دەۋەت نەدىن باشلىنىدۇ؟
5-سوئال: بۇ يەردىكى ئىسلامىي جامائەتلەر ئىسلامىي دەئۋەتنى ئاۋۋال سىياسەت، ئەقىدە ۋە ئەخلاق قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىدىن باشلاش توغرىسىدا ئىختىلاپلاشتى. ئىسلامىي دەئۋەت ئاۋۋال نەدىن باشلىنىشى كېرەك؟
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 12087-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى mujtehid.com
جاۋاب: ئەگەر دەئۋەت قىلىنغۇچى كاپىر بولسا ـــ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ـــ دەئۋەت تەۋھىد-ئەقىدىدىن باشلىنىدۇ. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ (يەمەنگە ئەۋەتىلىش) ھەدىسىمۇ مۇشۇ خىل مېتودنى (يەنى كاپىرغا دەئۋەتنى تەۋھىد-ئەقىدىدىن باشلاشنى) ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر دەئۋەت قىلىنغۇچى مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭغا ئۇ بىلمەي قالغان ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان مەسىلىلەر بويىچە دەئۋەت قىلىنىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛