ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | سۈننەتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى
(شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ «ئەقىدەتۇل ۋاسسىتىيە» ناملىق ئەسىرىگە ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى)
«سۈننەت» نىڭ لۇغەت مەنىسى «يول» دۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدە كەلگەن سۈننەت كەلىمىسىمۇ «يول» مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ:«…سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ سۈننەتلىرىگە چوقۇم مېڭىپ كېتىسىلەر.» (بۇخارى 3456، مۇسلىم 2669 ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس) يەنى ئىلگىرىكىلەرنىڭ (يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ) يوللىرىغا مېڭىپ كېتىسىلەر.
«سۈننەت» نىڭ ئىستىلاھتىكى مەنىسى «رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە تەستىقى» دىن ئىبارەت.
سۈننەت ۋاجىپ ئەمەلنىمۇ، مۇستەھەب ئەمەلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۈننەت شەرىئەتنىڭ ئىككىنجى مەنبەسىدۇر.
«شەرىئەتنىڭ ئىككىنجى مەنبەسى» دېگىنىمىز «دەرىجە جەھەتتىن ئىككىنجى دەرىجىدە ئەمەس، ساناقتا ئىككىنجى قاتاردا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ يول بىلەن كەلگەن سۈننەتنىڭ (يەنى ھەدىسنىڭ) مەرتىۋىسى قۇرئاننىڭ مەرتىۋىسىگە ئوخشاش.
بۇ جەھەتتە، قۇرئانغا مۇراجىئەت قىلغان كىشىنىڭ بىر نەرسىگە – يەنى لەۋزىنىڭ ھۆكۈمنى ئىسپاتلىشىدىكى سەھىھلىگىگە ئېھتىياجى بار بولسا؛ سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلغان كىشىنىڭ ئىككى نەرسىگە ئېھتىياجى بار. بۇ ئېھتىياجنىڭ بىرىنجىسى: سۈننەتنىڭ (ھەدىسنىڭ) رەسۇلۇللاھقا نىسبەت بېرىلىشىنىڭ سەھىھلىكى؛ ئىككىنجىسى: ھۆكۈمنى ئىسپاتلاشتىكى. بۇ سەۋەبتىن، سۈننەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشى قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشىدىنمۇ بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قۇرئاننىڭ سەنەدى (نىڭ شەك-شۈبھىسىز ئىشەنچىلىكلىكى) بىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. چۈنكى، قۇرئاننىڭ سەنەدى مۇتىۋاتىردۇر، ئۇنىڭدا ھېچبىر شەك-شۈبھە يوقتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نىسبەت بېرىلگەن نەرسىلەر (يەنى سۈننەت-ھەدىس) بۇنداق ئەمەس.
سۈننەت رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ يول بىلەن كەلگەندە شۇ سەھىھ ھەدىستىكى خەۋەرنى تەستىقلاش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلىش جەھەتتە تامامەن قۇرئاننىڭ مەرتىۋىسىدىدۇر، دېگەن ئىدۇق. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ساڭا (ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى.» (نىسا سۈرىسى 113-بەت) [ئايەتتىكى «ھېكمەت» مۇپەسسىر ئالىملارنىڭ تەپسىرى بويىچە سۈننەتنى كۆرسىتىدۇ]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەردىن بىرىڭلارغا مېنىڭ بۇيرۇقۇم ياكى چەكلىمەمدىن بىرى يەتكىنىدە ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ‹بىلمەيمەن، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن نېمىنى تاپساق شۇنىڭغا ئەمەل قىلىمىز (باشقا نەرسىنى تونۇمايمىز)» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالماي. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ماڭا كىتاب بېرىلدى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بېرىلدى.» (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 4-132؛ ئەبۇ داۋۇد 4605؛ تىرمىزى 2663؛ ئىبنى ماجە 13؛ ھاكىم 1-109؛ بۇ ھەدىسنى -يۇقارقى ئىماملاردىن باشقا- مۇھەددىس شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ مۇھەددىس شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
بۇ سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سەھىھ يول بىلەن كەلگەن سۈننەتتىكى (بىر) ھۆكۈمنىڭ قۇرئاندىكى (شۇنىڭغا ئوخشاش بىر) ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراش توغرا بولۇپ، ئەقلىي جەھەتتىمۇ، شەرئىي جەھەتتىمۇ دۇرۇس قاراش ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۇنىڭ توغرا ئۆرنىكى يوق. (ئىمام شەۋكانىنىڭ نەقىل قىلغىنىغا ئاساسەن بۇ جۇمھۇر ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىدۇر.-ئىرشادۇل فۇھۇل، 191-بەت)
سۈننەت قۇرئاننى تەپسىرلەيدۇ، مەنالىرىنى بايان قىلىدۇ، قۇرئاندىكى ھۆكۈمنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرىدۇ
(تفسر القران)«قۇرئاننى تەپسىرلەيدۇ» يەنى قۇرئاندىكى مەقسەد قىلىنغان مەنانىنى ئوچۇقلايدۇ.
بەئەينى مۇنۇ ئايەتنى ئوچۇقلىغانغا ئوخشاش:{ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ئەڭ گۈزەل مۇكاپاتلار بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئۈستۈن (مۇكاپات) بار.}(سۈرە يۇنۇس 26-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئايەتتىكى «تېخىمۇ ئۈستۈن (مۇكاپات)» نى «ئاللاھنىڭ جامالىغا قاراش» دەپ تەپسىرلىگەن. (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم 467-نومۇرلۇق ھەدىسىدە سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان)
شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ {ئۇلارغا قارشى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ھازىرلاڭلار} (سۈرە ئەنفال، 60-ئايەت) ئايىتىدىكى «قۇۋۋەت» نى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن:«دىققەت قىلىڭلار! قۇۋۋەت ئوقياچىلىقتۇر. دىققەت قىلىڭلار! قۇۋۋەت ئوقياچىلىقتۇر.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم 1917-نومۇرلۇق ھەدىسىدە ئۇقبە ئىبنى ئامىردىن رىۋايەت قىلغان)
(وتبينە) يەنى قۇرئاندىكى نائېنىقلىقنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاندا مۈجمەل ۋە يىغىنچاق ئايەتلەر بار. سۈننەت بۇنداق ئايەتلەرنى ئوچۇقلاپ بايان قىلىدۇ. مەسىلەن {ناماز ئوقۇڭلار} (سۈرە بەقەرە 43-ئايەت) ئايىتى ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. نامازنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى سۈننەت بايان قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا {قۇياشنىڭ قايرىلىشىدىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىغىچە ناماز ئوقۇڭلار} (سۈرە ئىسرا 78-ئايەت) دېگەن. بۇ قۇياشىنىڭ زاۋالىدىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگىچە ناماز ئوقۇڭلار دېگەنلىكتۇر. كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى يېرىم كېچىدۇر. ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسىدىن بۇنىڭ يالغۇز بىر ۋاقىت ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. سۈننەت، بۇ مۈجمەل ئىپادىنى مۇنداق ئوچۇقلاپ بېرىدۇ:
پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى: قۇياشنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدىن غەربكە قىيسىيىشىدىن باشلىنىپ جىسىمنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ باراۋىرىدە ئۇزارغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.
ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى: جىسىمنىڭ سايىسى ئۆز باراۋىرىگە تەڭ كەلگەندىن ۋاقىتتىن باشلىنىپ، قۇياش كۆرۈنەرلىك سارغايغىچە بولغان ۋاقىت ئەسىر نامىزىنىڭ قىسمى ئىختىيارى ۋاقتىدۇر. كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ۋاقىت ئەسىر نامىزىنىڭ زۆرۈرىيەت ۋاقتىدۇر.
شام نامىزىنىڭ ۋاقتى: قۇياشنىڭ پېتىشىدىن باشلىنىپ، شەپەق قىزىللىقىنىڭ يوقۇلۇشىغىچە داۋاملىشىدۇ.
خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى: شەپەقنىڭ قىزىللىقى يوقىغاندا باشلىنىپ يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن. سەھىھۇل مۇسلىم 612-نومۇرلۇق ھەدىس) خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن زۆرۈرىيەت ۋاقتى يوق. بۇ سەۋەبلىك، ھەيزدار ئايال كېچىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھەيزدىن پاكلانسا، ئۇنىڭ شام ۋە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، يېرىم كېچە بولۇش بىلەن خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىدۇ. خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ تاڭ يورۇشقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا سۈننەتتە ھېچقانداق دەلىل يوق. (قۇرئاندىمۇ دەلىل يوق.)
بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى: تاڭ يورۇشتىن باشلىنىپ كۈن چىققۇچە داۋاملىشىدۇ.
بۇ ۋەجىدىن – يەنى خۇپتەن نامىزىنىڭ يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى سەۋەبىدىن – ئوخشاش ئايەتتە {قۇياشنىڭ ئېگىلىشىدىن كېچە قاراڭغۇلۇقىغۇچە} دېگەندىن كېيىن {شۇنداقلا قۇرئان ئوقۇلىدىغان بامدات ۋاقتىدا} (سۈرە ئىسرا 78-ئايەت) دېيىلگەن. چۈنكى، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى ئۆزىدىن ئاۋۋالقى خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن ۋە ئۆزىدىن كېيىن پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. (باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتى بىر-بىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرسىمۇ، بامداتنىڭ ۋاقتى خۇپتەننىڭ ۋاقتى بىلەنمۇ، پېشىننىڭ ۋاقتى بىلەنمۇ تۇتاشماستىن، ھەر ئىككىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.) كېچىنىڭ ئىككىنجى يېرىمى بامدات ۋاقتىدىن ئىلگىرى، كۈندۈزنىڭ بىرىنجى يېرىمى بامدات نامىزىدىن كېيىن. ناماز ۋاقىتلىرى ئوچۇقلانغان سۈننەتنىڭ بايانى يۇقارقىلاردىن ئىبارەت.
{زاكاتنى بېرىڭلار}(سۈرە بەقەرە 43-ئايەت) ئايىتىمۇ شۇنداق. زاكاتنىڭ نىساب مىقدارىنى ۋە زاكات ماللىرىنى سۈننەت بايان قىلغان.
(وتدل عليه) «ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.» بۇ كەلىمە تەفىسرلەش، ئېنىقلاش ۋە جاۋابلاشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. سۈننەت، قۇرئاننى تەپسىرلەپ ئوچۇقلاشتۇرىدۇ.
(وتعبر عنه) «ئۇنىڭغا تەبىر بېرىدۇ». يەنى، سۈننەت قۇرئاندا يوق يېڭى مەنالارنى ۋە يېڭى ھۆكۈملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بۇنىڭ مىساللىرى نۇرغۇن. چۈنكى، شەرئىي ھۆكۈملەرنىڭ نۇرغۇنى قۇرئاندا يوق بولۇپ، مۇستەقىل ھالەتتە سۈننەتتە مەۋجۇت. سۈننەتنىڭ قۇرئاندا بار ھۆكۈملەر بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر بار. مەسىلەن، {كىم پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، شۈبىھسىزكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ}(نىسا سۈرىسى 81-ئايەت)، {پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە شۇنى ئېلىڭلار، سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە شۇنىڭدىن يېنىڭلار}(ھەشىر سۈرىسى 7-ئايەت) {كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىسيانكارلىق قىسا، ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۈشكەن بولىدۇ.}(ئەھزاب سۈرىسى 36-ئايەت)
مۇئەييەن بىر ھۆكۈمگە كەلسەك، سۈننەت قۇرئاندا بولمىغان نۇرغۇنلىغان ھۆكۈملەرنى ئېلىپ كەلگەن. مۇئەللىپ (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە) بۇ بۆلۈمدە تىلغا ئالغان تۇنجى ھەدىس توغرىسىدا دەيدىغانلىرىمىز بۇنى ئېنىقلايدۇ. «كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا رەببىڭلار دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىدۇ» (بۇخارى ۋە مۇسلىم) يۇقارقى ھەدىستىكى ھۆكۈم قۇرئاندا مەۋجۇت ئەمەس.
دېمەك، سۈننەت قۇرئان ھەققىدە مۇنداق تۆت خىل ھالەتتە بولىدۇ: سۈننەت قۇرئاننىڭ مۈشكۈلىنى تەپسىر قىلىدۇ، قۇرئاننىڭ مۈجمەلىنى ئېنىق بايان قىلىدۇ، قۇرئاننى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدا بولمىغان ھۆكۈمنى ئېلىپ كېلىدۇ. (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ «ئەقىدەتۇل ۋاسسىتىيە» ناملىق ئەسىرىگە ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى؛ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «شەرھ ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە» ناملىق ئەسىرىنىڭ (412~414-بەتلىرىدىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى)