خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى ۋە بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھى

خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇئايى سالاملار رەسۇلۇللاھقا، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغا ھەق يول ئۈستىدىكى بارچە تەقۋادار بەندىلەرگە بولغاي.

خاۋارىجلار ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان ئەھلى بىدئەت پىرقىسى ھېسابلىنىۇ. ئۇلارنى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان سېلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئازغۇن پىرقە دېيىش مۇمكىن. خاۋارىجلار ئاشكارا شەكىلدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدىكى سىففىن جېڭىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ـــ  ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ فەتھۇلبارىدا نەقىل قىلىشىچە ـــ ئالتە مىڭدىن ئونمىڭغىچە ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ خەلىپىسى، مۆمىلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارنى ھەققە چاقىرغان. خاۋارىجلار ھەققە قايتماي، ھەددىدىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قوشۇن تارتىپ بېرىپ ئۇلارنى قاتتىق زەربە بىلەن تېرى پىرەن قىلىۋەتكەن. ئاندىن، خاۋارىجلاردىن ھايات قالغان ئاز بىر قىسىمى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاۋارىجلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ يەر چىشلەتكەندىن كېيىن يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتكەن. ئاقىۋەتتە، خاۋارىج ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بامدات نامىزىدا پىچاقلاپ شەھىد قىلغان. رەسۇلۇللاھ «دوزاخنىڭ ئىتلىرىدۇر» (ئىبنى ماجە 173-ھەدىس، ئەلبانى سەھىھ دېگەن) دەپ خەۋەر بەرگەن خاۋارىجلار پەسەندىلىك، رەزىللىك ۋە نىجىسلىقتا بەئەينى ئىتقا ئوخشاشتۇر.

خاۋارىجلار تارىختىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئەڭ ئازغۇن بىدئەت پىرقىلەردىن بىرى بولۇپ، خاۋارىجلار توغرۇلۇق شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

ئىسلامدىكى تۇنجى بىدئەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەب ئۇ بىدئەتچىلەرنىڭ قۇرئاننى خاتا چۈشەنگەنلىكىدىن بولغان. مەسىلەن، خاۋارىجلارنىڭ بىدئەتلىرىمۇ دەل مۇشۇنداقتۇر. ئەسلىدە، خاۋارىجلارنىڭ قۇرئانغا قارشى چىقىش مەقسىدى يوق. بىراق، خاۋارىجلار قۇرئاندىن بىر تۈركۈم ئايەتلەرنى ئورنىدىن چىقىرىپ خاتا ھالدا دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە ئۇ ئايەتلەردىن مەقسەد قىلىنمايدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارغان. شۇنداق قىلىپ، ئۆزلىرى خاتا ھالدا دەلىل دەپ قارىغان بىر تۈركۈم ئايەتلەرنى تۇتقۇ قىلىپ تۇرۇپ، گۇناھكارلارنى كاپىر دېيىش كېرەك دېگەن ئەقىدىدە بولغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار مۇنداق دېگەن:«مۆمىن ياخشى ۋە تەقۋا كىشىدۇر. بۇنداق ئىكەن، ناچار ۋە تەقۋاسى يوق كىشى كاپىردۇر، بۇنداقلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ.» ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئوسمان، ئەلى ئىككىسى ۋە ئۇلارنى قوللىغانلار مۆمىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغان.» بۇنىڭغا كۆرە، خاۋارىجلارنىڭ بىدئىتى مۇنداق ئىككى ئاساسقا ئىگە:

(1)           خاتالاشقان ھالدا قۇرئانغا زىت ئىش قىلىپ قالغان كىشى كاپىردۇر دېيىش.

(2)           ئوسمان، ئەلى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلار قۇرئانغا زىت ئىش قىلىپ كاپىر بولغان دېيىش.

بۇ ۋەجىدىن، گۇناھكار ۋە خاتالاشقان مۇسۇلمانلارنى تەكفىر قىلىش ـــ

كاپىر دېيىشتىن بەك قېچىش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئۆزىنى ئىسلامغا نىسبەت بەرگۈچىلەر ئارىسىدا تۇنجى چىققان بىدئەت ئەقىدىدۇر. بۇ بىدئەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان خاۋارىجلار مۇسۇلمانلارنى كاپىر دەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى ۋە ماللىرىنى تالان-تاراج قىلىش، ئولجا ئېلىشنى ھالال سانىغان.

ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن خاۋارىجلارنى ئەيىپلىگەن ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇشنى بۇيرۇغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئىمام ئەھمەد خاۋارىجلارغا قارشى ئۇرۇشۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«خاۋارىجلار توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئون ئايرىم ئىسناد بىلەن سەھىھ ھالەتتە كەلگەن.» شۇ ۋەجىدىن، بۇ ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىم ئۆز سەھىھ كىتابلىرىغا كىرگۈزگەن. (تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 165-166-بەتلەر)

خاۋارىجلار ھەققىدىكى بۇ قىسقىچە ماقالىمىزدە خاۋارىجلارنى چۈشەندۈرۈشنى ئىككى تۈرگە ئايرىدۇق. ئاۋۋال ساھابىلەر دەۋرىدىكى خاۋارىجلارنىڭ ئۆرنەكلىك ئىش پائالىيەتلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن قىسقىچە خەۋەر بەردۇق ۋە بۇ بۆلۈمگە «تارىختىكى خاۋارىجلار» دەپ ماۋزۇ قويدۇق. ئاندىن، ئىلگىرى-ئاخىر بارلىق خاۋارىجلارنىڭ ئورتاق بەلگىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇق ۋە بۇ بۆلۈمگە «خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى» دەپ ماۋزۇ قويدۇق. موللا، زىيالىينىڭمۇ، ئاۋام خەلقنىڭمۇ بۇ ماقالىدىن مەنپەئەت ئېلىشىنى، زېرىكىشلىك بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزلەپ ماقالىنىڭ ئىخچام، يىغىنچاق، چۈشۈنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردۇق.

تۆۋەندە مەن خاۋارىجلارنى يۇقارقى ئىككى ماۋزۇ بويىچە تونۇشتۇرىمhz.

تارىختىكى خاۋارىجلار

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار پەقەت قۇرئانغىلا ئەگىشىشنى مەقسەد قىلغان.(تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 165-166-بەتلەر)

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر تۈركۈم ئىشلىرىغا قارشى تۇرغان ۋە ئۇ زاتتىن يىراق ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشقان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋە ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلغانلارنى كاپىر دەپ بىلگەن. (فەتھۇلبارى 13\518)

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى تەرەپتىن بىردىن ھۆكۈم قىلغۇچى چىقىرىش پىكىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كاپىر دېدى ۋە ئىتائەتتىن ئايرىلىپ، مەدائىنغا توپلاندى. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادتا بولمىغانلارنى كاپىر دېيىشتە، ئۇنداقلارنىڭ خوتۇنلىرىنى قۇل قىلىش، مال-مۈلىكىنى تالان تاراج قىلىش ۋە جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىدا بىر پىكىرگە كەلدى. ئاندىن، ئالدىغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەت ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ رايونغا تەيىنلىگەن ۋالىيسى ئىدى. ئۇلار ئالدىغا چىققان ئابدۇللاھ ئىبنى خەبباب ئىبنى ئەرەتنى ئۆلتۈردى، بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ھامىلدار چۆرىسىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، قورساقتىكى بالىنىمۇ ئۆلتۈردى. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، شامغا يۈرۈش ئۈچۈن ھازىرلانغان قوشۇننىڭ بېشىنى خاۋارىجلارغا بۇراپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. نەھرىۋاندا خاۋارىجلار بىلەن تۇتۇشتى، خاۋارىجلاردىن پەقەت ئون كىشىلا قېچىپ قۇتۇلدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سېپىدىن پەقەت ئون كىشىلا شەھىد بولدى. (فەتھۇلبارى، 13\520)

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: خاۋارىجلارنىڭ ئومۇمىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يېڭىلىپ يوقىتىلدى. كېيىنچە خاۋارىجلارنىڭ پىكىرلىرىگە مايىل بولغانلار ھايات قالغان خاۋارىجلارغا قېتىلدى. بۇلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا يوشۇرۇنغان ئىدى. شۇ خاۋارىجلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئابدۇراھمان ئىبنى مۇلجەم بامدات نامىزىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆلتۈرۈدى. (فەتھۇلبارى 13\520)

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى: يەمامە خاۋارىجلىرىنىڭ باشچىسى نەجدات ئىبنى ئامىر «ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغانلار گەرچە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەقىدىدە بولغان تەقدىردىمۇ كاپىر بولىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ داۋا خاۋارىجلىق ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈلدى.

ئىمام ئىبنى جەۋزىنىڭ سۆزى: خاۋارىجلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىي ساھابىلەرنىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشتى. بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھالال كۆردى-يۇ، بىرەر تال مېۋىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەستىن يېيىشنى ھالال كۆرمىدى. (تەلبىسۇل ئىبلىس 142)

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى: خاۋارىجلار (پايپاق، مەيسە قاتارلىق) پۇتقا كىيىلىدىغان نەرسىلەرگە مەسىھ قىلىشنى ئىناۋەتسىز (ئىسلامدا بۇنداق ئىش يوق) دەپ داۋا قىلىدۇ. (ئەمما، پايپاق، ئۆتۈك ۋە مەيسىگە مەسىھ قىلىش توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر مۇتىۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدۇ. بۇنى ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇندۇر. رەسۇلۇللاھ شەرىئەت قىلىپ بەلگىلىگەنلىكى سەھىھ ھەدىس بىلەن ئېنىق بولغان، مەسىلىنى باشقىچە چۈشىنىپ تەئۋىل قىلىشقا يول بولمىغان ھەر قانداق ئىشنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرغۇچى، ئۇنداق ئىشتىن نەپرەتلەنگۈچى، شۈركەنگۈچى ياكى غۇم ساقلىغۇچى دەلىللىك چۈشەندۈرۈشتىن كېيىنمۇ غەزەپ نەپىرىتىدىن ياكى ئىنكار قىلىشتىن يانمىغان ھالەتتە شەكسىز كاپىردۇر. بۇنىڭدا ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچبىر ئىختىلاپ يوق.) (سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5082-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

خاۋارىجلارنىڭ بەلگىلىرى

[1] شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: خاۋارىجلار پاسىقلارنى كاپىر دېيىشىدۇ. (تەكفىرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا گۇناھكار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، 27-بەت)

[2] خاۋارىجلار ئىمان ئاشمايدۇ، كېمەيمەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى 18237-پەتىۋاسى)

[3] خاۋارىجلار پەرز ئەمەلنى ئورۇندىماسلىقنى كاپىرلىق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋاب تورى 18237-پەتىۋاسى)

[4] خاۋارىجلار چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگۈچىنى كاپىر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 18237-نومۇرلۇق پەتىۋاسى؛ فەتھۇلبارى 13\520)

[5] خاۋارىجلار ئۆزى بىلەن بىردەك پىكىردە بولمىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭ قىلىش كېرەك دەپ بىلىدۇ. (ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تورىنىڭ 182237-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

[6] قازى ئەبۇ بەكرى ئىبنۇل ئەرەبى «تىرمىزى شەرھى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: خاۋارىجلار ئۆز كۆز قارىشى بىلەن بىردەك بولمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر دەپ، بۇنداقلارنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى داۋا قىلىدۇ. (فەتھۇلبارى 13\528)

[7] شەيخ تەقىييۇددىن سۇبكى مۇنداق دېگەن: (خارارىجلارنىڭ ۋە رافىزىلارنىڭ) ئاشقۇنلىرى ساھابىلەرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكلىرىنى كاپىر دېگەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇ ساھابىلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگەن. ئۇلارنىڭ ساھابىلەرنىڭ پەزىلەتلىكلىرىنى كاپىر دېيىشى رەسۇلۇللاھنى يالغانچىغا چىقارغانلىقىدۇر. (فەتھۇلبارى 13\528)

[8] ئىمام ئىبنى ھەجەر: خاۋارىجلار ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغانلارنى مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشنى، ئۇلارنىڭ پۇل- مېلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى دۇرۇس ھېسابلايدۇ. (فەتھۇلبارى 13\528)

[9] ئىمام ئىبنى جەۋزى: خاۋارىجلار مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى دۇرۇس دەپ بىلدى ۋە ئۇلارنى مۇشرىك دەپ قارىدى. (تەلبىسۇل ئىبلىس، 141)

[10] ئىمام ئىبنى ھەجەر: دىنىمىز كاپىرلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش، مۆمىنلەرگە يۇمشاق ۋە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، خاۋارىجلار بۇنىڭ قارشىسىغا ئىش كۆرىدۇ (مۆمىنلەرگە قاتتىق، كاپىرلارغا شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىدۇ.) (فەتھۇلبارى 13\530)

[11] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: خاۋارىجلار كاپىرلار ھەققىدە نازىل بولغان ئايەتلەرنى تۇتقۇ قىلىپ، بۇ ئايەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىپ تەئۋىل قىلىدۇ. (سەھىھۇل بۇخارى-مۇرتەدلەر … ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش بۆلۈمى، 7-باب ماۋزۇسىدىن كېيىن نەقىل قىلىنغان)

[12] ئىمام ئىبنى ھەجەر: خاۋارىجلار ئۇرۇشتا رەھىمسىز، ساباتلىق ۋە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماستىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكى بىلىنگەن ئەھۋالدۇر. (فەتھۇلبارى 13\525)

خاۋارىجلار ھەققىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھىسى

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقانداق ئابدۇللاھ ئىبنى زۇلخۇۋەيسەرە كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ، ئادىل بولغىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ھالىڭغا ۋاي! ئەگەر مەن ئادىل بولمىسام كىم ئادىل بولىدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلغىن، بۇنىڭ بوينىغا چاپاي» دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:«بولدى قىلغىن! شۈبھىسىز، ئۇنىڭ بىر گۇرۇپ مەسلەكداشلىرى باركى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆز نامىزىڭلارنى، ئۇلارنىڭ روزىسىنى كۆرۈپ ئۆز روزاڭلارنى كىچىك سانايسىلەر. ئۇلار ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ…»(بۇخارى 6933)

ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زۇلخۇۋەيسەرەنىڭ بوينىغا چېپىش تەكلىۋىنى رەت قىلدى. چۈنكى، زۇلخۇيۋەسەرە دىلىدىن كەچكەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پېئىلدا بولمىغان. رەسۇلۇللاھ، ئىسلام ئەمدىلا يىلتىز تارتىپ، قەلبلەرگە يەرلىشىشتىن ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سالىھ ھېسابلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن قاچۇرۇپ قوياتتى. خاۋارىجلار رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپىتىدىن كېيىن  كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ، خەلىپىلەرگە قارشى چىققىنىدا – ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچ يېتىدىغان تۇرۇپ ئۇرۇشماسلىق – جائىز بولمايدۇ.(فەتھۇلبارى 13\525)

ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئاراڭلاردىن شۇنداق كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇكى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىزىنى ئەرزىمەس سانايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ روزىسىنى كىچىك سانايسىلەر؛ باشقا ئەمەللىرىگە قاراپمۇ ئۆز ئەمىلىڭلارنى كىچىك كۆرۈسىلەر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان قەلبىگە ئورناشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقنىڭ نىشانغا تېگىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ…»(بۇخارى 5058)

يۇسەير ئىبنى ئەمر مۇنداق دەيدۇ: سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن خاۋارىجلار توغرۇلۇق بىرەر گەپ ئاڭلىغانمىدىڭ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قولى بىلەن ئىراق  تەرەپنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«بۇ تەرەپتىن بىر قەۋم چىقىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئوقرەك سۆڭىكىدىن ئاستىغا ئۆتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىلغان ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.»(بۇخارى 6934)

«قۇرئان ئوقرەك سۆڭىنىڭ ئاستىغا ئۆتمەيدۇ» يەنى قۇرئاننى تىلىدا ئوقۇيدۇ، بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى گېلىدىن ئۆتۈپ قەلبىگە ئورناشمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە «قۇرئان گېلىدىن ئۆتمەيدۇ» دېيىلگەن.

ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىك-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر، سەھىھ ھەدىس)

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: سىلەرگە رەسۇلۇللاھتىن بىر ھەدىس بايان قىلسام، شۇنى بىلىڭلاركى رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان سۆزلىشىمدىن ئاسماندىن تاشلىۋېتىلىشىم ماڭا سۆيۈملۈكراقتۇر. ئۆزۈم بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ھەققىدە سىلەرگە سۆز قىلسام شۇنى بىلىڭلاركى، ئۇرۇش ھىيلىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئاخىرى زاماندا يېشى كىچىك، ئەقلى كالتە بىر قىسىم كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ، بىراق ئۇلار بەئەينى ئوق نىشاننى تېشىپ ئۆتكىنىگە ئوخشاش ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىمانى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىكى يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ساۋاب بېرىلىدۇ.» (بۇخارى 3611) بۇخارىنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن 5057-نومۇرلۇق ھەدىسىدە «ئۆمرى قىسقا» دېگەن جۈملە زىيادە نەقىل قىلىنغان.

«ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ» يەنى، ئۇلارنىڭ گېپى ناھايىتى چىرايلىق. ئۇلۇغ، چوڭ سۆزلەرنى قىلىنىدۇ، تىللىرىدا بەزى ئايەت-ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ئاللاھقا ئاسىي بولماسلىق دېگەن سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئەمما، قىلغان ياخشى سۆزلىرىگە قاراپ ئۇلارنى ياخشى كىشى دەپ قالمىغىن. ئۇلارنىڭ ئەمىلى بۇزۇق. خەقنىڭ چىرايلىق گېپىگە قاراپلا ئۇنى تەقۋا، سالىھ كىشى دېيىش خاتالىق. ياخشى سۆز سالىھ ئەمەل بىلەن بىرلەشكەندە ئاندىن تەقۋادارلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ سۆزى ياخشى، قەلبى بۇزۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك، نەپرەت ۋە ئاداۋەت بىلەن تولۇپ كەتكەن. خاۋارىجلار ئۆز نەپسى-خاھىشىنى ئايەت ھەدىسكە ئەمە، ئايەت ھەدىسنى ئۆز نەپسى خاھىشىغا توغرىلايدىغان بىدئەت پىرقىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگە بالايى ئاپەتلىرى كاپىرلارنىڭ بالايى ئاپەتلىرىدىنمۇ قات-قات ئېشىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ «ئۇلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە قىيامەتتە ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ