تۇنجى بولۇپ ئىسلامغا كىرگەن ساھابىلەر كىم؟
سوئال: تۇنجى ئىسلامغا كىرگەن ساھابە ئەبۇ بەكرى سىددىقمۇ زەيد ئىبنى ھارىسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا نومۇرى: 8808-نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب: توغرا كۆز قاراش شۇكى: ئەرلەردىن ئىسلامغا تۇنجى كىرگىنى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر؛ ئاياللاردىن تۇنجى ئىسلامغا كىرگە ساھابە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر؛ بالىلاردىن تۇنجى ئىسلامغا كىرگىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر؛ قۇللار ئىچىدىن تۇنجى ئىسلامغا كىرگىنى زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردۇر.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد
[ئەرەبچىسى: الصحيح من القولين: أن أول من أسلم من الرجال أبو بكر رضي الله عنه، ومن النساء خديجة ، ومن الصبيان علي ، ومن الموالي زيد بن حارثة وبلال . وبالله التوفيق. وصلى الله على نبينا محمد، وآله وصحبه وسلم.]