زاكاتنىڭ كىملەرگە بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ دەلىلى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر زاكات ئېلىشقا ھەقلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدىكى سەككىز تۈرلۈك كىشىدۇر:«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»(سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت)
بۇ سەككىز تۈرلۈك كىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
(1) پېقىرلار: پېقىر ـــ ھەم ئۆزىنىڭ، ھەم ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىغان؛ ياكى بۇلار ئۈچۈن ھېچبىر نەرسە تاپالمىغان ياكى بۇ ئېھتىياجلارنىڭ يېرىمىنى تاپالىغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجىنى قامدايدىغان نەرسىلەرگە ئىگە بولمىغان كىشىلەردۇر. بۇنداق كىشىگە ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق بىر يىل يەتكۈدەك زاكات بېرىلىدۇ.
(2) يوقسۇللار (مىسكىنلەر): مىسكىن ـــ ئۆزى ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئېھتىياجلارنىڭ يېرىمىنى ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاپالىغان كىشىدۇر. يەنى، ئىككى يۈز لىراغا ئېھتىياجلىق بىرىنىڭ يۈز لىرانى تاپالىشىغا ئوخشاش. بۇنداق كىشىگە ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق بىر يىل يەتكۈدەك زاكات بېرىلىدۇ.
(3) زاكات خادىمى: بۇ ئىمامنىڭ زاكات يىغىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىشىدۇر. ئىمام بۇنداق كىشىگە ـــ ئۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ ـــ زاكات يىغىپ قايتىپ كەلگەنگە قەدەر يەتكۈدەك مىقداردا بېرىدۇ. چۈنكى، زاكات خادىمى باشقا ئىشلىرىنى تاشلايدۇ. زاكات خادىمى زاكاتنىڭ يىغىلىشى، يېزىلىشى، مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ھەق ئىگىلىرىگە تارقىتىلىشى قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(4) دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار: ئەگەر بۇلار كاپىر بولسا ئىسلامغا ـــ دىللىرىنىڭ ئىسلامغا مايىل بولۇشى ئۈچۈن؛ ئەگەر ئىبادەتكە سۇسلۇق قىلىدىغان ئىمانى زەئىپ كىشىلەر بولسا، ئىمانىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ياكى يېقىنلىرىنىڭ ئىسلامغا كىرىشكە تەشۋىق قىلىنىشى؛ ۋەياكى ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈرش ياكى ئەزىيەتلىرىنى يوق قىلىش مەقسىدىدە زاكاتتىن بېرىلىدىغان كىشىلەردۇر.
(5) قۇل ئازاد قىلىش: بۇنىڭدىن مەقسەد زاكات مېلى ئارقىلىق سېتىۋېلىنىپ ھۆرلۈككە چىقىرىلىدىغان مۇسۇلمان قۇل ياكى دېدەكلەرنى ئازاد قىلىشتۇر. ياكى، بۇنداق قۇل ۋە دېدەك ئەگەر خوجايىنىغا مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەش ئارقىلىق قۇللۇقتىن ئازاد قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق توختاملاشقان بولسا، بۇلارغا توختام سوممىسى مىقدارىدا زاكات بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمان قۇلنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، ھۆرلۈككە ئېرىشىشىشى، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا پايدىسى تېگىدىغان بىر ئەزا بولۇشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئىبادەت قىلىشى ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ. دۈشمەننىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن مۇسۇلمانلارمۇ زاكات مېلى بىلەن قۇتۇلدۇرىلىدۇ.
(6) قەرزدارلار: ئاللاھقا ئىسيانكارلىق ھېسابلانمايدىغان بىر ئىشتا باشقىلارنىڭ ھەققى ئۆزىگە ئۆتۈپ قالغان كىشىلەردۇر. قەرزدار مەيلى مۇباھ ھېسابلىنىدىغان بىر ئىش سەۋەبلىك قەرزدار بولۇپ قالغان بولسۇن، ياكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان بولسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق. بۇنداق كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلىشىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زاكات بېرىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن قەرزدار بولۇپ قالغان كىشىگە ـــ ئۇ باي بولغان تەقدىردىمۇ ـــ زاكاتتىن بېرىشكە بولىدۇ.
(7) ئاللاھ يولىدا: بۇلاردىن مەقسەد بەيتۇل مالدىن مۇئەييەن مىقداردا مائاش ئالمايدىغان، ھەق ئالماستىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققان كىشىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇلارنىڭ باي ياكى نامراتلىقىغا قارىماستىن زاكات بېرىشكە بولىدۇ.
(8) يولۇچى: بۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن پۇل-مالغا ئېھتىياجى بولغان ۋە ئۆزىگە قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كىشى تاپالمىغان، ئۆز يۇرتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلمەي (ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن) يىراق قالغان يولۇچىلاردۇر.