پەتىۋا كومېتىتى: پەرزەنتلەرنى كاپىر تۈزۈلمىسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا كومېتىتى: پەرزەنتلەرنى كاپىر تۈزۈلمىسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4172-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئاتا (-ئانا) بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن، ئىسلامىي تەربىيە بىلەن تەربىيىلىشى ۋاجىبتۇر. چۈنكى، پەرزەنتلەر ئاتا (-ئانىلارنىڭ) قولىدىكى ئامانەتتۇر. ئاتا (-ئانىلار) قىيامەت كۈنى پەرزەنتلىرى (نى قانداق تەربىيىلىگەنلىكى ۋە نېمىگە بۇيرۇپ، نېمىدىن توسقانلىقى) توغرۇلۇق سوئال-سوراق قىلىنىدۇ. پەرزەنتلەرنى كاپىرلارنىڭ (يەنى كاپىرلار تۈزۈلمىسىدىكى) مەكتىۋىگە بېرىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، كاپىر تۈزۈلمىسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان پەرزەنتلەرنىڭ پىتنىگە چۈشىشىدىن، ئەقىيدە ۋە ئەخلاقلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدىن قورقۇلىدۇ. (ھارام ۋاستىىلەر ئارقىلىق پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەش ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدۇ.) ئىستىقبال ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«كىم ئاللاھتىن قورقسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىغا ئاسانچىلىق بېرىدۇ.»(سۈرە تالاق، 4-ئايەت)

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ