تەپسىر: {ئۆز-ئارا ياردەمچى بولمىساڭلار، زېمىندا چوڭ بۇزغۇنچىلىق يۈز بېرىدۇ}(8:73) ئايىتىنىڭ تەپسىرى

{كاپىرلار بىر-بىرىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر. ئەگەر (سىلەر، ئى مۆمىنلەر) بىر-بىرىڭلارغا ياردەمچى بولمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ}(8:73) ئايىتىنىڭ تەپسىرى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:{وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُن فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِير}ٌ ﴿٧٣﴾

{كاپىرلار بىر-بىرىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر. ئەگەر (سىلەر، ئى مۆمىنلەر) بىرى-بىرىڭلارغا ياردەمچى بولمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ}(8:73)

بۇ ئايەتكە ئىمام تەبەرىنىڭ تەپسىرى:

كاپىرلار بىر-بىرىنىڭ دوستىدۇر. ئۇلار ئۆز-ئارا ياردەملىشىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدۇ ۋە بىر-بىرىگە مىراسچى بولىدۇ.

ئىش بۇنداق بولغان ئىكەن، ئەگەر سىلەر (ئى مۇسۇلمانلار!) ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ، بىر-بىرىڭلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشمىسەڭلار؛ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەققىنى ئورۇندىمىساڭلار، يەر يۈزىدە چوڭ پىتنە چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى (ئۆز-ئارا ياردەملىشىش) ۋەزىپەڭلاردىن ھەرگىز باش تارتقۇچى بولماڭلار، بۇ ۋەزىپەڭلارنى چەبدەسلىك بىلەن ئورۇنداڭلار. (تەپسىر تەبەرى، ئەنفال سۈرىسى 73-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

بۇ ئايەتكە ئىمام ۋاھىدىنىڭ تەپسىرى:

{ئەگەر بۇنى قىلمىساڭلار} يەنى (مۇسۇلمان بولغان ئىكەنسىلەر، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلارغا) ياردەمدە بولۇپ قوللاپ-قۇۋەتلىمىسەڭلار، مەن ئەمر قىلغان نەرسىلەردىكى مىراسنى ئالمىساڭلار {يەر يۈزىدە پىتنە} يەنى شىرىك {ۋە چوڭ پاساتچىلىق چىقىدۇ.} (تەپسىر ۋاھىدى، ئەنفال سۈرىسى 73-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

بۇ ئايەتكە ئىمام قۇرتۇبىنىڭ تەپسىرى:

ئۇلۇغ ئاللاھ {كاپىرلار بىر-بىرى بىلەن دوستتۇر} ئايىتى ئارقىلىق كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، مۆمىنلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوست ئىكەنلىكىنى، كاپىرلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن دوست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. بۇلار دىنداشلىق يۈزىسىدىن بىر-بىرىگە ياردەمچى بولىدۇ (يەنى مۆمىنلەر مۆمىنلەرگە ياردەمچى بولىدۇ، كاپىرلار كاپىرلارغا ياردەمچى بولىدۇ) ۋە ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.

{ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭلار} يەنى مۆمىنلەرنى تاشلاپ كاپىرنى دوست تۇتۇۋالساڭلار {يەر يۈزىدە بۈيۈك پىتنە} يەنى ئۇرۇش سەۋەبلىك قىيىنچىلىقتا قېلىش، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇلاڭ-تالاڭ، سۈرگۈن ۋە قۇل قىلىش قاتارلىقلار باش كۆتۈرىدۇ. {ۋە بۈيۈك بىر پاسات يۈز بېرىدۇ} بۈيۈك پاسات شىرىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىدۇر. (تەپسىر قۇرتۇبى، ئەنفال سۈرىسى 73-ئايىتىنىڭ تەپسىرى)

بۇ ئايەتكە ئەللامە ئابدۇرراھمان سەئدىنىڭ تەپسىرى:

ئۇلۇغ ئاللاھ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بەلگىلىگەندىن كېيىن، كاپىرلارنىڭ كۇپرى جەھەتتىكى ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن بىر-بىرىنىڭ دوستلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمەكتە. بۇ ۋەجىدىن، كاپىرلار بىلەن پەقەت ۋە پەقەت كاپىرلارغا ئوخشاش بولغانلارلا دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. {ئەگەر سىىلەر بۇ (ھۆكۈم) نى} يەنى مۆمىنلەر دوست، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتۇش ھۆكۈمىنى {يۈرگۈزمىسەڭلار} يەنى مۆمىننىمۇ، كاپىرنىمۇ دوست تۇتۇۋالساڭلار؛ ياكى كاپىرنىمۇ، مۆمىننىمۇ دۈشمەن تۇتۇۋالساڭلار؛ ياكى كاپىرلارنى دوست تۇتۇپ، مۆمىنلەرگە دۈشمەن بولساڭلار {يەر يۈزىدە پىتنە ۋە بۈيۈك بىر پاسات يۈز بېرىدۇ.} (مۆمىننى دوست، كاپىرنى دۈشمەن تۇتۇش ھۆكۈمىگە ئەمەل قىلىنماسلىق بىلەن) ھەق بىلەن باتىلنىڭ، كاپىر بىلەن مۆمىننىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشى، جىھاد ۋە ھىجرەت قاتارلىق بۈيۈك ئىبادەتلەرنىڭ ئورۇندالماسلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۆمىنلەرنىڭ يالغۇز مۆمىنلەرنىلا دوست تۇتماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان شەرئىي ۋە دىنىي مەقسەدنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى قاتارلىق ساناپ تۈگەتكۈسىز يامانلىقلار يۈز بېرىدۇ. (تەپسىر سەئدى، 8-سۈرە ئەنفال، 73-ئايەتنىڭ تەپسىرى)

بۇ ئايەتكە يېڭى زاماندىكى ھەرەم ئالىملىرى يازغان تەپسىرۇل مۇيەسسەرنىڭ تەپسىرى:

ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار بىر-بىرلىرىنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ياردەمچىلىرى بولمىساڭلار، مۆمىنلەر يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى تەرك ئېتىشككە زورلىنىدۇ ۋە زۇلۇمغا قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇلۇش، كۇفۇرنىڭ ئاساسلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئارقىلىق يەر يۈزىدە چوڭ بۇزغۇنچىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.

[مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ