ۋىتىر نامىزىنىڭ رەكئەت سانى
(دۇنياۋى پەتىۋا تور بېكىتى ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ پەتىۋاسىنىڭ بىر بۆلىكى)
أقل الوتر ركعة . لقول النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( الْوِتْرُ رَكْعَةٌ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ ) رواه مسلم (752) وقوله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى ) رواه البخاري (911) ومسلم (749) ، فإذا اقتصر الإنسان عليها فقد أتى بالسنة … ويجوز الوتر بثلاث وبخمس وبسبع وبتسع
ۋىتىر نامىزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى بىر رەكئەت. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ۋىتىر كېچىنىڭ ئاخىرىدا بىر رەكئەت ئوقۇلىدۇ. (مۇسلىم 572-نومۇرلۇق ھەدىس) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەت ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. ئەگەر بىرىڭلار تاڭ يۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە بىر رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئوقۇپ بولغان نامىزىنى تاق قىلسۇن. (بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749) كىمكى ۋىتىر نامىزىنى بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن قانائەتلەنسە، سۈننەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بىراق، ۋىتىر نامىزى ئۈچ رەكئەت، بەش رەكئەت، يەتتە رەكئەت، توققۇز رەكئەت ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.