ئىبنى ئۇسەيمىن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى

ئىبنى ئۇسەيمىن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» ھەدىسىنىڭ شەرھى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

mujtehid.com

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. بەنى ئىسرائىلدىنمۇ رىۋايەت قىلساڭلار بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ ھەرەج يوق. كىم بىلىپ تۇرۇپ مېنىڭ نامىمدىن يالغاننى توقۇسا، جەھەننەمگە ھازىرلانسۇن.» (بۇخارى 3202)

ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار.» بۇ «مەن دېگەن، مەن قىلغان بارلىق سۈننىتىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈڭلار» دېگەنلىكتۇر. ھەدىستىكى «بولسىمۇ» قوشۇمچىسى يەتكۈزلىدىغان نەرسىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ھېچكىم «مەن بۈيۈك ئالىم بولمىغۇچە تەبلىغدە بولمايمەن» دەپ بىلگىنىنى يۇتۇۋەتمىسۇن. بۇ توغرا ئەمەس. ئىنسان بىلگىنى بىر ئايەت، بىر ھەدىس بولغان تەقدىردىمۇ بىلگىنىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭ بىر شەرتى باركى، يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىدە، يەنى يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە شۈبھە بولمىغان بولۇشى كېرەك. ھەدىستىكى «ھازىرلانسۇن» كەلىمىسى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدا يالغان ھەدىس توقۇغۇچىنىڭ دوزاختىكى يېرى ھازىرلانغانلىقى ياكى دوزاخ ئەھلى بولۇشقا لايىق بولغانلىقىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش، ئادەتتىكى بىرىنىڭ نامىدا يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش، ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش دېمەكتۇر، ئىسلام شەرىئىتىگە يالغاننى قوشۇش دېمەكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى ۋەھىي جۈملىسىدىن بولۇپ، ۋەھىيگە تايانغان ئىشلار ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىندۇر….(ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 4-513)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

mujtehid.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ