ئىمام مالىكنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى | ئىمام ئىبنۇل جەۋزى

ئىمام ئىبنى جەۋزى: ئىمام مالىكنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى

ئىمام مالىك- مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئەبۇ ئامىر ئەل ئەسباھى

ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ «سەفۋاتۇس سەفۋا» ناملىق ئەسىرىدىن فۇرقان دەۋەت مەركىزى  تەرجىمە قىلدى
mujtehid.com

ئىمام مالىك ئىبنى ئەنەس بۇرۇتنى چۈشۈرۈشنى يامان كۆرەتتى ۋە ئەيىپ سانايتتى، بۇنداق قىلىشنى جىنايەت سانايتتى.

ئەبۇ مۇسئەب ئىمام مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: يەتمىش كىشى مېنىڭ ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرمىگۈچە پەتىۋا بەرمىدىم.

ئىمام مالىك يەنە مۇنداق دېگەن: ئىلىمدە مەندىنمۇ ئۈستۈنلەردىن مېنى پەتىۋا بېرىشكە لايىق كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراپ ئېنىقلىمىغۇچە پەتىۋا پەرمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن رابىئە بىلەن يەھيا ئىبنى سەئىدتىن سورىدىم، ئۇلار مېنىڭ پەتىۋا بېرىشىمنى ئېيتتى. (بۇ سۆزنى بايان قىلغۇچى ئەبۇ مۇسئەب مۇنداق دەيدۇ) مەن ئىمام مالىكتىن «ئى ئابدۇللاھنىڭ دادىسى، ئەگەر ئۇلار سېنى پەتىۋا بېرىشتىن چەكلىگەن بولسا، قانداق قىلاتتىڭ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ «ئۇلار مېنى پەتىۋا بېرىشتىن چەكلىسە، پەتىۋا بېرىشتىن ۋاز كېچەتتىم. بىراۋنىڭ ئۆزىدىنمۇ بىلىملىكرەك بىر ئالىمدىن ئۆزىنىڭ پەتىۋا بېرىش مۇناسىپ ياكى ئەمەسلىكى سورىمىغۇچە (ۋە شۇ ئالىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغۇچە) ئۆزىنى ئىلىم ئەھلى سانىشى توغرا ئەمەس» دېدى.

خالەف مۇنداق دەيدۇ: مەن (ئىمام) مالىكنىڭ يېنىغا كىردىم. ماڭا «جەينامىزىمنىڭ ياكى سېلىنچامنىڭ ئاستىغا قارا» دېدى. قارىدىم، ئۇنىڭدا ئۈستىگە خەت يېزىلغان بىر پارچە قەغەز بار ئىدى. ماڭا «ئوقۇ» دېدى. قەغەزگە مالىكنىڭ بەزى بۇرادەرلىرىنىڭ مالىك ھەققىدە كۆرگەن چۈشى يېزىلغان بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: چۈشۈمدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئۆزىنىڭ مەسجىدىدە كۆردۈم. كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا «مەن سىلەر ئۈچۈن مۇنبىرىمنىڭ ئاستىدا خۇش پۇراق ياكى ئىلىم ساقلىدىم، مالىكقا ئۇنى ئىنسانلارغا تارقىتىشنى بۇيرۇدۇم» دېدى. كىشىلەر «مالىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندايدۇ» دېگىنىچە تارقىلىشتى. مالىك بۇ سەۋەبلىك يىغلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدىم.

ئىبنى ئەبۇ ئۇۋەيس مۇنداق دەيدۇ: ئىمام مالىك ھەدىس رىۋايەت قىلماقچى بولسا تاھارەت ئالاتتى، سېلىنچىسىنىڭ تۆرىدە ئولتۇرۇپ ساقىلىنى تارايتتى، ئورنىدا ھەيۋەت بىلەن جايلىشىۋېلىپ ئاندىن ھەدىس سۆزلەيتتى. ئۇنىڭدىن بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىمەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى پەقەتلا تاھارەتلىك ھالدا ياخشى ئولتۇرغاندىن كېيىن سۆزلەيمەن» دەيتتى. يولدا كېتىۋېتىپ، ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئالدىراش ھالەتتە ھەدىس سۆزلەشنى خالىمايتتى ۋە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ چۈشۈنۈلىشىنى ئارزۇلايمەن» دەيتتى.

ئىبراھىم ئىبنى مۇنزىردىن: مەئن ئىبنى ئىسانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: مالىك ئىبنى ئەنەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەدىس سۆزلىمەكچى بولسا غۇسل قىلاتتى ۋە ئۈستى بېشىغا خۇشپۇراق سۈرەتتى. يېنىدىكى بىرەرسى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، «ئاۋاز چىقارما، چۈنكى ئاللاھ تائالا:

{ئى مۇئمىنلەر! ئاۋازىڭىزنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار}(سۈرە ھۇجۇرات:2-ئايەت)} دېدى. كىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسى رىۋايەت قىلىنىۋاتقاندا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، بەئەينى ئاۋازىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرگەنگە باراۋەر بولىدۇ، دەيتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ۋەھب ئىمام مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئىلىم كۆپ رىۋايەت قىلىش بىلەن ۋايىغا يەتمەس، ئۇ پەقەت ئاللاھ بەندىنىڭ قەلبىگە قويغان بىر نۇردۇر.

مالىك ئىبنى ئەنەستىن «ئىلىم ئىزدەش توغرۇلۇق نېمە دەيلا؟» دەپ سورالدى. ئىمام مالىك «ئىلىم ئىزدەش ياخشى كۆرۈلىدىغان، گۈزەل ئەمەلدۇر. سەن ئەتىگەن ئاخشام ساڭا لازىم بولىدىغان نەرسىگە قارا، ئۇنى قاچۇرما» دېدى.

ئىبنى مەھدى مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى ئىمام مالىكتىن بىر مەسىلە سورىدى. ئىمام مالىك «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ كىشى «مەن بۇنى سىلىدىن سوراش ئۈچۈن ئۇزاق يوللارنى بېسىپ كەلگەن ئىدىم» دېدى. ئىمام مالىك ئۇنىڭغا «يۇرتۇڭغا قايتقىنىڭدا ‹مەن بۇ ئىشنى مالىكتىن سورىسام، بىلمەيمەن دەپ جاۋا بەردى› دېگىن» دېدى.

ھەنبەل ئىبنى ئىسھاق مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ئابدۇللاھتىن مالىكنى سورىدىم، ئۇ «مالىك ئىلىم ئادەملىرىنىڭ خوجىلىرىدىن بىرىدۇر، ئۇ ئىلىمدا ۋە فىقىھتا ئىمامدۇر» دېدى. ئاندىن «كىم مالىكقا ئوخشاش ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىلىمىگە ئەقىل ۋە ئەدەب بىلەن ئەگىشەلەيدۇ؟» دېدى.

ئىبنى ئەبۇ ئۇۋەيس مۇنداق دەيدۇ: مالىك ئىبنى ئەنەس بىر قانچە كۈن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئاندىن ۋاپات بولدى. مالىكنىڭ جان تەسلىم قىلىدىغاندا نېمە دېگەنلىكىنى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرىدىن سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: مالىك جان ئۈزۈش ئالدىدا كەلىمە شاھادەت ئېيتتى، ئاندىن «ئالدىڭدا ۋە ئارقاڭدا ئەمر ئاللاھقا خاستۇر» دېدى.

ئىمام مالىك بىر يۈز يەتمىش توققۇزىنچى يىلى ھارۇن رەشىدنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە رەببىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئون تۆتىنجى كۈنى سەھەردە ۋاپات بولدى. بەقىئ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. ۋاپات بولغان چاغدا سەكسەن بەش ياشتا ئىدى. ئاللاھ بۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ