ئەللامە ئىبنى باز: گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

ئەللامە ئىبنى باز: گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ [ۋاپاتى:ھ1420؛ م 1999]

سوئال: گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ بىدئەتمۇ؟

جاۋاب: بۇنداق جەينامازلاردا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتى چېچىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، (گۈللۈك جاينامازدا ناماز ئوقۇغاندىن) دىققەتنى چېچىش ئېھتىمالى بولمىغان سىيدام جەينامازدا ناماز ئوقۇش، ياكى يەر پاك بولسا بىۋاسىتە شۇ پاك يەردە ناماز ئوقۇش ئەۋزەل. گۈللۈك جەيناماز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ. شۇڭا، بۇنداق جەينامازلاردىن يىراق تۇرۇش ئەۋزەل. [ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەددەرب پەتىۋالىرى» 7-جىلد، 321-بەت]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ