مۇرتەدلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى، شەرتلىرى ۋە مۇرتەدنىڭ ھۆكمى
«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(1) مۇرتەدلىكنىڭ ئېنىقلىمىسى
«مۇرتەدلىك»(الردة) نىڭ لۇغەت مەنىسى: بىر نەرسىدىن چېكىنىش (بىر نەرسىدىن يېنىش) دېگەنلىكتۇر. ئىسلامدىن يېنىشمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.
مۇرتەدلىكنىڭ شەرئىي مەنىسى: مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۆزى خالا تۇرۇپ مەيلى سۆز ياكى، ياكى ئېتىقاد بىلەن، ياكى شۈبھە بىلەن، ياكى بىر ئەمەل بىلەن كاپىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
(2) مۇرتەدلىكنىڭ شەرتلىرى
مۇرتەد بولۇشنىڭ شەرتى ئەقىل، ئاق-قارىنى ئايرىش ۋە ئىختىيارلىقتۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، ساراڭدا ياكى ئاق-قارىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىدا ياكى مەجبۇرلانغان كىشىدە مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، بۇلار مۇرتەد ھۆكمى بېرىلمەيدۇ.
(3) مۇرتەدنىڭ ھۆكمى
مۇرتەدنىڭ دۇنيادىكى ھۆكمى ـــ ئۆلتۈرۈلۈشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم دىنىنى (ئىسلامدىن باشقىغا) ئۆزگەرتسە ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار.»(بۇخارى 6524) بىراق، مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، ئىسلامغا دەئۋەت قىلىنىشى، ئۇنىڭ (ئىسلامغا قايتىشى ئۈچۈن) زورلۇق كۈچ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىنىشى كېرەك. ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىستۇر. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(بۇ يەھۇدىي ھەققىدە) ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «(بۇ مۇرتەد) ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇلىغىمدىن چۈشمەيمەن» دېگەن ۋە ئۇ مۇرتەد ئۆلتۈرۈلگەن.»(ئەبۇ داۋۇد 4355؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارى 12-278 تە ئىشەنچىلىك دېگەن) شۇنداقلا، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىم-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر)
مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئىمام ياكى ئىمامنىڭ ۋارىسى ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى، مۇرتەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، مۇرتەدكە بېرىلىدىغان جازانى ئىجرا قىلىش ھەققى ھۆكۈمدارغا ئائىت بولىدۇ. ئاق-قارىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىنىڭ مۇرتەدلىكى ئېنىق بولغان تەقدىردىمۇ، بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا ئۆلتۈرۈلمەيدۇ.
مۇرتەدنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن:{وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ}«سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»(سۈرە بەقەرە، 217-ئايەت)
ئىككىنجى مەسىلە: مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەھۋاللار
مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار رەسمىيلىك، چاقچاق ياكى مەسخىرە يولى بىلەن بولغان بولسۇن ئوخشاشلا مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى بىر نۇقتىدىن بولمىسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، نامازنى ۋە ئىسلامنىڭ باشقا رۇكۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى ھاقارەتلەش، قۇرئان كەرىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش ياكى بىر قىسىمىنى ئىنكار قىلىش، چەكتىن ئاشقان تەسەۋۋۇپچىلاردەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەرىئىتىنىڭ سىرتىغا چىقىش دۇرۇس دېگەن ئېتىقادتا بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى مۇرتەد قىلىدۇ. شۇنداقلا، مۇسۇلمانغا قارشى كاپىرغا ياردەمدە بولغۇچى مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا كىشىنى ئىسلامدىن چىقىرىدىن كۆپلىگەن ئىشلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى قىلىش بىلەن مۇرتەد بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئىنسان تۈزگەن قانۇنلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ياكى ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ئىنسانلار تۈگەن قانۇنلار (دىن ھەر قانداق بىرى) نى ئوخشاش كۆرۈش بىلەن بۇ قانۇنلارنى ھاكىم قىلىشمۇ مۇرتەدلىك تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.