ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى قاتلىۋېلىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى
(ئىسلام سوئال جاۋابلىرىنىڭ 130052-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
جىمى ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
بىرىنچىدىن: نامازدا كىيىمنى تۈرۈۋېلىش مەكرۇھ.
كۆپلىگەن ھەدىسلەردە كىيىمنى تۈرۈۋېلىپ (قاتلىۋېلىپ) ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن (نامازدا) يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇلار پېشانە (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ بۇرنىغىمۇ ئىشارە قىلدى)، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتنىڭ ئۇچىدىن ئىبارەت. (نامازدا) كىيىمنى تۈرۈۋېلىشقا، چاچنى بوغۇۋېلىشقا بولمايدۇ.» (بۇخارى 812؛ مۇسلىم 490)
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار نامازدا كىيىمنىڭ پۇچقىقىنى ۋە يېڭىنى تۈرۈۋېلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ مەكرۇھ تەنزىھى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇپ قالغان ئادەمنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. ئىمام تەبەرى بۇ ھەقتە ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائى بارلىقىنى بايان قىلغان. ئىمام ئىبنى مۇنزىر ھەسەن بەسىرىنىڭ «كىيىمىنى تۈرۈۋېلىپ ناماز ئوقۇغۇچى نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. (تۇھفەتۇل مىھاج؛ 2\ 161-162)
بۇنىڭغا ئاساسەن، نامازدا ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى تۈرۈۋېلىش مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ.
ئىككىنچىدىن: ئەرلەرنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى ھوشۇقىدىن ئېشىپ كېتىشى ھارام.
ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنىڭ ھوشۇقىدىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىسلەر كەلگەن. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمى دوزاختا (كۆيىدۇ).» (بۇخارى 5787)
(ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارىدا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ «دوزاختا كۆيىدىغىنى ھوشۇق ۋە پۇتتۇر. چۈنكى، كىيىمدە ھېچقانداق گۇناھ يوق» دېگەن مەزمۇندىكى نەقىلنى كەلتۈرگەن.-ت)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈچ خىل كىشى بولۇپ قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ ۋە ئىززەت كۆرسەتمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ: (ئۇلار) كىيىمىنى ھوشۇقىنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈرۈپ كىيگۈچى (ئەر)…» (مۇسلىم 106)
جابىر ئىبنى سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار. (ئەرلەرنىڭ) كىيىمنى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىشى كىبىردۇر. ئاللاھ كىبىر (لەنگۈچى) نى ئۆچ كۆرىدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4084؛ ئەلبانى سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا سەھىھ دېگەن.)
شۇ ۋەجىدىن، ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىشى ھارام. ئەر كىشى كىيىمىنى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىشنى داۋاملاشتۇرسا ۋە شۇ خىل كىيىمدە ناماز ئوقۇسا ھوشۇقىدىن ئېشىپ كەتكەن كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغان بولىدۇ (ئەرلەرنىڭ بۇنداق كىيىم كىيىشى چەكلەنگەن.) ئەگەر ھوشۇقتىن ئېشىپ تۇرىدىغان كىيىمىنى ھوشۇقىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قاتلىۋېتىپ ناماز ئوقۇسا، نامازدا كىيىمىنى قاتلىۋالغان ھېسابلىنىدۇ. (باشتىكى ھەدىستىكىدەك: نامازدا كىيىمنى قاتلىۋېلىش چەكلەنگەن.) بۇ خىل ئەھۋالدا كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كېتىشى بىلەن نامازدا كىيىمنى تۈرۈۋېلىشتەك ئىككى خىل چەكلىمە تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭدا شەك شۈبھە يوقكى، كىيىمنىڭ پۇچقىقىنى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىشنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. نامازدا كىيىمنى قاتلىۋېلىش بولسا مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ساقلىنىش كېرەكلىكى تەخىرسىز بولغان ئىشقا ئاۋۋال ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. يەنى، كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى تەخىرسىز ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كىيىمى ھوشۇقىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان ئەر (ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى كېسىشكە ئۈلگۈرمەستىن) ناماز ئوقۇماقچى بولغاندا، ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى ھوشۇقنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ تۈرۈۋېتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك. (ھەم، رەسۇلۇللاھقا ئىمانى، دوزاخ ئازابىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمانى بولسا تېزدىن ئىشتانلىرىنى ھوشۇقتىن ئېگىز ھالەتتە كەسكۈزۈشى شەرت.-ت)
ئۈچىنچى: ئۇچىسىدا ئىشتان بار ئايال كىشىنىڭ ئشىتىنى ھوشۇقىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان بولسا، ئىشتىنىنى تۈرۈۋېتىپ ناماز ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ نامازدا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ كىيىمى (يالىڭاچ) پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى يېپىپ تۇرۇشى كېرەك. كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتمەسلىك چەكلىمىسى ئەرلەرگە خاس بولۇپ، ئاياللارغا مۇناسىۋەتسىز.