پەتىۋا كومېتىتى: ئانامنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئايالىمنى قويىۋېتىمەنمۇ؟

ئانامنىڭ تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك ئايالىمنى قويىۋېتىمەنمۇ؟

سوئال: ئانام «خوتۇنۇڭنى قويۇۋەت» دېسە، ئانامنىڭ بۇ تەلىپى بويىچە ئايالىمنى تالاق قىلىشىم دۇرۇس بولامدۇ؟

پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 17322-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

جاۋاب: ئانىڭىز قويۇۋېتىشىڭىزنى تەلەپ قىلغان ئايالىڭىز دىندار بولۇپ، ئانىڭىزغا ئەزىيەت بەرمەيدىغان بولسا، ئۇنى تالاق قىلىۋېتىشىڭىز كېرەك ئەمەس. دىندار بولمىسا، ياكى ئانىڭىزغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بولسا، ئاۋۋال ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىسىز. نەسىھەتنى ئاڭلىمىسا، تالاق قىلىۋېتىشىڭىز كېرەك.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ سالىھ ئەلفەۋزان؛ ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ بەكرى ئەبۇ زەيد

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ