تەپسىر: «ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلەيدۇ»
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دەيدۇ:
{كَذٰلِكَ يَطْبَعُ اللّٰهُ عَلٰى قُلُوبِ الَّذ۪ينَ لَا يَعْلَمُونَ}(30:59)
{ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.}
بۇ ئايەتنى تەپسىرشۇناس ئالىملار مۇنداق تەپسىرلىگەن:
تەبەرى تەپسىرى:
ئەي مۇھەممەد! سەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ۋەز-نەسىھەتلەرنى، ئوچۇق ئايەتلەرنى بىلمىگەن ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئاللاھ مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇكى، بۇنداقلار ئازغۇنلۇقلىرىدا ئەزۋەيلەپ قالىدۇ.
تەپسىر ۋاھىدى:
ئاللاھ تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلىبلىرىنى مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
تەپسىر قۇرتۇبى:
تەۋھىد دەلىللىرىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلىبلىرىنى ئاللاھ مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ. يەنى، ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە (ھەققە قارشى قوپقانلارنىڭ دىللىرىنى) ئاللاھتىن كەلگەن ئايەتلەرنى چۈشەنمىسۇن دەپ (جازا سۈپىتىدە) مۆھۈرلىگىنىدەك، بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنىمۇ مۇشۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
تەپسىر ئابدۇرراھمان سەئدى:
بۇ قەلىبلەرگە بۇ سەۋەبلىك (يەنى ئاللاھتىن كەلگەن ھەق ئىلىمنى –قۇرئان ۋە سۈننەتنى- بىلمەسلىك) سەۋەبلىك ياخشىلىق كىرمەيدۇ. مەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيىتىنى ئىدراك ئېتىپ چۈشنەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ھەقنى باتىل، باتىلنى ھەق دەپ چۈشنىدۇ.