«كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىراقتۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

پەتىۋا كومېتىتى: «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىراقتۇر» ھەدىسىنىڭ شەرھى

سوئال: ھەدىستە «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىراقتۇر، ئىككىلىسىدە ياخشىلىق بار…» دېيىلگەن. بۇ ھەدىستىكى كۈچلۈكلۈك جىسمانىي كۈچنى كۆرسىتەمدۇ، مەنىۋىي كۈچنىمۇ؟ شۇنداقلا بۇ يەردىكى كۈچلۈك ئاجىزلىق بايلىق بىلەن نامراتلىقنى ئىشارە قىلامدۇ؟

ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى 3122-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

جاۋاب: بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، نەسائىي، ئىبنى ماجە قاتارلىقلار توپلىغان. بۇ ھەدىس ئىماننىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمانى كۈچلۈك بولغان مۆمىن، ئىمانى ئاجىز مۆمىندىن كۆپ ياخشىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈككە كەلسەك، ئەگەر بىراۋنىڭ جىسمانىي كۈچلۈكلۈكى  ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىغا ياردەم بەرمىسە، بۇنداق جىسمانىي كۈچلۈكلۈك ھېچنېمىگە يارىمايدۇ.

تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملىرىغا بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ