پەتىۋا كومېتىتى: رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلۇشى، ۋاپاتى ۋە ئاياللىرى

 

پەتىۋا كومېتىتى: رەسۇلۇللاھنىڭ تۇغۇلۇشى، ۋاپاتى ۋە ئاياللىرى

سوئال: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتى توغرۇلۇق بىلىمگە ئېرىشكۈم بار. رەسۇلۇللاھ قاچان تۇغۇلغان؟ قانچىلىك ياشىغان؟ قاچان ۋاپات بولغان؟ قانچە ئايال بىلەن توي قىلغان؟

 پەتىۋا كومېتىتى پەتىۋا نومۇرى: 3474-نومۇرلۇق پەتىۋا

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جاۋاب: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پىل يىلى (تەخمىنەن مىلادىيە 570-يىلى) رەببىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنى دۈشەنبە (مەككە شەھىرىدە) تۇغۇلغان. ئاتمىش ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئەللىك ئۈچ يىل مەككىدە ياشىغان، ئون يىل مەدىنىدە ياشىغان. ھىجرىيەنىڭ 11-يىلى رەببىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 11-كۈنى، دۈشەنبە (مەدىنە شەھىرىدە) ۋاپات بولغان.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئون بىر ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا، سەۋدە بىنتى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئائىشە بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھەفسە بىنتى ئۇمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھا، زەينەب بىنتى خۇزەيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئەبۇ ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھا، جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇممۇ ھەبىبە رەملە بىنتى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھا، سەفىيە بىنتى ھۇيەي ئىبنى ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە مەيمۇنە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا قاتارلىقلار. (ئاللاھ مۆمىنلەر ئانىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن زارى بولسۇن.) مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن ئىككىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتلىقىدا ۋاپات بولغان. ئۇلار: خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە زەينەب بىنتى خۇزەيمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد؛

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ