ساغلاملىق: قورسىقىدا يەل بار بوۋاقلار ئۈچۈن قالتىس شىپا

قورسىقىدا يەل بار بوۋاقلار ئۈچۈن قالتىس شىپا

 

ئوزۇقلۇقشۇناس، خىمىك ئىبراھىم ساراچئوغلى قورسىقىدا يەل بار بوۋاقلار ئۈچۈن مۇنۇ رېتسىپنى تەۋسىيە قىلدى:

قاينىتىش ئەسۋابىدىكى بىر ئىستاكان قايناق سۇغا كىچىك بىر قوشۇق (تاماق يەيدىغان قوشۇق ئەمەس، كىچىك چاي قوشۇقى) زىرىنى سېلىپ، ئاندىن ئۇ بىرلا قاينىغاندا ئوچاقتىن ئېلىپ، پاكىز داكىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستاكاننىڭ ئاغزىغا قويۇپ تۇرۇپ زىرە قوشۇلغان قاينىغان سۇنى ئىستاكانغا قۇيۇڭ. زىرىنىڭ ئۇششاق دانچىلىرى داكىدا قېلىپ، سۈيى ئىستاكانغا چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ زىرە سۈيىگە كىچىك بىر چاي قوشۇقى شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىڭىز تېتىپ كۆرۈپ تەمىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ. تېمپوراتۇرىسى ئۆي تېمپۇراتۇرىسىغا كەلگەندە بوۋاققا چاي قوشۇقى بىلەن ئاغزىدىن بېرىڭ. بۇ شىپالىق ئىچىملىكنى بوۋىقىڭىز يەنە ئىچىمەن دەپ تالىشىپ كېتىدۇ. بوۋىقىڭىزنىڭ قورسىقىدىكى يەل\گاز يوقاپ سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ.

ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن باشقىلارغىمۇ تارقىتىپ قويۇڭ. قېرىنداشلىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز ئازاب، ئەندىشە، ۋە ئاغرىقتىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھقا سالىھ ئىبادەتلەر بىلەن يۈزلەنسۇن. (مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ