ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى

ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى

(پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ھەرەم ئالىملىرى يازغان «ئاخىرقى ئۈچ پارىنىڭ تەپسىرى ۋە ئاساسلىق دىنىي بىلىملەر» ناملىق كىتابتىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى)

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

شىرك نەچچە تۈرلۈك؟

شېرىك ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنجىسى، چوڭ شېرىك؛ ئىككىنجىسى، كىچىك شېرىك.

 

چوڭ شىرىك ئىشلىگۈچى دىندىن چىقىپ كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ چوڭ شېرىك ئەمەلنى قىلغۇچىنى مەغفىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈش (گۇناھى) نى ھەرگىز مەغفىرەت قىلمايدۇ؛ باشقا گۇناھلارنى خالىغان كىشىلەردىن مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» (نىسا سۈرىسى، 116-ئايەت)

چوڭ شېرىك ئۆز ئىچىدىن تۆتكە بۆلۈنىدۇ؛ ئۇلار: ئا) دۇئا ۋە تەلەپ قىلىشتا شېرىك؛ ئە) نىيەت ۋە مەقسەدتە شېرىك؛ ب) ئىتائەتتە شېرىك. بۇ ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنىنى ھالال، ھالال قىلغىنىنى ھارام سانىغان ئالىملارغا ئىتائەت قىلىشتۇر. پ) مۇھەببەتتە (سۆيگۈدە) شېرىك. بۇ بىر كىشىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تەڭ دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشتۇر.

كىچىك شېرىك: كىچىك شېرىك ئىشلىگەن كىشى دىندىن چىقىپ كەتمەيدۇ.(بىراق، كىچىك شېرىكنىڭ ھەر قاندىقى گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.) كىچىك شېرىك ئىپادىلىنىش نۇقتىسىدىن ئوچۇق شېرىك ۋە مەخپىي شېرىكتىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

ئوچۇق شېرىك: بۇ سۆز ئارقىلىق بولىدۇ، مەسىلەن، كىشىنىڭ ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىشىغا ئوخشاش؛ ئاللاھ ۋە سەن خالىساڭ دېيىش؛ ياكى ئاللاھ ۋە پالانچى بولمىغان بولسا (ئىشىمىز پۈتمەيتتى، مۇنداق مۇنداق بالاغا ئۇچرايتتۇق…) دېيىش.

ئوچۇق شېرىك ھەرىكەت ئارقىلىقمۇ يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، بالا-قازانى يوقىتىش، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىلەيزۈك، يىپ ياكى تۇمار ئېسىش. شۇم پال ئېلىش (شۇملۇق ھېس قىلىش) مەلۇم قۇشلارنى، ئىسىملارنى ياكى جايلارنى شۇملۇق ساناش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. (مەسىلەن، قاغا قاقىلدىسا ئۆلۈم بولىدۇ؛ مۈشۈك ياپىلاق ھۇۋلىسا ئائىلىگە خەتەر ھېس قىلىش…دېگەندەك)

يوشۇرۇن شېرىك: بۇ نىيەتلەردە، مەقسەدلەردە ۋە ئىرادىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر تۈرلۈك شېرىكتۇر. ئاز-تولا رىيا قىلىش بۇ تۈرگە تەۋە.

چوڭ شېرىك بىلەن كىچىك شېرىك ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟

بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى پەرقلەردىن بەزىلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

چوڭ شېرىكنى ئىشلىگەن كىشىنىڭ دۇنيادا ئىسلامدىن چىقىپ كاپىر بولغانلىقىغا ۋە ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىندۇ. كىچىك شېرىكنى ئىشلىگەن كىشىنى كاپىر بولدى دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. شۇنداقلا، چوڭ شېرىك كىشىنىڭ پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ؛ كىچىك شېرىك بولسا كىشىنىڭ شېرىككە ئالاقىدار ئەمەللىرىنىلا يوق قىلىۋېتىدۇ. چوڭ ۋە كىچىك شېرىك ھەققىدە بۇنىڭدىن سىرتقى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بار. كىچىك شېرىكمۇ، چوڭ شېرىكمۇ پەقەتلا تەۋبە بىلەن مەغفىرەت قىلىنامدۇ ياكى، بۇ ئىككى شېرىكنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى چوڭ گۇناھلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ مەغفىرەت قىلىشنى خالاش خالىماسلىقى بىلەن باغلىقمۇ؟ دېگەن بۇ ئىككى مەسىلىدە ئىختىلاپ بار. بۇ ئىككى كۆز قاراشتىن قايسىسى توغرا بولسا بولسۇن، بۇ ھالەتلەر تولىمۇ خەتەرلىكتۇر. [«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ