ئەللامە ئىبنى باز: قەبرە بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

ئەللامە ئىبنى باز: قەبرە بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

پەزىلەتلىك شەيخ، ئىككى ھەرەم ئىمامى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن بازنىڭ پەتىۋاسى.

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
mujtehid

سوئال: ئىچىدە قەبرە بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئىچىدە (دائىرىسىدە) قەبرە بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇش چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا مەسجىد ئىچىدىكى بۇ قەبرىلەر چوقۇم كولىنىپ، قەبرە ئىچىدىكى مېيتنىڭ قالدۇق جەسىتى جامائەت قەبرىستانلىقىغا يۆتكىلىشى كېرەك. ھەربىر قەبرىدىكى جەسەت (قالدۇقى) ئايرىم قەبرىگە قويۇلۇشى كېرەك.

مەيلى، ۋەلىيلەر (تەقۋدار كىشىلەر) ياكى باشقىلارنىڭ بولسۇن، مەسجىد ئىچىدە قەبرە بولۇش چەكلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇنى چەكلىگەن ھەم شۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، قەبرىنى مەسجىد قىلىۋېلىش قىلمىشلىرى سەۋەبلىك يەھۇدىي – ناسارالارغا لەنەت قىلغان. رەسۇلۇللاھ (سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) سەھىھ ھەدىستە: «ئاللاھنىڭ لەنىتى يەھۇدىي – ناسارالارغا بولسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى مەسجىد قىلىۋالدى» دېگەن. (ئىمام بۇخارى ناماز كىتابىدا، 436 – نومۇر؛ ئىمام مۇسلىم مەسجىد ۋە ئىبادەتگاھ كىتابىدا، 529 – نومۇر؛ نەسائى مەسجىد بابىدا، 703 – نومۇر؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل مۇسنەدنىڭ ئالتىنچى باب، 146 – بېتىدە؛ دارىمى ناماز كىتابىدا، 1403 – نومۇر؛ رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس ھەققىدە، ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا): «پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (بىزنى) ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان» دېگەن.

ئۇممۇ سەلەمە ۋە ئۇممۇ ھەبىبە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەبەشىستاندىكى ئىچىدە سۈرەت بار بىر چېركاۋنىڭ گېپىنى قىلغاندا، پەيغەمبەر (سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم): «ئۇلار ئارىسىدىكى تەقۋادار كىشىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتسە، شۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ئىبادەتگاھ سالىدۇ ھەم ئىچىگە ئاشۇنداق سۈرەتلەرنى قويىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر» دېگەن. (ئىمام بۇخارى ناماز كىتابىدا، 427 – نومۇر؛ ئىمام مۇسلىم مەسجىد ۋە ئىبادەتگاھ كىتابىدا، 528 – نومۇر؛ نەسائى مەسجىد بابىدا، 704 – نومۇر؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل مۇسنەدنىڭ ئالتىنچى باب، 51 – بېتىدە رىۋايەت قىلغان)

 شۇنداقلا، پەيغەمبەر (سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) يەنە: «ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر پەيغەمبەرلىرى ۋە تەقۋادار كىشىلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى ئىبادەت قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان. قەبرىلەرنى مەسجىد قىلىۋالماڭلار؛ مەن سىلەرنى بۇنىڭدىن چەكلەيمەن» دېگەن. (سەھىھۇلمۇسلىمدا جۇندۇب بىن ئابدۇللاھ ئەلباجالىي رەدىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان). پەيغەمبەر (سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) قەبرە ئۈستىگە مەسجىد سېلىشنى چەكلىگەن، شۇنداق قىلغانلارغا لەنەت قىلغان، شۇنداقلا بۇ خىل قىلمىش ساھىبلىرىنىڭ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. شۇڭا، بۇ خىل قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋاجىب.

شۇنىسى ئايانكى، قەبرە ئۈستىدە ناماز ئوقۇغۇچى ۋە قەبرە ئۈستىگە ئىبادەتگاھ ياسىغۇچى ئۇنى مەسجىد ھېسابلىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ قەبرە ئۈستىگە مەسجىد سالغۇچىلارغا قىلغان لەنىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن، قەبرىلەرنى مەسجىدلەردىن ئايرىش ۋە مەسجىد ئىچىگە قەبرە قويماسلىق ۋاجىب.

بىر ئادەم ئىچىدە قەبرە بار مەسجىدتە ناماز ئوقۇسا، شەيتان ئۇنى شۇ قەبرىدىكى ئۆلۈككە دۇئا قىلىشقا، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەشكە ياكى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل قىلمىشلار چوڭ شېرىككە ئاپىرىدۇ. شۇنداقلا، بۇ يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارغا ئوخشاپ قالماسلىق، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ۋە باشقا باتىل يوللارنى تەرك ئېتىش ۋاجىب.

ھالبۇكى، ئەگەر قەبرىنىڭ تارىخى مەسجىدىن ئۇزۇن بولۇپ، مەسجىد قەبرە ئۈستىگە سېلىنغان بولسا، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، شېرىككە ئاپىرىدىغان يوللارنى ئېتىش مەقسىتىدە، بۇنداق مەسجىدلەرنى چېقىۋېتىش ۋاجىب.

تەۋپىق ئاللاھتىن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ