مۇناپىقلار مۆمىنلەرنى تاشلاپ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ
[4:138] ﴿بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا﴾
[4:138] ﴿(ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش بېشارەت بەرگىن.﴾
[4:139] ﴿الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَيَبْتَغُونَ عِندَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّـهِ جَمِيعًا﴾
[4:139] ﴿مۇناپىقلار مۆمىنلەرنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دوستلۇقىنى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى) تاشلاپ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدىغان (ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچى قىلىۋالغان) كىشىلەردۇر. ئۇلار كاپىرلارنىڭ يېنىدىن ياردەم، ئۈستۈنلۈك ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئىزدەمدۇ؟ ھەقىقەت شۇكى، ياردەم، ئۈستۈنلۈك ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر.﴾