فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب (ئەۋزەل) ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار

فىقھۇل مۇيەسسەر: تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب (ئەۋزەل) ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار

«فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسىرىدىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب ۋە مەندۇبتۇر.

(1) ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب.

(2) ھەر نامازدىن ئاۋۋال (تاھارىتى بار بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنە) تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالاتتى.»(بۇخارى 214)

(3) قايتا جىما قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياكى ئۇخلىماقچى بولغان كىشىنىڭ ۋەياكى يەپ-ئىچمەكچى بولغان جۇنۇپ كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشى مۇستەھەب. چۈنكى، ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ئايالى بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتا بىللە بولماقچى بولسا تاھارەت ئالسۇن.»(مۇسلىم 308) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) جۇبۇپ ھالەتتە ئۇخلىماقچى بولسا، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم 305) ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىس مۇنۇ لەۋىزدە كەلگەن:«(رەسۇلۇللاھ) تاماق يېمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا (تاھارەت ئالاتتى).»(مۇسلىم 306)

(4) غۇسل قىلىشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسل قىلماقچى بولسا ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ تۆكۈپ ئەۋرىتىنى يۇياتتى. ئاندىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.»(مۇسلىم 316)

(5) ئۇخلاشتىن ئاۋۋال تاھارەت ئېلىش مۇستەھەب. بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئۇخلاش ئۈچۈن يوتقانغا كىرىشتىن ئاۋۋال نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئال. ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يات…»(بۇخارى 247)

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ