فىقھۇل مۇيەسسەر: ۋىتىر نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى ۋە رەكئەت سانى
«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ۋىتىر نامىزىنى ئەڭ كامىدا بىر رەكئەتتۇر. چۈنكى، ئىبنى ئۇمەر ۋە ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالدا مۇنۇ ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان:«ۋىتىر كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان بىر رەكئەتلىك نامازدۇر.»(مۇسلىم 752-753)
ۋىتىرنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق بايان قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.(مۇسلىم 738)
بۇ ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى ئىككى سالام بىلەن ئوقۇش دۇرۇس. (يەنى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىپ، ئاندىن يەنە ‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ ناماز باشلاپ بىر رەكئەت ئوقۇش دۇرۇس.) چۈنكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرەتتى. ھەتتا (سالامدىن كېيىن) (ئائىلىسىدىكىلەرنى )بەزى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بۇيرۇيتتى.(بۇخارى 991) بۇ ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى بىرلا تەشەھھۇد ۋە بىرلا سالام بىلەنلا ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن كەلگەن ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكئەتتىلا (تەشەھھۇد ئۈچۈن) ئولتۇراتتى. (نەسەئىي 3-324؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىمام نەۋەۋى ‹بۇ ھەدىسنى نەسەئىي ھەسەن سەنەد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان› دېگەن. ئەلمەجمۇئ 4-17،18)
ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى ئىككى تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزى بۇ شەكىلدە ئوقۇلسا شام نامىزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇش چەكلەنگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ تُشَبِّهُوا بِالْمَغْرِبِ»«ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇماڭلار.»(داراقۇتنى 2-24،25؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى بەيھەقىنىڭ. ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبىمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى› 2-558 دا ‹بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ› دېگەن)
ۋىتىر نامىزىنى پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئىتىدىلا ئولتۇرۇش شەرتى بىلەن يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز قىلاتتى. بۇلارنىڭ بەش رەكئىتىنى ۋىتىر سۈپىتىدە ئوقۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى. (مۇسلىم 737) ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەتتە رەكئەت ياكى بەش رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى. (يەتتە رەكئەتلىك ياكى بەش رەكئەتلىك) بۇ ۋىتىر نامازلىرىنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەنمۇ، گەپ قىلىش بىلەنمۇ ئايرىمايتتى.(ئىبنى ماجە 1192؛ ئەلبانى ‹سەھىھۇ سۇنەنى ئىبنى ماجە› 980-دە سەھىھ دېگەن)
«فىقھۇل مۇيەسسەر»دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى