جۇنۇب كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟ | ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنى

جۇنۇب كىشى قۇرئان ئوقۇسا بولامدۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ھەرەم ئالىملىرى پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 8859-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

جاۋاب: جۇنۇبنىڭ غۇسل قىلماي تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇشىغا بولمايدۇ. مەيلى يادقا ئوقۇسۇن، ياكى قۇرئانغا قاراپ ئوقۇسۇن ئوخشاشلا دۇرۇس ئەمەس. شۇنداقلا، كىشى تولۇق تاھارەتلىك ھالەتتە بولمىغانلا ئىكەن – مەيلى جۇنۇب بولسۇن ياكى تاھارەتسىز ھالدا بولسۇن – قۇرئاننى تۇتۇپ ياكى قاراپ تۇرۇپ قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇسا بولمايدۇ. [مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلدى]

 ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇب بولمىغانلىكى مۇددەتتە بىزگە قۇرئان ئوقۇتاتتى.» (يەنى قۇرئاننى ئۆگىنىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق بىزگە قۇرئان ئۆگىتەتتى.) (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە تۆت ئىمام توپلىغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىغا ئائىت. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن) — تىرمىزى 146، سەھىھ ئىبنى ھىببان 799

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ