بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى بايان قىلىنغان 15 سەھىھ ھەدىس

سەھىھ ھەدىستىن بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

بەش ۋاخ نامازنىڭ ئومۇمىي ۋاقتى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەندىن باشلاپ، كىشىنىڭ سايىسى ئۆز بويى مىقدارىغا يەتكۈچە، ئەسىرنىڭ ۋاقتى كۈن سارغىيىپ كەتكۈچە، شامنىڭ ۋاقتى شەپەق قالمىغۇچە، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە، بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە بولىدۇ. كۈن چىقىۋاتقاندا ناماز ئوقۇما، چۈنكى كۈن شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.» (مۇسلىم 612)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنىڭ ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقى ۋاقتى بار. پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئېگىلگەندە باشلىنىپ، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىشى بىلەن تۈگەيدۇ. ئەسىرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى كۈن سارغايغاندا تۈگەيدۇ. شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن باشلىنىپ، شەپەق نۇرى يوقالغاندا ئاخىرلىشىدۇ. خۇپتەننىڭ ۋاقتى كەچكى شەپەق يوقالغاندا باشلىنىپ، يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.» (تىرمىزى 151؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن)

بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ «(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بامداتنى تاڭ خېلى قاراڭغۇ چاغدا ئوقۇيتتى» دېگەن. (بۇخارى 560-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى)

ئىمام بۇخارى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرگە مۇنداق دېگەن: «بىز مۇئمىنە ئاياللار پۈركەنجىلىرىمىزگە ئوبدان ئورىنىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بامدات نامىزى ئوقۇيتتۇق. نامازدىن قايتقان ۋاقىتتا بىر-بىرىمىزنى تونۇيالمايتتۇق.» (بۇخارى 578)

ئىمام بۇخارى ئەبۇ زەر ئەسلەمىيدىن رىۋايەت قىلغان ناماز ۋاقىتلىرى توغرۇلۇق ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا، ئەبۇ زەر ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بامدات نامىزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:«(بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن) بامدات نامىزىنى ئوقۇپ قايتقان ۋاقىتتا ئالەم ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى تونۇغىدەك يورۇيتتى، بامداتتا ئاتمىش ئايەتتىن يۈز ئايەتكىچە ئوقۇيتتى.» (بۇخارى 599-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن بامداتنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا، بامداتنى ئادا قىلغان بولىدۇ. كىمكى كۈن كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئەسىرنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرگەن بولسا ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.» (بۇخارى 579)

پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنى پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپرەك ھاۋا سالقىدىغاندا ئوقۇڭلار، چۈنكى، قىززىق ھاۋا جەھەننەم يالقۇنىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.» (بۇخارى 534)

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنى پېشىننى سەل كېچىكتۈرۈپ ھاۋا سالقىندىغاندا ئوقۇيتتى، ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى بۇرۇنراق ئوقۇيتتى.» (نەسائىي 499؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن)

ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەسىر نامىزىنى كۈن خېلىلا تىك ۋە پارقىراق ۋاقىتتا ئوقۇيتتى. نامازدىن كېيىن، بەزىلەر مەدىنىنىڭ يىراق مەھەللىلىرىگە بارغاندا، كۈن يەنىلا خېلى ئېگىزدە كۆرۈنەتتى. مەدىنىنىڭ بەزى يىراق مەھەللىلىرى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىگە) تۆت مىل كېلەتتى. (بۇخارى 550)

ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئوسمان ئىبنى سەھل ئىبنى ھۇنەيف ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھلنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلغان: بىز ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن پېشىن ئوقۇپ چىقىپ، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىرسەك، ئۇ ئەسىر ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن:

ـــ ئى تاغا، نېمە ناماز ئوقۇۋاتىسەن؟- دەپ سورىسام، ئۇ:

ـــ ئەسىر ئوقۇدۇم. بۇ نامازنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇيتتۇق،- دېدى. (بۇخارى 549)

شام نامىزىنىڭ ۋاقتى

رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن شام نامىزىنى ئوقۇپ يانغاندا، ئوقيا ئاتساق، ئوقنىڭ چۈشكەن يېرىنى پەرق ئېتەلەيتتۇ. (بۇخارى 559)

ئەسلەم قەبىلىسىلىك بىر ساھابىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ساھابىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرگە شامنى ئوقۇپ قايتقاندا، مەدىنىنىڭ ئەڭ چېتىدە ئولتۇرغانلارمۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئوقيا ئاتسا، ئوقنىڭ چۈشكەن يېرىنى كۆرەلەيتتى. (نەسائىي 520؛ ئەلبانى ‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن)

مەرسەد ئىبنى ئابدۇللاھتىن كەلگەن بىر ھەدىستە، ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ مىسىرغا غازى سۈپىتىدە كېلىپ شامنى كېچىكتۈرۈپ قويغان ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئۈممىتىم شام نامىزىنى يۇلتۇزلار زىچ ھالەتتە كۆرۈنگەنگە قەدەر كېچىكتۈرۈپ قويمىسىلا، ھەمىشە ياخشىلىق ياكى توغرا يول ئۈستىدە بولىدۇ» دېگىنىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟-دېدى. (ئەبۇ داۋۇد 418؛ ئەلبانى ‹ھەسەن ۋە سەھىھ› دېگەن)

خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خۇپتەننىڭ ۋاقتىنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە ياكى تۈن يېرىمىغىچە كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ» دەيتتى. (ئەبۇ دۋۇد 398؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن؛ دەل مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىس بۇخارىدىمۇ بار، 541-نومۇرلۇق ھەدىستۇر)

ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خۇپتەننى كېچىنىڭ (ئاۋۋالقى) ئۈچتىن بىرىگىچە ياكى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە كېچىكتۈرگىن، لېكىن (كېچىنىڭ يېرىمىدىنمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىش بىلەن) غاپىل بولۇپ قالمىغىن» دېگەن. (مالىك 8)

فۇرقان دەۋەت مەركىزى
mujtehid.com | hadisim.com

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ