نامازنىڭ نىيىتنى دىلغا پۈكۈش شەرت، تىلدا ئېيتىش بىدئەت
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ناماز ئۈچۈن تۇرغان كىشىنىڭ قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقى قەلبىدە ئايدىڭ بولۇشى – نامازنىڭ نىيىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. كىشىنىڭ-مەسىلەن- بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇماقچى بولۇپ قىبلىگە توغرۇلىنىشىنىڭ ئۆزىلا نامازغا نىيەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقىغا بىنائەن نامازنىڭ نىيىتىنى تىلىدا دېيىش پەرز-ۋاجىبمۇ ئەمەس، مۇستەھەپمۇ ئەمەس. ھالبۇكى، نامازنىڭ نىيىتىنى تىلىدا دېگەن كىشى دىندا بىدئەت پەيدا قىلغۇچى بىدئەتچىدۇر، بۇ شەرىئەتكە زىت قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. نامازنىڭ نىيىتىنى تىلىدا ئېيتقان كىشى جازاغا لايىق بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا يولىدىن چەتنىگەن جاھىل كىشىدۇر. ناۋادا، نىيىتىنى تىلىدا ئېيتىدىغان كىشى ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن ۋە توغرا يول كۆرىسىتىلگەندىن كېيىنمۇ بۇ قىلمىشىدا يەنىلا چىڭ تۇرسا، بولۇپمۇ بۇ قىلمىشى ئارقىلىق يېنىدىكى ناماز ئوقۇغۇچىغا دەخلى قىلسا، (بىدئەت قىلمىشىدا چىڭ تۇرۇپ شەرىئەتكە خىلاپ ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن) جازالىنىشى كېرەك. (ئەللامە سالىھ فەۋزان «قىسقىچە ئىسلام فىقھىسى» 1\ 110)
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ نىيىتى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن تەكبىر بىلەن قوللارنى كۆتۈرۈپ ناماز باشلايدىغان چاغدا دىلغا پۈكۈلىدۇ. نامازنىڭ نىيىتىنى ناماز باشلاشتىن ئازراق ئىلگىرى دىلىغا پۈكسىمۇ بولىدۇ. نامازنىڭ نىيىتى قەلب بولغانلىقتىن، ئۇنى تىلىدا ئېيتىش دۇرۇس ئەمەس. (ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد؛ پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5155-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى يەنە مۇنداق دېگەن: نامازغا تۇرغاندا «ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت پەرىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن نىيەت قىلدىم» دېگەنگە ئوخشاش تىلدا نىيىتى ئېيتىش نە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، نە ساھابە كراملار قىلغان ئىش ئەمەس. ئىبادەتلەر قۇرئان ھەدىس ئاساسىدىكى شەرئىي دەلىل بويىچە قىلىنىشى كېرەك. بۇنداق نىيەت قىلىش بىدئەت. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى بۇ دىندا بىز قىلمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.»(بۇخارى 2697؛ مۇسلىم 1718؛ ئەبۇ داۋۇد 4606؛ ئىبنى ماجە 14؛ ئىمام ئەھمەد 6\240) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. ھەقىقەتەن دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەر قانداق ئىش بىدئەت. بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق.» (ئىمام ئەھمەد 3\310؛ مۇسلىم؛ نەسائىي؛ ئىبنى ماجە) [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 244-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
ئەللامە سالىھ فەۋزان مۇنداق دېگەن: نامازنىڭ نىيىتىنى تىلىدا ئېيتىش بىدئەت. بۇنداق قىلىش كىشىنى مۇناپىقلىققا ئاپىرىدۇ. نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولۇپ، قانداقلىكى بىر ئەمەلنى قىلماقچى بولسا، قەلبىدە مەخپىي نىيەت قىلىش ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن يۈزلەنگەنلىكنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، مۇسۇلمان كىشى ئىشلىرىنى شەرىئەت رامكىسى ئىچىدە قىلىشى، ئىشلىرىدا سۈننەتكە ئۇيغۇنلىشى كېرەك. بىدئەتنى مەيلى كىم قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق بىدئەتتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ قا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.» (سۈرە ھۇجۇرات، 16-ئايەت)
ئاللاھ قەلىبتىكى نىيەتلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشى مەيلى ناماز ئوقۇغاندا بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق ئەمەل ئىبادەتلەردە بولسۇن نىيىتىنى تىلىدا ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. (ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان «قىسقىچە ئىسلام فىقھىسى» 1\111)