ئاللاھنىڭ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈشىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگۈچىگە جاۋاب
بىرەيلەن ئاللاھنىڭ ھەر كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا چۈشۈپ، بەندىلىرىگە «مەندىن سورايدىغانلار بارمۇ؟ سورىغىنىنى بېرىمەن، ماڭا تەۋبە قىلىدىغانلار بارمۇ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن» دەپ نىدا قىلىشىغا قارىتا توردا مۇنداق دەپ سوئال قويغان:
بامدات تىن ئىلگىرى كى ئىككى سائەت دەيلى ٫كانادا تورونتودا بامدات ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5 ياكى 5:30 دا . شۇنداق بولغاندا . دۇنيانىڭ يىرىمىدە قاراڭغۇ يېرىمىدە كىچە بولىدۇ . تورونتو ئەتىگەن سائەت 5 ٫ئىستانبۇل ۋاختى كەچ سائەت 10 بىزنىڭ ۋەتەن ئۈرۈمچىدە كۈندۈز سائەت 4 ياكى 5 بولىدۇ .زىمىننىڭ بىرلا ئاسمىنى بار ؟؟؟؟؟؟
جاۋاب:
ئەڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا بىلەن ياسالغان زاۋۇتمۇ بۇ ياقتىن يەم خەشەكنى سېلىپ، ئۇ ياقتىن سۈت ئىشلەپچىقىرىش ئىتقىدارىغا ئىگە ئىگە ئەمەس. بۇ قۇدرەتكە پەقەتلا ئاللاھ ئىگە.
پەن-تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار دۆلەتمۇ ئىسپىرمىدىن ئادەم ئىشلەپچىقىرىش قۇدرىتىگە ئىگە ئەمەس. ھەتتا ئىسپىرما ئىشلەپچىقىرىش قۇدرىتىگە تېخىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ قۇدرەت پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ.
ھەممە مەخلۇقات ئۇخلايدۇ، پەقەت ئاللاھلا ئۇخلىمايدۇ.
زېمىندىكى ھەممە يوقىلىدۇ، پەقەت ئاللاھلا ئەبەدىلئەبەد قالىدۇ.
ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۈستىدە، ئەرش يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە. ئەمما، ئاللاھنىڭ ئەرشكە ھاجىتى يوق. خۇددى ئاسمان زېمىننىڭ ئۈستىدە بولغىنى بىلەن، ئاسماننىڭ زېمىنغا ھاجىتى بولمىغىنىدەك.
ئاللاھ ياراتقان ئاسمان يەتتە. ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ئاسمانلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە مۆمىن بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى تۈپەيلىدىن ھەر كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە چۈشىدۇ. بۇنداق قۇدرەتكە پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالالا ئىگە.
بىز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە شەكسىز ئىشىنىمىز. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئاللاھ زېمىننىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈشكە قادىردۇر ۋە بىز ھېسابلاۋاتقان ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىدىن چوڭ ۋە بۈيۈكتۇر. ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ ئالدىدا پۈتكۈل كائىنات بىپايان قۇملۇققا تاشلانغان كىچىك بىر تال ئۈزۈكچىلىكلا چوڭلىقتىدۇر.
ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پېئىلى مەخلۇقاتنىڭكىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ ۋە قىياسلانمايدۇ. ئاللاھ ھەر كېچىسى زېمىن ئاسمىنىغا چۈشىدۇ. ھەر چۈشىشىدە زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە كۇپايىدۇر، بۇ يەردە كۈندۈز، ئۇ يەردە كېچە بولۇشى ئاللاھنىڭ ھەممە يەردىكى كېچىگە چۈشىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتمايدۇ.
بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ. بىز ئاللاھنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. پەقەت قۇرئاندا ۋە سەھىھ سۈننەتكە كەلگەن خەۋەرلەرگە شەكسىز ئىمان ئېيتىمىز. مانا بۇ ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
مېنىڭ كىچىك بالام ئۇخلايدىغان چاغدا كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتقا ماڭماقچى بولغىنىمنى كۆرسە، دادام شۈت، ئامما… ئەكىيدۇ دەيدۇ. مەيلى كېچىدە، مەيلى كۈندۈزدە ئىشتان چاپان كىيگىنىمنى كۆرسىلا دادام چوقۇم سىرتقا بىر نەرسە ئالغىلى ماڭدى دەپ بىلىدۇ. بۇنىڭدىن نېرىسىغا ئۆتۈپ ئويلىيالمايدۇ.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپىتىنى ۋە قۇدرىتىنى كىچىك بالا دادىسى توغرۇلۇق ئويلايدىغان كاللىدا ئويلىۋالساق، بۇ بىزنىڭ ساددا، جاھىل ۋە بىلىمسىزلىكىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاللاھ ھەممىگە قادىر دەپ ئېتىقاد قىلىپ، بۇ يەردە كېچە، ئۇ يەردە كۈندۈز بولىدىغان زېمىنغا ھەر كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە چۈشەلەيدىغان ئاللاھ زادى قانداق ئاللاھ دەپ شۈبىھلىنىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى خالاس.