پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى

پەتىۋا كومېتىتى: پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: تاھارەت ئالغاندا پايپاققا مەسھ قىلىش دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

پەتىۋا نومۇرى: 1946-نومۇرلۇق پەتىۋا
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

 

جاۋاب: بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. سالاۋات ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا بولسۇن.

فەقىھلەر تاھارەت ئالغاندا پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمىدە ئىختىلاپلاشقان. بەزىلەر بۇنى دۇرۇس ئەمەس دېسە، بەزىلەر دۇرۇس دېگەن. بۇ ھەقتىكى توغرا قاراش شۇكى: پايپاق پۇتنىڭ تېرىسىنى كۆرسىتىپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە قېلىن بولسا، ھوشۇقنى ياپسا ۋە تاھارەتلىك ھالدا پۇتقا كىيىلگەن ھالەتتە، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرىدۇر. پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇق مۇددىتى مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈز، سەپەر قىلغۇچى-مۇساپىرغا ئۈچ-كېچە كۈندۈز بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى سەھىھ ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان. مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ تَوَضَّأَ وَمَسَحَ عَلَى الْجَوْرَبَيْنِ وَالنَّعْلَيْنِ)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئېلىپ پايپىقىغا ۋە ئايىقىغا مەسىھ قىلغان.» (ئەھمەد 4\252؛ ئەبۇ داۋۇد 159؛  تىرمىزى 99، ئىبنى ماجە 559؛ ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسكە «ھەسەن سەھىھ» دەپ باھا بەرگەن.) كۆپلىگەن ساھابىلەر پايپاققا مەسىھ قىلغان. ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دېگەن: «ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، بەررا ئىبنى ئازىب، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئەبۇ ئۇمامە، سەھل ئىبنى سەئد، ئامىر ئىبنى ھۇۋەيرىس قاتارلىق ساھابىلەر پايپىقىغا مەسىھ قىلغان. ئۇمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس قاتارلىقلارنىڭمۇ پايپىقىغا مەسھ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.» ( أحمد 4 / 252 وأبو داود برقم 160) [يۇقارقى ساھابىلەرنىڭ پايپىقىغا مەسھ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر باشقا ساھابىلەرنىڭ ئۇنداق قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت: ئىمام ئەبۇ داۋۇدقا يېتىپ كەلگەن پايپىقىغا مەسىھ قىلغان ساھابىلەرنىڭ ئىسىملىرى يۇقارقىدىن ئىبارەت.-تەرجىماندىن.]

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. سالاۋات ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە-كراملارغا بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچىلەر: پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ پەزىلەتلىك شەيخ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ پەزىلەتلىك شەيخ؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار پايپىقىغا مەسىھ قىلغان؛ ئۇلارنىڭ ئەسىرىدىكىلەردىن ھېچكىم پايپاققا مەسىھ قىلىشقا قارشىلىقتا بولمىغان. شۇڭا پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ساھابىلەرنىڭ ئىجمائى ھېسابلىنىدۇ.» (ئەلمۇغنى 1\215) وقال ابن قدامة : » الصَّحَابَة رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ، مَسَحُوا عَلَى الْجَوَارِبِ ، وَلَمْ يَظْهَرْ لَهُمْ مُخَالِفٌ فِي عَصْرِهِمْ ، فَكَانَ إجْمَاعًا » انتهى من «المغني» (1/215) .

ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە «مۇسەننەف»تە مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەيياشتىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى سەئىدتىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: جىلاس مۇنداق دېدى: «مەن ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كەڭرى مەيداندا كىچىك تەرەت قىلىپ، ئاندىن (تاھارەت ئېلىپ) پايپىقىغا ۋە ئۆتۈكىگە مەسھ قىلغىنىنى كۆردۈم.» ئىمام ئىبنى ئەبى شەيبە بۇ ئەسەرنى ئۆزىنىڭ مۇسەننەف ناملىق ئەسىرىنىڭ «ئەبۇ ھەنىفەگە رەددىيە» ناملىق بابىدا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى نەقىلدىن كېيىن مۇنداق دېگەن: ئەبۇ ھەنىفە (رەھىمەھۇللاھ) پايپاققا ۋە ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنى ئۇنىڭ ئىچىگە تېرىدىن ئاياق كىيىمى كىيىلمىگەن تەقدىردە يامان كۆرگەن. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە، 7\309)

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھتىن پايپاققا ۋە ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇق مۇددىتىنى سورىغاندا «مەيسىگە مەسىھ قىلىش مۇددىتىگە ئوخشاش، يەنى مۇساپىر ئۈچۈن ئۈچ كېچە كۈندۈز، مۇقىم كىشى ئۈچۈن بىر كېچە كۈندۈز» دېگەن. (مسائل حرب الكرماني كتاب الطهارة 499-نومۇر)

 

ئەسكەرتىش:

ساھابىلەر كەيگەن پايپاق بىز كەيگەن پايپاق ئەمەستى، دەپ ئۆكتە قوپقۇچىغا جاۋاپ

بەزى كىشىلەر ساھابىلەر دەۋرىدىكى پايپاق (جورب) دەپ ئاتالغان نەرسە بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى پايپاق دەپ ئاتالغان نەرسە بىر-بىرىدىن خېلى كۆپ پەرقلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەڭ ئاددىيسى، بىز ئوتتۇز قىرىق يىل پايپاق دەپ كىيىدىغان نەرسىلەرمۇ ھازىرقى پايپاقلاردەك يۇمشاق ۋە نېپىز ئەمەس، راۋۇرۇس قېلىن ئىدى. ئوتتۇز-قىرىق يىل ئىچىدىكى پايپاقلاردا بۇ قەدەر ئۆزگۈرۈش بولغان ئىكەن،  ساھابىلەر ياشىغان دەۋرىدىكى، يەنى 1400 يىل ئىلگىرىكى پايپاق بىلەن 1400 يىل كېيىنكى، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى پايپاقنىڭ پەرقى قانچىلىك چوڭ بولماقچى؟ شۇڭا، ساھابىلەر پايپاققا مەسىھ قىلغان دەپلا، بىز بۈگۈنكى كۈندىكى پايپاقلارغا مەسىھ قىلساق بولمايدۇ، دېيىشىدۇ.
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقىغا، ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەستىن تەدبىق قىلىنىدىغانلىقىغا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا ئىشەنمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. «ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا» دېيىشتىن، بۇنداق سۆز قىلغۇچى ئىسلامنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقىغا ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىگە قەستەن ئۆكتە قوپمىغانلىقىدىندۇر. يەنى بۇ يەردە بىر قەستەنلىك مەۋجۇت ئەمەس، ئۆزىمۇ سەزمەستىن ۋە بىلمەستىن خاتا كېتىش مەۋجۇت.
مەسىلىگە قايتساق، ئىسلامدا پايپاققا مەسىھ قىلىش ھۆكمى بار بولغان ئىكەن، ساھابىلەر ئۆزلىرى پايپاق دەپ كىيىدىغان نەرسىگە مەسىھ قىلغان ئىكەن، ئەگەر ئىسلام فىقھىنىڭ 21-ئەسىرگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك، بۈگۈنكى كۈندىكى پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشمۇ ساھابىلەر پايپىقىغا مەسىھ قىلغانغا ئوخشاش رەۋىشتە دۇرۇس ۋە كۈچكە ئىگە. پايپاققا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسى بولۇش ئۈچۈن، 1400 يىل بۇرۇن ساھابىلەر پايپاق دەپ كەيگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى بۈگۈنكى كۈنىمىزدە كىيىپ تۇرۇپ، ئاندىن شۇنىڭغا مەسىھ قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
ئەگەر 1400 بۇرۇن ساھابىلەر كەيگەن پايپاقنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش، بىلگەن تەقدىردىمۇ ئوخشىشىنى پۇتمىزغا كىيىش مۇمكىن بولمايدۇ دېيىلسە، ئۇ ھالدا، ئىسلامدىكى پايپاققا مەسىھ قىلىش ھۆكمى يوقاپ كەتكەن، ئىسلام شەرىئىتىدىكى پايپاققا مەسىھ قىلىش ھۆكمى زامانىمىزغا ماس كەلمەي ئەمەلدىن قالغان بولۇپ قالىدۇ. يەنى، ساھابىلەر كەيگەن پايپاق بۈگۈنكى پايپاق ئەمەس دېگۈچىنىڭ بۇ سۆزىدىن يۇقىرىقىدەك قورقۇنچلۇق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.
ئىسلام دىنىنىڭ، ئىسلام فىقھىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ، ئىسلام فىقھىنىڭ ھەر دەۋرگە ماس كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلماي تۇرۇپ قىلىنغان يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ