مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى: «مەسجىد بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم» ھەدىسىنىڭ شەرھى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن مەسجىدلەرنى بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان. ئىمام ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» 261-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: (چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىككى نۇقتىغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلدۇق)
- ھاك تېشى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.
- بۇ ھەدىس مەسجىد بېزەشنىڭ ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دىندا ماختىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (سەفىيۇررھمان، بۇلۇغۇلمەرام شەرھى)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى