ئاتېزىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىنمۇ يامان

ئاتېزىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىنمۇ يامان

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 113901 – نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسىمى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

ئاتېزىم (يەنى ھەممىنى ياراتقۇچى بولغان ئاللاھنى ئۈزۈل-كېسىل ئىنكار قىلىدىغان ئىلاھسىزلىق نەزەرىيەسى) بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ قايسىسىنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.

دەۋرىمىزدە دېيىلىۋاتقان ئاتېزىم (ئىلاھسىزلىق نەزەرىيەسى) ياراتقۇچىغا مۇتلەق ئىشەنمەسلىك، ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىش، بارچە مەۋجۇداتنى ياراتقان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانى ئېتىراپ قىلماسلىق نەزەرىيەسى بولۇپ، ئاتېزىمچىلار جاھاندىكى مەۋجۇداتلار ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان دەپ بىلجىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەرغىباتلىرى ئىنسان تەبىئىتىگە، ئەقىلگە ۋە توغرا مەنتىقىگە زىتتۇر.

مۇشرىكلىق (ئاللاھ شېرىك كەلتۈرۈش) قىلمىشىغا كەلسەك، بۇلارنىڭ بىر پىرقىسى ئاللاھقا ئىشىنىدۇ ۋە ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ – يۇ، «مەخلۇقات ئىچىدە ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بۇ شېرىكلەر بىر نەرسىلەرنى يوقتىن بار قىلالايدۇ، مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرەلەيدۇ. پايدا – زىيان يەتكۈزەلەيدۇ» دەپ جۆيلۈشىدۇ. بۇ ئاللاھقا رۇبۇبىيەتتە شېرىك كەلتۈرۈش قىلمىشىدۇر؛ يەنە بىر پىرقىسى «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئىبادەتكە لايىق» دەپ قاراپ، شۇ ئاتالمىش «شېرىك»لەرنى خۇش قىلىش، ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاشۇ «شېرىك»لەرگە قىلىپ، ئۇلارغا ئاللاھقا چوقۇنغاندەك چوقۇنىدۇ. مانا بۇ ئىبادەتتە ئاللاھ شېرىك كەلتۈرۈشتۇر.

يۇقىرىقى ئىككى خىل خۇراپاتنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۇ ئىككىلا پىرقىنىڭ ئېغىر گۇناھ – مەئسىيەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نەقەدەر پەسكەش ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ خىل ئادەملەرنى «ھايۋانلاردىنمۇ بەتتەر» دېگەن. ئاللاھ جەللە ۋەئەلا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ {أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَـٰهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا﴿٤٣﴾أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ ۚ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ ۖبَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا ﴿٤٤﴾} «ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟ (43) ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر» (سۈرە فۇرقان 43 ~ 44 – ئايەت).

ئاللاھ يەنە شۇنداق دەيدۇ {وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَّا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَّا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَّا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَـٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَـٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ} «شەك – شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر» (سۈرە ئەئراف 179 – ئايەت)

گەرچە مۇشرىكلىق بۇ قەدەر رەزىل، چىركىن ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان ئاتېزىمچىلىق تېخىمۇ قەبىھ، گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر. ئاتېزىمچىلارنىڭ سۆزلىرى مۇشرىكلارنىڭكىدىن تېخىمۇ بىمەنە ۋە رەزىلدۇر. چۈنكى، مۇشرىكلار ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دەپ جۆيلۈشىدۇ؛ ئاتېزىمچىلار دەرىجىدىن تاشقىرى مۇتەكەببىر، جاھىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسان مېڭىسى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، ئىنسان تەبىئىتى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. بۇلار كاللىسىغا نېمە كەلسە قىلىدۇ، ھەرقانداق رەزىللىكتىن يانمايدۇ، ھېچنېمىدىن تەپتارتمايدۇ، ئۇلاردىكى ئەقىل ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. گەرچە، بۇ كىشىلەر بۇ قەدەر چىركىن بولسىمۇ، ئەمما فەقىھلەر كۆرۈنۈشتە ئىلاھسىزلىق دەۋاسى قىلىدىغان ئاتېزىمچىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا يەنىلا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش خاھىشى بار دەپ قاراشقان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ نۇرغۇن بايانلىرى بۇ زاتنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېزىمچىلار مۇشرىكلاردىن ئۆتەر پاسىقتۇر دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. تۆۋەندە بىز بۇنىڭ بىر قىسىمىنى نەقىل كەلتۈرىمىز:

ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بۇ دۇنيانىڭ (ئەزەلدىن مەۋجۇت بولماستىن) كېيىن يارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كافىردۇر. كىمكى بۇ دۇنيا ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىدى دېيىش بىلەن بىرگە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر» (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 17 – جىلد 291 – بەت).

ئۇ زات يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەلسەپەچىلەر دۇنيانىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان ئەسلى ئېلېمېنتتىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولغان خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار يۇلتۇزلارغا چوقۇنغان، ئارقىدىن زېمىندا شۇ يۇلتۇزلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇتلارنى ياساشقان. ئارىستوتېل ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مانا مۇشۇ تىپتىكى كىشىلەردۇر. بۇلارنىڭ پاسىقلىقى ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەبلەر ئاللاھنىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بويىچە ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان – زېمىننى ياراتقانلىقىغا ئىشىنىشەتتى، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ھاماقەتلىك بىلەن ئاللاھقا نۇرغۇن ئوغۇل – قىزلارنى نىسبەت بېرىشكەن، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۇنىڭغا نۇرغۇن شېرىكلەرنى قوشۇشقانىدى…» (شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى 8 – جىلد 457 ~ 458 – بەت).

 ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغانلار ‹دۇنيادا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. تۇرمۇش ماددىدىن ئىبارەتتۇر› دېيىشىدۇ، خۇددى كوممۇنىستلار ۋە ئاتېزىمچىلارغا ئوخشاش. ئەنە شۇلار كاپىرلارنىڭ ئەڭ يامىنى، مۇشرىكلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھتىن (دۇنيادا كۇفرىغا، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ئامانلىق تىلەيمىز!» (ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 4 – جىلىد 33 – بەت).

ئۇ زات يەنە شۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىزم ئېتىقادىدىكى بىرسى بوغۇزلىغان مالنىڭ گۆشى ئاتەشپەرەسلەر ۋە بۇتپەرەسلەر سويغان مالنىڭكىگە ئوخشاشلا ھارام، ھەتتا ھاراملىقتا ئۇلارنىڭكىدىنمۇ بەتتەردۇر. چۈنكى كوممۇنستلار ئەڭ پاسىق پىرقىدۇر، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ئىنكار قىلىدۇ» (ئەللامە بىن باز پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 23 – جىلىد 30 – بەت)

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ