تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئون خىسلىتى

تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئون خىسلىتى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

[1] تەۋھىد ئەھلى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشقا، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە، قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاشقا ۋە ئايەتلەرنىڭ سەھىھ تەپسىرلىرىنى ئوقۇشقا ھېرىسمەندۇر. تەۋھىد ئەھلى قۇرئاندىكى بۇيرۇقلارنى ئورۇنداپ، چەكلىمىلەردىن يېنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

[2] تەۋھىد ئەھلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. سۈننەتكە ئاشكارا خىلاپ ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ ھەم يىرگىنىدۇ. ھەدىس ئوقۇشقا ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەرنى ئۆزىگە تەدبىقلاشقا ئالدىرايدۇ. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ. بەندىلەردىن ھېچكىمنىڭ ھۆكمىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋالمايدۇ. ساھابىلەرنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ. ھېچبىر جامائەتنى ساھابىلەر جامائىتىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلى بويىچە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

[3] تەۋھىد ئەھلى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەپ سالىھىننىڭ ھايات-پائالىيىتىنى ئۆگىنىشكە ھېرىسمەندۇر. ئۇلارنىڭ تارىخ ۋە تەرجىمھاللىرىنى ئوقۇش بىلەن ھوزۇر تاپىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆرنەك قىلىشتىن قەلبى شادلىنىدۇ. دۇنيادا ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغان، ئۇلارغا ھەمراھ بولغان بولۇشىنى خىيال قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئاخىرەتتە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدۇ ۋە دۇئالىرىدا بۇنى تىلەيدۇ.

[4] تەۋھىد ئەھلى بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىزچىل ھالدا بەش ۋاخ نامىزىنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار سەھىھ سۈننەتتە ئورنى بولغان، كېچە كۈندۈزدىكى بارلىق نەپلە نامازلارنى ئوقۇشقا تىرىشىدۇ. تەۋھىد ئەھلى ناماز ئوقۇشتىن ھوزۇر تاپىدۇ. بىرەر ۋاخ نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماي قالسا، ياكى ياخشى ئوقۇيالماي قالسا بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ. تەۋھىد ئەھلى نامىزىنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا تىرىشىدۇ.

[5] تەۋھىد ئەھلى بەندىگە قۇل بولۇشتىن يىراق، نام-ئاتاق ۋە مال دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇشتىن ئۇزاق كىشىلەردۇر. ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمر-پەرمەنلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلىگە بىرەر شەخىسكە ياكى بىر تۈركۈم شەخىسكە ۋەياكى ھەر قانداق تۈزۈلمىگە شەرتسىز ئىتائەت قىلىشنىڭ كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كاپىرلىق ۋە تاغۇتقا ئىبادەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ، ھەممە ئىشىدا ئاللاھقا تايىنىدۇ ۋە مەخپىي يەردە ئاللاھنى كۆپ ئەسلەپ، زىكىر قىلىدۇ.

[6] تەۋھىد ئەھلى ھەم ئاخىرەتلىكى، ھەم دۇنيالىقى ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمەل قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتنىڭ ئاخىرەتتىكى ھايات ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەنگۈچىلەردۇر. دۇنيا ھاياتىدا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغۇچى، كىشىلەرنىڭ قولىغا قاراپ قالماسلىق ۋە ئۆزىگە موھتاج ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ھالال كۈچىگە تايىنىپ رىزق ئىزدىگۈچى كىشىلەردۇر. تەۋھىد ئەھلى باشقىلارنىڭ ئېلىكىدىكى ھېچنەرسىگە كۆز سالمايدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ئېلىكىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋىي ئەۋزەللىكلەرگە ھەسەت قىلمايدۇ. تەۋھىد ئەھلى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىغۇچى بىردىنبىر توپ بولۇپ، دۇنيانى دەپ ئاخىرەتتىن كېچىدىغان ئازغۇنلۇقتىن ئۇزاقتۇر. ئاخىرەتنى دەپ دۇنيادا خار بولۇپ قالغۇدەك ئاجىزلىقتىن يىراق بولۇشقا تىرىشقۇچىلاردۇر. ئۇلار دۇنيادا قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىسىنى ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. تەۋھىد ئەھلى دۇنيانىمۇ، ئاخىرەتنىمۇ باشقا بەخىتسىز كىشىلەرگە قارىغاندا ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچى سائادەتمەن كىشىلەردۇر.

[7] تەۋھىد ئەھلى ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم-ھايا ۋە رەھىم-شەپقەت جەھەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ئۇلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھاللاردا بىھۇدە جاڭجال چىقىرىشتىن ساقلىنىدۇ، ھەقسىزلىككە ئۇچرىسا ئۆز ھەققىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى قوغدايدۇ. دىنىي قېرىندىشىغا ئاداۋەت تۇتۇشتىن يىراق تۇرىدۇ. خاپا بولۇشۇپ قالسا تېز ئەپۇ قىلىدۇ. چوڭلارغا ھۆرمەت بىلەن، كىچىلەرگە ئىززەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. كىبىر-تەمەننا، مەنمەنچىلىك ۋە قوپاللىقتىن يىراق تۇرىدۇ. باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن بىرى مېھمىنىنى، قوشنىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن ۋاپادارلىق قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى سەلبىي ھادىسىلەردىن ئارامسىزلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قولىنىڭ كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. قېرىنداشلىقنى، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. يامان كىشىلەرگە يىراق، تەقۋا كىشىلەرگە يېقىن ياشايدۇ.

[8] تەۋھىد ئەھلى باتۇر ۋە جەسۇردۇر. دۈشمىنىگە تىز پۈكمەيدۇ، زۇلۇمغا باش ئەگمەيدۇ، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا بوشىشىپ كەتمەيدۇ. ئۈممەتنىڭ، مىللىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ۋە سەلەپ-سالىھىننىڭ مەنھىجى بويىچە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلغۇچى كاپىرلارغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؛ مۇسۇلمانلارنى، بولۇپمۇ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ؛ شۇنداقلا، دىنغا ياردەم بەرگۈچى ئۈممەت ئالىملىرى ۋە توغرا يولدىكى مۇجاھىدلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

[9] تەۋھىد ئەھلى تەۋھىد بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قويۇشنى ھەممە بىلىمنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. ھەدىس ۋە فىقھى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتە بوشاڭلىق قىلمايدۇ. دىنىغا پايدىلىق كىتاپ-ماتېرىياللارنى ھەممىدىن بۇرۇن تاللاپ سېتىۋالىدۇ ۋە ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىشقا ئالدىرايدۇ. تەۋھىد ئەھلى بىلمەي تۇرۇپ ئەمەل قىلىشتىن، شۇنداقلا بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلماسلىقتىن ئەڭ ئۇزاق بولغۇچىلاردۇر. تەۋھىد ئەھلى رەسۇلۇللاھنىڭ «شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر» بۇيرۇقى بويىچە تەۋھىد ئىلىمىنى ئاساس قىلىپ، شەرئىي ئىلىمىنى ئۆگىنىشنى باشتىن ئاخىر داۋاملاشتۇرغۇچى ۋە نېمە ئۆگەنسە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار ئىلىمگە ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، ئىلىمگە ھېرىسمەنلىكتە پەيغەمبەرلەرگە، ساھابە-تابىئىنلارغا ۋە دىن ئىماملىرىغا ئەگىشىدۇ. جاھالەتتىن، نادانلىقتىن، ئۆگەنمەسلىكتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن قاچىدۇ.
[10] تەۋھىد ئەھلى ئاخىرەتنى ياخشى كۆرگىنىدەك، ھاياتلىقنىمۇ قىزغىن سۆيىدۇ. ھاياتىنىڭ ھەر-بىر پەيتىنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولىدۇ. تەۋھىد ئەھلى ھاياتىنى، زېھنىنى، جېنىنىنى، مېلىنى ۋە بارچە نەرسىسىنى ئاللاھقا، دىنغا ئاتىغان كىشىلەردۇر.

يۇقارقىلار تەۋھىد ئەھلىنىڭ مۇھىم سۈپەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرنى قانچە كۆپ ئۆزلەشتۈرگەن مۇسۇلمان، تەۋھىد ئەقىدىسى شۇنچە ساغلام، تەقۋاسى شۇنچە ئۈستۈن مۇسۇلماندۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ