جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان تۆت رەكئەت نامازنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق
ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 6653-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ، ئۇدۇل مۇنبىرىدە ئولتۇراتتى. ئاندىن، مۇئەززىن ئەزان توۋلايتتى. ئەزان تۈگىگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبىسىنى باشلايتتى. ئەگەر جۈمە نامىزىدىن ئاۋۋال قىلىنىدىغان بىرەر سۈننەت ناماز بولغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە بۇنى خەۋەر بەرگەن، بۇ نامازنى ئەزاندىن كېيىن ئوقۇشنى بۇيرۇغان ۋە ئۆزىمۇ ئوقۇغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا ئەزان بىلەن خۇتبە ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق ئىدى.
بۇ ۋەجىدىن، ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى جۇمە نامىزىدىن مۇئەييەن ۋاقىت ئاۋۋال، مۇئەييەن نەپلە ناماز ئوقۇش سۈننىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدە ئوخشاش قاراشتا بولغان. چۈنكى، جۈمەدىن بۇرۇن مۇئەييەن رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇ ھەقتە بىرەر ھەدىس ياكى ئۆزىنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر كەلگەن بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، جۈمەدىن بۇرۇن مۇئەييەن رەكئەت ناماز ئوقۇش توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر كەلمىگەن. ئىمام مالىكنىڭ، ئىمام شافىينىڭ ۋە ئۇ زاتنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ مەزھىبىدە جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن ھېچقانداق سۈننەت ناماز يوق. ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدىمۇ جۈمەدىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان سۈننەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
مۇھەددىس ئىمام ھافىز ئىراقى مۇنداق دېگەن: مەن ئۈچ ئىمامنىڭ جۈمەدىن بۇرۇن سۈننەت ناماز ئوقۇشنى تەرغىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمىنى كۆرمىدىم.
مۇھەددىس ئەلبانى مۇنداق دەيدۇ: شۇ سەۋەبلىك، مېنىڭ بىلىشىمچە جۈمەدىن بۇرۇنقى بۇ ئاتالمىش سۈننەت ناماز ئىمام شافىينىڭ كىتابۇل ئۇمدا، ياكى مەسائىل ئىمام ئەھمەدتە، ياكى باشقا ئىلگىرى ئۆتكەن ھەر قانداق بىر ئىمامنىڭ كىتابىدا يوق.
بۇ ۋەجىدىن مەن دەيمەنكى: جۈمەدىن بۇرۇنقى بۇ ئاتالمىش سۈننەت نامازنى ئوقۇيدىغانلار بۇ ئىشىدا يا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكەن ئەمەس، ئىماملاردىن بىرىگە تەقلىد قىلغانمۇ ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە، جۈمەدىن ئاۋۋال ئاتالمىش سۈننەت نامىزى ئوقۇيدىغانلار مۇجتەھىد ئىماملارغا تەقلىد قىلىدىغان كېيىنكى دەۋىر ئىلىم ئەھلىدىن بەزىسىگە تەقلىد قىلماقتا. مەن بىر تەقلىدچىنىڭ باشقا تەقلىدچىگە تەقلىد قىلىشىنى كۆرۈشتىن ھەيران قالىمەن. (قەۋلۇل مۇبىين 60،374) [شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىدنىڭ پەتىۋاسىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى]
ئۈممەتنىڭ مۇپتىسى، ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 1419-يىلى، مىلادىيە 1999-يىلى) مۇنداق دېگەن:
ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئىككى خىل قاراشنىڭ توغرىسى شۇكى، جۈمە نامىزىدىن ئاۋۋال ئوقۇلۇشى بەلگىلەنگەن مۇقىم سۈننەت ناماز مەۋجۇت ئەمەس. جۈمە نامىزى ئۈچۈن مەسجىدكە (ئىمام خۇتبىگە چىقىشتىن بۇرۇن) كەلگەن مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاللاھ خالىغان رەكئەت، ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ناماز ئوقۇشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىدىكى ۋە كۈندۈزدىكى (نەپلە) نامازلار ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە تۆت سۇنەننىڭ ئاپتورى رىۋايەت قىلغان؛ ھەسەن ھەدىس)
كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن شۇ نەرسە مەلۇم بولىدۇكى، ئىمام خۇتبىگە چىقىشتىن بۇرۇن مەسجىدكە كىرگەن مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تەقدىر قىلغىنى بويىچە ئىمام خۇتبىگە چىققانغا قەدەر ناماز ئوقۇشى ئەۋزەل. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنىڭغا ئىككى، تۆت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ دەپ رەكئەت بەلگىلىگەن ئەمەس. بۇ يۈزدىن نەچچە رەكئەت ئوقۇسا بولىدۇ. بىراق، مەسجىدكە كىرگەن كىشى ئوقۇيدىغان ناماز ئەڭ كامىدا مەسجىدكە سالام بېرىش نامىزىدىن ئىبارەت ئىككى رەكئەت بولغاي.
جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان مۇئەييەن سۈننەت نامازلار بولۇپ، جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت ناماز كامىدا ئىككى رەكئەت، كۆپ بولسا تۆت رەكئەت ئوقۇلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سىلەردىن كىم جۈمە نامىزدىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولسا تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن» دېگەن. (مۇسلىم 8881) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان.(ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى، 12-جىلد، 386-بەت)
ئەللامە سالىھ فەۋزان «قىسقىچە ئىسلام فىقھى» ناملىق كىتابىنىڭ 1-جىلد، جۈمە نامىزى بابىدا جۈمەدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇش توغرۇلۇق توختىلىپ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتە «بۇ نامازنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى يوق بىدئەتتۇر. جۈمەدىن بۇرۇن نەپلە ناماز ئوقۇپ كۆنگەن كىشى بۇنداق بىدئەت نامازنى ئوقۇيدىغان جامائەتنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ بىدئىتىگە خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇماستىن ئولتۇرۇۋېلىشى كېرەك» دېگەن مەزمۇندىكى پەتىۋاسىنى نەقىل قىلغان. ئاللاھ بارچە مۇسۇلمانلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلغۇزىۋاتقان، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار قىلىۋاتقان بارچە بىدئەتلەردىن ۋە ھاراملاردىن قۇتقازغاي. [فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى]