ئىمام ئىبنى جەۋزى: ئىمام شافىنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى
220- ئىمام شافىئىي: مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەش شافىي
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
كۇنيەسى ئەبۇ ھەججاجدۇر. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئەبۇ سەئىب ئەل مەخزۇمىنىڭ ئازادگەردىسىدۇر. زەيد ئىبنى ھارىس ئەل مەخزۇمىنىڭ ئازادگەردىسى ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ.
كۇنيەسى ئەبۇ ئابدۇللاھ. ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: مەن 150-يىلى غەززەدە تۇغۇلدۇم. ئىككى يېشىمدا مەككىگە ئېلىپ كېلىندىم. مېنىڭ مال-دۇنيارىم يوق ئىدى. كىچىك يېشىمدا ئىلىم ئۆگەندىم. دۆلەت مەھكىمىسىگە بېرىپ، كەينىگە خەت يېزىلمىغان قەغەز ئىزدەيتتىم.
ئىمام شافىي مۇنداق دەيدۇ: مەن شېئىر يازىدىغان بىر ئادەم ئىدىم، چۆل-جەزىرىلەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېكايە-قوشاقلىرىنى ئاڭلايتتىم. شۇنداق كۈنلەردىن بىرىدە بىرەيلەن ماڭا فىقىھ ئۆگەن، ئاللاھ سېنى كاتتىلاشتۇرسۇن، دېدى.
شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ مېنى ئۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن مەنپەئەتلەندۈردى. مەن مەككىگە قايتىپ سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەدىن ئاللاھ تەقدىر قىلغان مۇددەت ھەدىس يېزىشقا باشلىدىم. كېيىن مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەززەنجىنىڭ ئىلىم مەجلىسىگە قاتناشتىم. ئاخىرىدا ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ مۇۋەتتاسىنى يازدىم. ئۇنىڭغا «ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! مۇۋەتتانى سىلىنىڭ يانلىرىدا ئوقۇغان بولسام» دېدىم. ئىمام مالىك ماڭا «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! مۇۋەتتانى مەندىن ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ يېنىغا بېرىپ، شۇنىڭدىن ئوقۇيسەن» دېدى. مەن «سىلىدە ئوقۇغان بولسام، ئوقۇشۇمنى تىڭشاپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. ئىمام مالىك «ئوقۇ» دېدى. ئۇ ئوقۇشۇمنى تىڭشىدى، مەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئاخىرىدا سىيەر (رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ تەرجىمھالى) كىتابىغا كەلدىم. ئىمام مالىك ماڭا «سىيەر كىتابىنى ياپ، ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! فىقھ ئۆگەن، يۈكسىلىسەن» دېدى.
مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل خىيمەرى دادىسىدىن مۇنداق دەيدۇ: شافىي دەسلەپكى چاغلىرىدا لۇغەت، ئەرەب تىلى ۋە شېئىر ئۆگەندى. كۆپ چاغلاردا بەدەۋىيلەرنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇلاردىكى ئەدەبىياتنى ئۆگۈنەتتى. بىر كۈنى ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىنىدە بىر بەدەۋىي كېلىپ «بىر كۈن ھەيز كۆرىدىغان، بىر كۈن پاك تۇرىدىغان خوتۇن توغرۇلۇق نېمە دەيسەن؟» دەپ سورىدى. شافىي «بىلمەيمەن» دېدى. ئۇ «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! پەرز سەن ئۈچۈن نەپلىدىن ئەلادۇر» دېدى. شافىي «مەن دىن ئىلىمىنى ئۆگۈنۈشنى شۇنىڭ ئۈچۈن قارار قىلدىم، تەۋفىق ئاللاھتىندۇر» دېدى. ئاقىۋەتتە ئىمام مالىكنىڭ يېنىغا كەلدى.
ھۇمەيدى ئىمام شافىيدىن مۇنداق دەيدۇ: مەن ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى بىر يېتىم ئىدىم. يېنىمدا مۇئەللىمگە بېرىدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. ئۆگىتىش ھەققى ھېسابىدا مۇئەللىمنىڭ يېرىگە قاراپ بېرىشىمگە قوشۇلدى. قۇرئاننى خەتمىدىن ئۆتكۈزگىنىمدىن كېيىن مەسجىدكە كىرىپ ئالىملار بىلەن ئولتۇردۇم ۋە ھەدىس يادقا ئالدىم. پاكىز سۆڭەك ئىزدەيتتىم، سۆڭەككە ھەدىس ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى يازاتتىم. بىزنىڭ يوغان بىر ئىدىشىمىز بار ئىدى. سۆڭەكلەر خەت بىلەن توشقاندا ئىدىشقا سېلىپ قوياتتىم. باشقا بىر رىۋايەتتە «ھەدىس ۋە مەسىلە يېزىلغان سۆڭەكلەر ئىككى ئىدىشقا لىق تولدى» دېىلگەن.
ئىسمائىل ئىبنى يەھيادىن شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: مەن يەتتە يېشىمدا قۇرئاننى يادلاپ بولدۇم. ئون يېشىمدا مالىكنىڭ مۇۋەتتاسىنى يادلاپ بولدۇم.
ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ تائالا ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئۈممەتنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى بىرىنى ئەۋەتىدۇ.»(ھاكىم مۇستەدرەكتە رىۋايەت قىلغان) قارىدۇقكى، بىرىنچى يۈز يىلدا ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى، ئىككىنچى يۈز يىلدا شافىينى كۆردۇق.
مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەز زەنجىي شافىيغا: ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، ئىنسانلارغا پەتىۋا بەر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى پەتىۋا بېرىش ۋاقتىڭ كەلدى، دېدى. بۇ چاغدا ئىمام شافىي تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ دادىسى ئىمام ئەھمەدتىن «ئى دادا! شافىي قانداق كىشى؟» دەپ سورىدى. ئىمام ئەھمەد «ئەي ئوغلۇم! شافىي دۇنيا ئۈچۈن قۇياش ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن ساقلىق ئىدى. سەن بۇ ئىككىسىنىڭ ۋرىسلىق قىلغۇچىسىنى، ئوخشىشىنى كۆرەلەمسەن؟» دېدى.
مەيمۇنى مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: سەھەردە ئالتە كىشىگە دۇئا قىلاتتىم، ئۇلارنىڭ بىرى ئىمام شافىيدۇر.
ئىبنى راھاۋىيە مۇنداق دەيدۇ: ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بىلەن مەككىدە ئىدىم، ماڭا «كەل! ساڭا بىر ئادەمنى كۆرسىتەيكى، كۆزلىرىڭ ھازىرغىچە ئۇنداق بىرىنى كۆرگەن ئەمەس» دېدى ۋە ماڭا شافىينى كۆرسەتتى.
يۇنۇس ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر جىنازىگە ھازىر بولدى، جىنازىنىڭ ئۈستى يېپىلغاندا جىنازىغا قاراپ شۇنداق دېدى:«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بايلىقىڭ، ۋە ئۇنىڭ ساڭا سېلىشتۇرغاندا پېقىرلىقى ھۆرمىتىدىن ئۇنى مەغفىرەت قىل!»
رابىئ ئبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرەيلەنگە ھەق ۋە دەلىلنى بىلدۈرسەم، مەن كەلتۈرگەن ھەقلىق دەلىلنى قوبۇل قىلسا ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە يۈكسەلدى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈش ئارزۇسىدا بولدۇم. قاچانكى ئۇ مەن كەلتۈرگەن ھەق ئاساسىدىكى دەلىلگە قارشى كىبىرلەنسە ۋە ھەقلىق دەلىلدىن ئۆزىنى بىھاجەت سانىسا مۇتلەق نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتتى.
ئەھمەد ئىبنى ھەللادتىن: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالسام، ئۇنىڭ خاتالىشىپ قېلىشىنى خالىمىدىم.
ھۇسەين ئىبنى ئەل كەرابىسى مۇنداق دەيدۇ: شافىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قاچانكى بىرى بىلەن مۇنازىرىلەشسەم ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى، توغرىنى تېپىشىنى ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنى، ئاللاھنىڭ ئۇنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىشىنى ئارزۇ قىلدىم. قاچانكى بىرى بىلەن تالىشىپ قالسام ئاللاھ تائالانىڭ توغرىنى ئۇنىڭ تىلىدا ياكى مېنىڭ تىلىمدا ئوچۇقلىشىنى ئارزۇ قىلدىم.
رەبىئ ئىبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەق قىيىن ئەمەللەر مۇنۇ ئۈچتۇر: كىرىمى ئاز تۇرۇغلۇق مەردلىك قىلماق، يالغۇز چاغدا تەقۋالىق كۆرسەتمەك، قورقۇدىغان ۋە ياخشىلىق ئۈمىد قىلىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا ھەقنى سۆزلىمەك.
يەنە رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلكىنى ئاڭلىدىم: ئىنسانلارنىڭ مەندىن ئىلى ئۆگىنىشىنى ۋە ئۆگەنگەن ئىلىمىنى ماڭا نىسبەت بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىلىم ئۆگەنمەك نەپلە ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەلدۇر.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ۋەھب مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئۈچ نەرسىگە موھتاجدۇر: ئۇلارنىڭ بىرىنجىسى ئىقتىساد، ئىككىنجىسى ئۇزۇن ئۆمۈر، ئۈچىنجىسى ئەقىل.
رەبىئتىن، شافىي مۇنداق دەيدۇ: كىم باشلىق بولۇشنى ئارزۇلىسا، باشلىقلىق ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. ياش بىرى باشلىق بولسا، كۆپلىگەن ئىلىملەرنى يوق قىلىدۇ.
يۇنۇس ئىبنى ئەئلا مۇنداق دەيدۇ: شافىي مۇنداق دېدى: ئەي يۇنۇس، بىر دوستۇڭدىن سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشنى سەزسەڭ، ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىپ دوستلۇقنى بۇزما. ئۇنداق قىلساڭ يېقىنىڭدىن شەك سەۋەبلىك يىراقلاشقان بولىسەن. شۇنداق قىلغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ «سەندىن بەزى ئىشلارنى ھېس قىلدىم» دېگىن ۋە ئۆزۈڭ سەزگەن ئىشنىڭ ئىسمىنى چىقارما. ئەگەر ئىنكار قىلسا «سەن تولىمۇ سادىق ۋە دۇرۇست بىرىسەن» دېگىن ۋە بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلما. ئەگەر دوستۇڭ ئۇ ئىشنى ئېتىراپ قىلسا، سەن ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى ماقۇل كۆرسەڭ، ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى قوبۇل قىل. ئەگەر ماقۇل كۆرمىسەڭ «ئۇ ئىشتا ماڭا نېمە قىلىشنى ئويلىغان ئىدىڭ؟» دېگىن. ئەگەر يەنە بىر ئۆزۈر بايان قىلسا، يەنە ئۇنىڭ ئۆزۈرىسىنى قوبۇل قىل. ئەگەر ئۆزۈرىسىنى قوبۇل كۆرمىسەڭ ۋە سەن ئۈچۈن چىقىش يولى قالمىسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ شۇ يامانلىقنى قىلغىنىنى جەزملەشتۈر. سەن ئىشنى ھەقىقىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىن خالىساڭ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قىلغىنىدىن ئېشىپ كەتمىگۈدەك ھالەتتە جاۋاب قايتۇر، خالىساڭ ئۇنى ئەپۇ قىل. ئەپۇ قىلىش تەقۋاغا تېخىمۇ يېقىن، پەزىلەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭ باراۋىرىدىكى يامانلىقتۇر. كىم كەچۈرسە ۋە ئارىسىنى ئسىلاھ قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ.»(شۇئەرا سۈرىسى، 40-ئايەت)
ئەگەر ئۇنى مۇكاپاتلاشنى قوبۇل كۆرمىسەڭ، ئاراڭلاردا بۇرۇن ئۆتكەن ياخشىلىقنى ئەسلە ۋە شۇ ياخشىلىقنى تەكرارلا. ئاندىن ئۇنىڭ بۇ يامانلىقىغا قارشى بىر ياخشىلىق قىل. بۇ يامانلىق سەۋەبىدىن ئۆتكەنكى ياخشىلىقلىرىنى يوققا چىقارما. چۈنكى، بۇنداق قىلىش دەل زۇلۇمنىڭ ئۆزىدۇر.
ئەي يۇنۇس، بىر دوستۇڭ بولسا، قولۇڭنى ئۇنىڭغا ئۇزارت. چۈنكى، دوستلاشماق تەس، ئۇنىڭدىن ئايرىلماق ئاساندۇر.
شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئەي يۇنۇس، كىشىلەردىن ئايرىلىۋالماق دۈشمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىلەر بىلەن بەك ئوچۇق-يورۇق ئارىلىشىپ كەتمەك يامان دوستقا ئېرىشتۈرەر. سەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بول.
بىر كىشى شافىينىڭ يېنىدا مۇھەممەد ئىبنى ھەسەننىڭ يامان گېپىنى قىلدى. شافىي ئۇنىڭغا: ئۇزۇن زاماندىن بېرى بۈيۈك كىشىلەر ئاغزىدىن چىقىرىۋەتكەن گۆش پارچىلىرىنى چاينىدىڭ، دېدى.
رەبىئ ئىبنى سۇلايمان مۇنداق دەيدۇ: شافىي مۇنداق دېدى: سۈكۈت قىلىش بىلەن سۆز قىلىشقا ۋە ئويلىنىش بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا ياردەم ئىزدەڭلار.
يەنە ئۇنىڭدىن، شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئەي رەبىئ! ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلىش يەتكىلى بولماس نىشاندۇر. سەن ئۆزۈڭگە لازىم بولغانغا قارا. چۈنكى، ئىنسانلارنى رازى قىلىشنىڭ يولى يوق. بىلگىنكى، كىم قۇرئان ئۆگەنسە، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە يۈكسىلۇر. كىم ھەدىس ئۆگەنسە دەلىلى ساغلام بولۇر. كىم نەھۋى (ئەرەب تىلى گرامماتىكىسى) ئۆگەنسە ھەيۋىتى بولۇر. كىم ئەرەپچە ئۆگەنسە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇر. كىم ھېساب ئۆگەنسە پىكىرى ئوچۇق بولۇر. كىم فىقھى ئۆگەنسە قەدرى ئۈستۈن بولۇر. كىم ئۆزىنى ساقلىمىسا، ئىلىمى ئۇنىڭغا مەنپئەت بەرمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى تەقۋادۇر.
مۇزەنى مۇنداق دەيدۇ: شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: كىم قۇرئان ئۆگەنسە قىممىتى يۇقىرى بولۇر. كىم فىقىھقا كۆڭۈل بۆلسە ھۆرمىتى ئاشار. كىم ھېساب ئۆگەنسە پىكىرى ئوچۇق بولۇر. كىم ھەدىس يازسا دەلىلى كۈچلۈك بولۇر. كىم نەپسىنى ساقلىمىسا، ئىلىمى ئۇنىڭغا پايدا بەرمەس.
رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن، شافىينىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىدىم: ئەقىللىق كىشى زېرەك بولىدۇ، ئەمما زېرەكلىكىنى ئەسلا سەزدۈرمەيدۇ.
شافىي مۇنداق دېگەن: ئەگەر سۇنىڭ ئېتىبارىمنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلسەم سۇ ئىچمىگەن بولاتتىم.
رەبىئ مۇنداق دەيدۇ: بىرەيلەن شافىينىڭ يېشىنى سورىدى، شافىي: براۋغا يېشىنى خەۋەر بېرىش پەزىلەتلىك ئەھۋاللاردىن ئەمەس.
يەنە بىر رىۋايەتتە شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: براۋغا يېىشىنى دېيىش پەزىلەتلىك ئەھۋاللاردىن ئەمەس. ئەگەر كىچىك بولسا خور كۆرۈلۇر، چوڭ بولسا قېرى سانىلۇر.
ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ تاھىر مۇنداق دېگەن: شافىي كېچىنى ئۈچكە بۆلەتتى. كېچىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچتىن بىرىدە كىتاب يازاتتى. ئىككىنچى ئۈچتىن بىرىدە ناماز ئوقۇيتتى. ئۈچۈنچى ئۈچتىن بىرىدە ئۇخلايتتى.
ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەبۇ تاھىر مۇنداق دېگەن: شافىي رامزاندا قۇرئاننى ئاتمىش قېتىم تامام قىلاتتى، نامازدا قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرى بۇنىڭدىن سىرت ئىدى.
ئەبۇ بەكرى نىشاپۇرى مۇنداق دەيدۇ: رەبىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: شافىي ھەر ئايدا قۇرئاننى ئوتتۇز قېتىم تامام قىلاتتى. رامزاندا ئاتمىش قېتىم تامام قىلاتتى. نامازدا ئوقۇغانلىرى بۇنىڭدىن سىرت ئىدى.
نەھشەل ئىبنى كەسىرنىڭ دادىسى مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر كۈنى رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن ھارۇن رەشىدنىڭ بىر ئۆيىگە كىردى. يېنىدا خىزمەتچى سەرراج بار ئىدى. شافىينىڭ ھارۇن رەشىدنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى ئەبۇ ئابدۇسسەمەدنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. سەرراج شافىيغا: ئەي ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، بۇلار ئەمىرۇل مۇئمىنىننىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئېيتقان بولسىلا، دېدى. شافىي مۇنداق دېدى: ئەمىرۇل مۇئمىنىننىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن دەسلەپ قىلىدىغان ئىشىڭ ئۆز نەپسىڭنى ئىسلاھ قىلىش بولسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى سېنىڭ كۆزۈڭگە باغلىقتۇر. ئۇلار سەن ياخشى ھېسابلايدىغان ئىشلارنى ياخشى ھېسابلايدۇ، سەن يامان كۆرىدىغان ئىشنى يامان كۆرىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆگەت، ئۆگىتىشتە ئۇلارنى زورلىما، زېرىكىپ قالمىسۇن؛ ئۇلارغا ئازراق بېسىم ئىشلەتكىن، بولمىسا كىتابنى تەرك ئەتمىسۇن. ئاندىن ئۇلارغا شېئىرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى، ھەدىسنىڭ ئەڭ شەرەپلىكلىرىنى رىۋايەت قىل. ئۇلارغا بىر ئىلىمنى ياخشى ئۆگەتمىگۈچە باشقا ئىلىمگە ئۆتمە. چۈنكى، سۆزلەرنىڭ قۇلاقتا ئارىلىشىپ كېتىشى (يەنى ئۆزى ئۆگەنگەن ئىلىمگە پىششىق بولماسلىق) ئەقىلنى زەيىپلەشتۈرىدۇ.
ھۇمەيدى مۇنداق دەيدۇ: شافىي بىر سەپىرىدە يەمەندىن كەلدى، يېنىدا يىگىرمە مىڭ دىنار بار ئىدى. چېدىرىنى مەككىنىڭ سىرتىغا قۇرۇپ، ھەممىسىنى تارقىتىۋەتمىگۈچە ئورنىدىن تۇرمىدى.
مۇزەنىدىن، شافىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: كىمنىڭ كىيىمى پاكىز بولسا قىيىنچىلىقى ئاز بولۇر، كىمنىڭ پۇرىقى خۇش پۇراق بولسا ئەقلى زىيادە بولۇر.
رەبىئ ئىبنى سۇلايماندىن شافىي مۇنداق دەيدۇ: ئۈستى بېشى رەتلىك بولغان كىشىنىڭ ھەرىكىتى كالامپاي بولماس.
يەنە ئۇنىڭدىن: بىر كىشى شافىيدىن بىر مەسىلە سورىدى، شافىي جاۋابەن: بۇ ھەقتە پالانچى ۋە پالانچىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، دېدى. سوئال سورىغان كىشى «ئەي ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! سىلىمۇ شۇنداق دەپ قاراملا؟» دېۋىدى، شافىي «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىپ، شۇ ھەدىسكە ئۇيغۇن سۆز قىلمىسام، مېنى قايسى يەر توشۇر، قايسى ئاسمان سايىدىتار؟ باش ئۈستىگە شۇنداق قارايمەن» دېدى.
شافىي بىر ھەدىس رىۋايەت قىلدى. شۇ سورۇنغا ھازىر بولغانلار «سىلىمۇ بۇ ھەدىسنى ئالاملا؟» دېدى. شافىي: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بىر سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلىپ، ئۇ ھەدىسنى ئالمىسام، سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، ئەقلىمدىن ئازغان ھېسابلىنىمەن، دېدى ۋە قوللىرىنى ئۇزاتتى.
شافىي مۇنداق دېگەن: مېنىڭ كىتابىمدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ بىرەر نەرسىنى بايقىساڭلار، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئېلىپ، مېنىڭ دېگىنىمنى تاشلاڭلار.
ئەبۇ بايان ئەل ئىسفھانى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى چۈشۈمدە كۆردۈم ۋە «ئى رەسۇلۇللاھ! تاغامنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىيغا بىرەر مەنپەئەتلىرى بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر نەرسىنى تەقسىملەپ بەردىلىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، ئاللاھنىڭ ئۇنى ھېسابقا تارتماسلىقىنى ئارزۇ قىلدىم» دېدى. مەن «نېمە سەۋەبتىن شۇنداق ئارزۇ قىلدىلا، ئى رەسۇلۇللاھ!» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «چۈنكى، ئۇ ماڭا شۇنداق بىر سالاۋات يوللايدۇكى، ھېچكىم ئۇ يوللىغان سالاۋاتنى يوللىيالمايدۇ» دېدى. مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ قانداق سالاۋات؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ سالاۋاتىنى مۇنداق دېدى:«ئى ئاللاھ! زىكىر قىلغانلار ئۇنى زىكىر قىلغان، غافىللار ئۇنىڭدىن غافىل قالغان مۇددەتتە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھ ۋەسسەللەمگە سالام يوللا!»
مۇزەنى مۇنداق دەيدۇ:
ئۆلۈم سەكراتىدا ياتقان شافىينىڭ يېنىغا كىردىم. «قانداق ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزدىلا؟» دەپ سورىدىم. شافىي «دۇنيادىن كەتمەكچى، دوستلۇرىمدىن ئايرىلماقچى، ئۆلۈم قەدەھىنى ئىچمەكچى، يامان ئەمەللىرىمگە ئۇچقاشماقچى ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقماقچى بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدۇم. روھىمنى تەبرىكلەي دېسەم، ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى بىلمەيمەن. روھىمغا تەسەللىي بېرەي دېسەم ئۇنىڭ جەھەننەمگە كىرىشىنى بىلەيمەن» دېدى ۋە يىغلىدى. ئاندىن مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇدى:
قەلبىم ئۆلۈپ يوللىرىم تارايغاندا،
ساڭا بولغان ئۈمىدىمنى مەغفىرىتىڭگە ۋاسىتە قىلدىم.
گۇناھىم ماڭا چوڭ كۆرۈندى،
گۇناھىمنى مەغفىرىتىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىنىمدا، مەغفىرىتىڭ تېخىمۇ چوڭ چىقتى.
سەن ئەزەلدىن بېرى گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىپ كەلدىڭ،
لۇتف ئەيلىگە ۋە ئىكرام قىلغان ھالد سېخىيلىق بىلەن مەغفىرەت قىلىسەن.
شافىي رەھىمەھۇللاھ ئىمام مالىك، ئىبراھىم ئىبنى سەئىد، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، ئابدۇلئەزىز ئەد دەراۋەردى، مۇسلىم ئىبنى خالىد، زەنجى ۋە باشقا كۆپلىگەن كىشىلەردىن ھەدىس ئاڭلىدى.
ئۇنىڭدىن ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلدى.
شافىي 204-يىلى 54 يېشىدا ۋاپات بولدى.
رەبىئ مۇنداق دەيدۇ: شافىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنى چۈشۈمدە كۆردۈم. «ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى! ئاللاھ ساڭا قانداق قىلدى؟» دېدىم. ئۇ «ئاللاھ مېنى ئالتۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى، ئۈستۈمگە ئۈنچىلەرنى چاچتى» دېدى.
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى