش بۇيرۇقى بولمىغاندىكىن يۈز يېپىشنى پەرز ئەمەس دېيىش بىلەن، قۇرئاندا بەش ناماز ئېنىق بەلگىلەنمىگەن، شۇڭا بەش ۋاخ ناماز پەرز ئەمەس دېيىشنىڭ ھەر ئىككىسى بىر قېلىپتىن چىققان  ئوخشاش تۈردىكى ئازغۇنلۇق.
«قۇرئاندا ‹يۈزۈڭلارنى يېپىڭلار› دەپ ئېنىق بۇيرۇق يوق، شۇڭا يۈز يېپىش پەرز ئەمەس» دېيىش بىلەن قۇرئاندا بەش ۋاخ نامازنىڭ ئىسمى ۋە قىلىنىش شەكلى بايان قىلىنمىغان، شۇڭا بەش ۋاخ ناماز پەرز ئەمەس دېگەننىڭ ھېچبىر پەرقى يوق. ھالبۇكى، كىم بۇنداق گەپنى قىلسا ئايەت-ھەدىسكە ئەمەس شەيتانغا ئەگىشىپ سۆز قىلغان ئازغۇنلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. مەيلى يۈز يېپىش بولسۇن، مەيلى بەش ۋاخ ناماز ۋە ياكى باشقا پەرز ئىبادەتلەر بولسۇن قۇرئاندا ئومۇمىي رەۋىشتە بۇيرۇلغان، سەھىھ سۈننەت تەپسىلىي شەرھلەپ قۇرئاندىكى بۇيرۇقنى ئېنىقلاپ كۆرسەتكەن.(بۇ توغرۇلۇق بۇ ماقالىدە تەپسىلىي توختالساق، ئاساسىي مەقسەد بۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن قىسقىچىلا توختالدۇق.)
شۇڭا، قۇرئاندا يۈز يېپىش بۇيرۇقى يوق دېگۈچى قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ، ئاللاھ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولۇۋاتقان ئازغۇن شەيتاندۇر.

مۇناسىۋەتلىك تېما:
يۈز يېپىشنىڭ پەرزلىكى توغرۇلۇق ئايەت، ھەدىس ۋە تەپسىردىن دەلىللەر

ھىجاب ۋە خىمارنىڭ ئېنىقلىمىسى

ھىجاب-ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى ئوراپ تۇرىدىغان (ۋە بەدەن شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە كەڭتاشا، تېنىنىڭ رەڭگىنى كۆرسىتىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە قېلىن بولغان كىيىمدۇر. خمار بولسا ئايال كىشىنىڭ بېشىنى ئورايدىغان نەرسىدۇر.(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 21134-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قاراڭ) * خىمار ئۇيغۇرچىدىكى «لېچەك» كە تەڭداش سۆزدۇر.

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ