ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: نامىزى كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيالمايدىغان كىشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: نامىزى كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيالمايدىغان كىشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

[رىيازۇس سالىھىن 1045-نومۇرلۇق ھەدىس]

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«چوڭ گۇناھلار قىلىنمىغانلا مۇددەتتە بەش ۋاخ ناماز شۇ نامازلار ئارىسىدا قىلىنغان (كىچىك) گۇناھلارغا، جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچە قىلىنغان (كىچىك) گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ.» (مۇسلىم 233)

[رىيازۇس سالىھىن 1046-نومۇرلۇق ھەدىس]

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر مۇسۇلمان پەرز نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامىزىنى خۇشۇ بىلەن، رۇكۇ (ۋە سەجدە) لىرىنى كامىل بەجا كەلتۈرگەن ھالدا ئوقۇسا- چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغان ئەھۋالدا- بۇ نامىزى ئىلگىرىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ ھە زاماندا ئوخشاش.» (مۇسلىم 228)

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ يۇقارقى ھەدىسلەرگە قىلغان شەرھى:

بۇ ھەدىسلەر نامازنىڭ پەزىلىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم نامازنى سۈيى مول ۋە داۋاملىق ئاققان بىر دەرياغا ئوخشاتقان. ئەجابا كۈندە بەش ۋاخ بۇ دەريانىڭ سۈيىدە يۇيۇنغان كىشىدە بىرەر كىر قالامدۇ؟ ئەلۋەتتە قالمايدۇ. ناماز دەل مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ نامازلارنىڭ سايىسىدە بەندىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسان، گۇناھلاردىن تازىلىنىپ، پاك-پاكىز ھالەتكە كېلىدۇ. بىراق، بەندىنىڭ ناماز ئارقىلىق كىچىك گۇناھلاردىن پاكلىنىشى – ئىلگىرىمۇ بايان قىلغىنىمدەك – نامازنى خۇشۇئ بىلەن، مۇكەممەل شەكىلدە، ئاللاھ تائالا بىلەن مۇناجات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ناماز تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە ئوقۇلسا، ھەدىستە دېيىلگەن كاتتا ساۋاب قولغا كېلىدۇ.

بەش ۋاخ نامازنىڭ پەزىلەتلىرىدىن بىرى: بەش ۋاخ نامازنىڭ ئۆزى ئارىسىدىكى ۋاقىتتا قىلىنغان، جۈمە نامازنىڭ يەنە بىر جۈمەگىچە قىلىغان گۇناھلارغا – چوڭ گۇناھلارنى ئىشلىمىگەن تەقدىردە-كاففارەت بولۇشىدۇر. بەش ۋاخ ناماز كىچىك گۇناھلارغا كاففارەت بولىدۇ، لېكىن چوڭ گۇناھلارغا كاففارەت بولمايدۇ. مەسىلەن، سودا-سېتىقتا باشقىلارنى ئالداش، ھىيلە ئىشلىتىش چوڭ گۇناھلاردىن. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆزىنىڭ بۇنداق كىشىدىدىن ئۇزاقلىقىنى بايان قىلىپ «ھىيلە ئىشلەتكەن بىزدىن ئەمەس» دېگەن.(مۇسلىم، 102-ھەدىس) بۇ ۋەجىدىن، ھىيلىگەر بىر كىشى ھىيلىسىنى داۋاملاشتۇرغانلىكى مۇددەت ئىچىدە قىلغان نامازلىرى گۇناھلىرىغا كاففارەت بولمايدۇ. چۈنكى، ھىيلە چوڭ گۇناھلاردىن. سودا-سېتىقتا يالغان قەسەم قىلىشمۇ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن):«ئۈچ تۈرلۈك كىشى باركى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ. بۇلارغا قاتتىق ئازاب بار. بۇلار، قىلغان ياخشا ئىشىغا مىننەت قىلغۇچى، كىيىمىنى ئۇزۇن كىيىپ پۇشقۇقىنى يەرگە سۆرۈلدۈرۈۋالغۇچى ۋە يالغان قەسەم بىلەن مېلىنى ساتماقچى بولغان كىشىدۇر.»(بۇخارى 2369؛ مۇلسىم 106) كىيىمنىڭ پۇچقىقىنى كىبىر سەۋەبلىك يەرگە سۆرەلدۈرۈۋېلىشمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ھەتتا، كىبىرسىز ھالدا ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى ھوشۇقىدىن ئاشۇرۇپ ئۇزۇن كىيسە، ئوخشاشلا قىلغان نامىزىنى گۇناھلىرىغا كاففارەت بولمايدۇ. چۈنكى، بۇمۇ (ھەدىستە كۆرسىتىلگەندىكىدەك، دوزاخ ئازابى بىلەن خەۋەر بېرلىگىنى ئۈچۈن) چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. غەيۋەتمۇ چوڭ گۇناھ. مەسىلەن، بامدات نامىزى بىلەن پېشىن نامىزى ئارىلىقىدا بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلغۇچىنىڭ قىلغان پېشىن نامىزى ئۇنىڭ گۇناھىغا كاففارەت بولمايدۇ. بۇ غەيۋەت بىر قېتىملا قىلىنان ياكى پەقەتلا بىر ئادەم ئۈچۈن دېيىلگەن بولسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش.

غەيۋەت خەلق ئارىسىدا بىلىنگىنىدەك (مۇسۇلمان) بىرى (نىڭ شەخسىيىتى) توغرىسىدا يامان سۆز قىلىش، برۋاغا تىل ئۇزاتىشتۇر…

[ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 4-جىلد، 170-، 171-بەتلەر]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ