ئەللامە ئىبنى باز: يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ۋە ئوغۇل-قىز ئارىلاش ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
(قوشۇمچە ماۋزۇ: ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئارىلاش ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
سوئال: ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ قىز ئوقۇغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئەگەر قىز ئوقۇغۇچى سالاملىشىش ئۈچۈن قولىنى ئۇزاتسا قانداق قىلىش كېرەك؟
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئبىنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى-ھىجرىيە:1420-يىلى؛ مىلادىيە 1999-يىلى)
جاۋاب: ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سىنىپتا ياكى بىر مەكتەپتە ئارىلاش ئوقۇشى دۇرۇس ئەمەس. ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلاش ئوقۇشى پىتنىنىڭ (گۇناھلىق، ھارام ئىشلارنىڭ) ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. بۇ ۋەجىدىن، ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلاش ئوقۇشى دۇرۇس بولمايدۇ.
ئايال كىشى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش نىيىتىدە قولىنى ئۇزاتقان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان ئەرنىڭ يات ئايال بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى دۇرۇس ئەمەس. بۇنىڭ دەلىلى مۇنۇ ھەدىستۇر:{ «قال حين بيعته للنساء: إني لا أصافح النساء.» سنن النسائي البيعة (4181) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2874) ، مسند أحمد بن حنبل (6/357) ، موطأ مالك الجامع (1842). }«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللاردىن بەيئەت ئالغاندا ‹مەن ئاياللار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن› دېدى.»(بۇ ھەدىسنى نەسائىي، ئىبنى ماجە، ئىمام ئەھمەد، ئىمام مالىك خاتىرلىگەن؛ سەھىھ ھەدىس)
مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (لئن يطعن في رأس أحدكم بمخيط من حديد خير له من أن يمس امرأة لا تحلله)«سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئۆزىگە ھالال بولمايدىغان نامەھرەم ئايالنى تۇتقىنىدىن، بېشىغا بېگىز كىرگىنى ياخشىراقتۇر.»(تەبرانى ئەلكەبىر -486-دە رىۋايەت قىلغان؛ ئەلبانىي سەھىھ جامىئ-5045-تە سەھىھ دېگەن)
شۇنداقلا، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:{« والله ما مست يد رسول الله صلى الله عليه وسلم يد امراة قط، ما كان يبايعهن إلا بالكلام.» صحيح البخاري تفسير القرآن (4891) ، صحيح مسلم الإمارة (1866) ، سنن أبو داود الخراج والإمارة والفيء (2941) ، سنن ابن ماجه الجهاد (2875) ، مسند أحمد بن حنبل (6/270). }«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى يات ئايالنىڭ قولىغا ئەسلا تېگىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ زات ئاياللاردىن پەقەت ئاغزاكى بەيئەت ئالاتتى.»(بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار خاتىرلىگەن) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە قۇرئاندامۇنداق دېگەن:{ھەقىقەتەن، رەسۇلۇللاھ ئاراڭلاردىكى ئاللاھ (نىڭ رازىلىقى) نى ۋە ئاخىرەت (تىكى ئەجىر-مۇكاپاتنى) ئۈمىد قىلغانلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغانلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇر.}(سۈرە ئەھزاب، 21-ئايەت) ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى ھېسابلانمىغان يات ئەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىشى ھەم ئايال كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن، ھەم قارشى تەرەپ ئۈچۈن پىتنىنىڭ سەۋەبى بولغانلىقتىن، بۇنداق قىلىش ھارام، بۇنى تەرك ئېتىش ۋاجىب.
ئايال كىشىنىڭ ئايال كىشى بىلەن ۋە مەھرەملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى دادىسى بىلەن، ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن، تاغىسى بىلەن ۋە باشقا مەھرەملىرى بىلەن كۆرۈشكىنىگە ئوخشاشلا دۇرۇس، بۇنىڭدا ھېچ چەكلىمە يوق. مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر.
(ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى؛ 4\247)