فىقھۇل مۇيەسسەر: مۇرتەد بولۇشنىڭ ئۈچ تۈرى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
كىشىنى مۇرتەد قىلىدىغان ئاقىۋەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان خۇسۇسلار تۆۋەندىكىچە:
(1) سۆز بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى، رەسۇلۇللاھنى ياكى پەرىشتىلەرنى تىللاش، پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىش، غەيىبنى بىلىدىغانلىقىنى داۋا قىلىش قاتارلىقلار بۇ تۈردىن. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشمۇ بۇ تۈرگە تەۋە.
(2) ئىش-ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش: بۇتقا، قەبرىگە ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە سەجدە قىلىش، قۇرئاننى يەرگە ئېتىش، قۇرئاننى ھاقارەتلەش ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىسىغا كاپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش قاتارلىقلار ئىش ھەرىكەت بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.
(3) ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ شېرىكى بار، ئايال بار، بالىسى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ زىنانى ياكى ھاراقنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىش؛ ياكى باشقا بىرىنىڭ يولىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولىدىن ئەۋزەل دەپ ئېتىقاد قىلىش قاتارلىق ئېتىقاد بىلەن مۇرتەد بولۇش جۈملىسىدىن.
(4) مۇسۇلمانلار ئارىسىدا چوڭ بولغان بىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدە ھالاللىقىغا ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھارام دەپ بىلگەن؛ ياكى ھارام ئىكەنلىكىگە ئىجمائقا كېلىنگەن بىر ئىش (ياكى نەرسە) نى ھالال دەپ بىلگەن كىشىمۇ مۇرتەد جۈملىسىدىن.