ئەللامە ئىبنى باز: ئايالىنى تۇتقان ئەرنىڭ تاھارىتى سۇنامدۇ؟
پەتۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ 1420، م 1999)
جاۋاب: ئۆلىمالار ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى تۇتۇشى توغرىسىدا پەرقلىق كۆز قاراشلاردا بولغان. بەزىلەر بۇ ھالدا تاھارەت بۇزۇلىدۇ دېسە، بەزىلەر بۇزۇلمايدۇ دېگەن.
يەنە بەزىلەر بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىپ: ئەر كىشى ئايالىنى جىنسىي ئىستەك بىلەن تۇتسا تاھارىتى سۇنىدۇ: جىنسىي ئىستەكسىز تۇتمىسا تاھارىتى سۇنمايدۇ، دېيىشكەن.
ھالبۇكى، توغرا كۆز قاراش شۇكى: ئەر كىشى ئايالىنى مەيلى جىنسىي ئىستەك بىلەن تۇتسۇن ياكى جىنىسىي ئىستەكسىز ھالدا تۇتسۇن، تاھارىتى بەرىبىر سۇنمايدۇ. مانا بۇ توغرا ۋە ئۇيغۇن كۆز قاراشتۇر. بۇ جەھەتتە تاھارەتنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىغا دەلىل شۇكى، «) كان يقبل بعض نسائه ، ثم يصلي ولا يتوضأ ) سنن النسائي الطَّهَارَةِ (170) ، سنن أبو داود الطهارة (178) ، سنن ابن ماجه الطَّهَارَةِ وَسُنَنِهَا (503) ، مسند أحمد (6/62 »«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزىدە ئاياللىرىنى سۆيەتتى، ئاندىن تاھارەت ئالماستىنلا ناماز ئوقۇيتتى.»( سنن النسائي الطَّهَارَةِ (170) ، سنن أبو داود الطهارة (178) ، سنن ابن ماجه الطَّهَارَةِ وَسُنَنِهَا (503) ، مسند أحمد (6/62) بۇنىڭدىن سىرت، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېچقاچان ئايالىنى تۇتقان (قۇچاقلىغان، سىيلىغان) كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇغان ئەمەس. ئەگەر ئايالىنى تۇتۇش بىلەن ئەر كىشىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدىغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چوقۇم بۇنى بايان قىلغان بولاتتى. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە پەيغەمبىرىنى ئۇستاز ۋە يول باشلىغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن، تاكى ئۇ زات شەرىئەتنىڭ ھەممە قىسىمىنى تولۇق بايان قىلىپ بولمىغۇچە ئاللاھ ئۇ زاتنىڭ جېنىنى ئالمىغان. شۇ ۋەجىدىن، ئەگەر ئايالىنى تۇتۇش ئەرنىڭ تاھارىتىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىش بولسا، رەسۇلۇللاھ بۇنى چوقۇم بايان قىلغان بولاتتى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق قۇرئاندا دېگەن «ئەگەر ئايالىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلساڭلار». بۇ ئايەت جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان بولساڭلار»(5:6) ئاللاھ بۇ ئايەتتە «ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار» دېدى. بۇ ئايەتتىكىدەك كىچىك تاھارەتسىزلىك، (ناماز ۋە باشقا بەزى ئىبادەتلەرنى قىلماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن) تاھارەت ئېلىشنى شەرت قىلىدۇ. ھالبۇكى، «ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان بولساڭلار» دېگەن ئايەت ئايالى بىلەن بىللە بولۇشتىن كېيىنكى جۇنۇبلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، « أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ » «ياكى ئاياللارنى تۇتقان بولساڭلار» دېگەن ئايەت ئاياللارنىڭ قولىنى تۇتۇشنى ياكى سۆيۈشنى ئەمەس، مەجازىي ھالەتتە ئاياللار بىلەن جىما قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئايەتتىكى مەنا (ئايال كىشىنى تۇتقان ئادەمنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئەمەس)، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىمانى كۆرسىتىدۇ. (بۇ نۇقتىدىنمۇ، ئايالىنى تۇتۇش تاھارەتنى بۇزمايدۇ.) [ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى» 5-جىلد، 212-بەت]