فىقھۇل مۇيەسسەر: ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ۋە بىمارنىڭ نامىزى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسىرىدىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
[96] توققۇزىنجى باب: ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ نامىزى
ئۆزۈرلۈك كىشىلەر ـــ نامازنى ئۆزرىسى بولمىغانلارنىڭ ئادا قىلغىنىدەك ئادا قىلىش ئىمكانى بولمىغان كېسەل-ئاغرىقلار (يارىدارلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، يولۇچىلار ۋە قورقۇنچ ئىچىدىكى كىشىلەردۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇنداقلارنى يۈكىنى يەڭگىللەتكەن. شۇ ۋەقىدىن، ئۆزۈرلۈك كىشىلەر نامازنى قانداق ئوقۇشقا كۈچى يەتسە شۇ شەكىلدە ئوقۇيدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ سىلەرگە دىنىڭلاردا ھېچقانداق قىيىنچىلىق قالدۇرمىدى.»(سۈرە ھەج، 78-ئايەت) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ ھېچكىمگە تاقىتى يەتمەيدىغان يۈكنى يۈكلىمەيدۇ.»(سۈرە بەقەرە، 268-ئايەت) ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن:«ئاللاھقا كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىق قىلىڭلار.»(سۈرە تەغابۇن، 16-ئايەت)
[97] بىمار نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى تامامەن ياكى قىسمەن ھالدا يوقىغان كىشى بىمار دېيىلىدۇ. بىمارنىڭ –قانداق ھالەتتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر-مەيلى ئۇ دۈمبىسىنى تىك تۇتالمىغۇدەك دەرىجىدە دۈمبىسىدە كېسەللىك بولغان تەقدىردىمۇ؛ تام، تۈۋرۈك ياكى ھاسا دېگەندەكلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ رۇكۇ قىلىدىغان تەقدىردىمۇ ــ پەرز نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرىسام ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار.»(بۇخارى 9-117؛ مۇسلىم 1337) ئەگەر ئۆرە تۇرالاشقا ئىمكانىيىتى بولمىسا ئولتۇرۇپ، ئولتۇرۇشقا كۈچە يەتمىسە يانچە يېتىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:«نامىزىڭنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇ. بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە يانچە يېتىپ ناماز ئوقۇ.»(بۇخارى 1117) ئەگەر، يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسى بىر ھالىتىدە ناماز ئوقۇيالمىسا ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغىنى بويىچە ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا «ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىق قىلىڭلار» دېگەن.(سۈرە تەغابۇن، 16-ئايەت) كىشىنىڭ ئەقلى جايىدىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن نامازنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولمايدۇ. (كېسىلى بەك ئېغىر كىشى) ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نىيەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كۈچى يېتىدۇ.
ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بىمار رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتا بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ. سەجدە ئۈچۈن بېشى بىلەن ئىشارەت قىلغان، رۇكۇغا ئېگىلگەندىن بەكرەك ئېگىلىدۇ. بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ.