مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك كۇفۇرنى ئىزھار قىلىش كىشىنى كاپىر قىلامدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9272-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مەجبۇرلىنىش يۈز بەرگەندە، مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قەلبى ئىماندا مۇستەھكەم بولغان ھالدا كۇفۇرنى ئىزھار قىلىشى شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:«كىم ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھنى ئىنكار قىلسا ـــ قەلبى ئىماندا مۇستەھكەم بولغان ھالەتتە زورلانغۇچى باشقا ـــ كىم قەلبىنى كاپىرلىققا ئاچسا، ئاللاھنىڭ ئازابى مۇشۇنداقلارغا بولىدۇ. بۇنداقلارغا بۈيۈك ئازاب بار.»(نەھىل سۈرىسى 106-ئايەت)
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي