[27] يەتتىنجى مەسىلە: (تاھارىتى يوق كىشىنىڭ) تاھارەت ئېلىشنى پەرز قىلىدىغان ئىشلار
ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا (تاھارىتى يوق بولغان) مۇكەللەفنىڭ تاھارەت ئېلىشى پەرز بولىدۇ:
(1) ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا. چۈنكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئاللاھ تاھارەتسىز ھالدا ئوقۇلغان نامازنى ۋە غەنىمەتتىن ئوغۇرلانغان مالدىن بېرىلگەن سەدىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.»(مۇسلىم 224؛ تىرمىزى 1)
(2) پەرز ياكى نەپلە ھالەتتە كەئبىنى تاۋاپ قىلىش. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاۋۋال تاھارەت ئالغان، ئاندىن كەئبىنى تاۋاپ قىلغان.(بۇخارى 1614؛ مۇسلىم 1235) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ كەئبىنى تاۋاپ قىلغاندا تاھارەت ئېلىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كەئبىنى تاۋاب قىلىشمۇ ناماز جۈملىسىدىن. بىراق، ئاللاھ تاۋاپ جەريانىدا گەپ قىلىشنى مۇباھ قىلغان.»(ئىبنى ھىببان 3836؛ ھاكىم 1-459-‹سەنەدى سەھىھ› دېگەن؛ زەھەبى سەھىھلىكىگە قوشۇلغان؛ بەيھەقى 5-87؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 121-دە ‹سەھىھ› دېگەن) شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالنىڭ پاكلانمىغۇچە كەئبىنى تاۋاپ قىلماسلىقىنى بەلگىلىگەن.(بۇخارى 305؛ مۇسلىم 1211)
(3) قۇرئان بىۋاسىتە تۇتۇش. چۈنكى، ئاللاھ تائالا {ئۇنى پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇ} دېگەن.(سۈرە ۋاقىئە، 79-ئايەت) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «قۇرئاننى پەقەت پاك بولغانلار تۇتىدۇ» دېگەن.(مۇۋەتتائ ئىمام مالىك 1-199؛ داراقۇتنى 1-121؛ بەيھەقى 1-87؛ ھاكىم 1-395؛ ھاكىم ‹سەھىھ› دېگەن؛ ئەلبانى ‹ئەلئىرۋائ› 122-دە ‹سەھىھ› دېگەن)
ھەرەم ئالىملىرى يازغان «فىقھۇل مۇيەسسەر» ناملىق فىقھى ئەسەردىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى