نامازدىن ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت؟
(قوشۇمچە ماۋزۇ: نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش نېمىشقا بىدئەت؟)
بۇ ماقالە ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلىكى «تېمىغا كىرىش: رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز» دۇر. بۇ بۆلەكتە ئايەت ھەدىستىكى دەلىللەرگە ئاساسەن رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنىپ پەرز ئىكەنلىكىگە قىسقىچە چۈشەنچە بېرلىدۇ. ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكى «دۇئادا قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى» بولۇپ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرلىدۇ. ئۈچىنچى بۆلىكى «خاتىمە» بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ماقالىدە نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىللەر ئامال بار قىسقىچە بايان قىلىندى؛ دەلىللەرمۇ ئامال بار خەلقنىڭ چۈشىنىش سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى؛ بۇنىڭدىن مەقسەد خەلقىمىزنىڭ ماقالىدىكى مۇددىئانى قىينالماستىن ئاسان چۈشىنىۋېلىشىدۇر.
تېمىغا كىرىش: رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ سانا ئېيتىمىز. رەسۇلۇللاھقا، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار يوللايمىز.
پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىگە ئورتاق پىرىنسىپ شۇكى: دىندىكى ھەر قانداق بىر ئەمەل ئايەت-ھەدىس ۋە ساھابىلەرنىڭ پېئىلى بويىچە بولىدۇ. بىر بەندە ئايەت ھەدىسنى ئوقۇپ چۈشەنگىنى بويىچە مەلۇم بىر ئەمەلنى قىلسا، ئەمما ئۇ ئەمىلى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە قىلىۋاتقان ئىشى شەكسىز باتىلدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۆمىنلەرنى رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:«{وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ} سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار»(3:132)«كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.»(4:80) «كىمكى ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.»(4:13) «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر»(4:59) «كىملەركى ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر،سىددىقلار (يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەر)، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار»(4:69)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.»(بۇخارى)، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈسە ئۇ مەندىن ئەمەس.»(بۇخارى) «دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»(بۇخارى)
پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش توغرۇلۇق ئۈممەتنىڭ مۇپتىسى ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىش دېگەن ئۇ زات قىلغاننى قىلىش بىلەن، قىلمىغاننى قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ.»(بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى). بۇ ھەقتە باشقا ئالىملارمۇ يۇقارقى مەزمۇندا سۆز قىلغان. ئالىملار ئىچىدە ھېچكىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلماسلىق دۇرۇس دېمىگەن. بەلكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ، ئىتائەتنى تەرك ئېتىش ھارام، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئېتىش تەرك ئەتكەن ئەمىلىگە قاراپ كامىدا پاسىق، يۇقىرىسى مۇرتەدتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىتائەت قىلىشتا تۆت ئىمامنىڭ ۋە باشقا ئەھلى سۈننە ئىماملىرىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى «سەھىھ ھەدىسلا بولىدىكەن ئۇ مېنىڭ مەزھىبىم»، «كۆز قارىشىم قۇرئان ھەدىسكە ئۇيغۇن كەلسە ئېلىپ، ئۇيغۇن كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولغان.
«رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش ئۇ زات قىلغاننى قىلىش بىلەن، قىلمىغاننى قىلماسلىق بىلەن بولىدۇ» دېگەن شەرئىي پىرىنسىپ شەرىئەتتىكى يادرولۇق پىرىنسىپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغاننى قىلىش بىدئەت، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلغاننى تەرك ئېتىش كامىدا پاسىقلىق، يۇقىرىسى كاپىرلىقتۇر. يەنى، رەسۇلۇللاھقا بولغان ئىتائەت قىلماي خالىغىنىم بويىچە ئىش قىلىمەن دېگۈچى ھەر قانداق كىشى قىلغان ئەمىلىگە، ئەقىدىسىگە قاراپ ياكى پاسىق ياكى كاپىر بولىدۇ.
دۇئادا قول كۆتۈرۈش مەسىلىسى
دۇئادا قول كۆتۈرۈش سۈننەت بولۇپ، ھەدىستە «بەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ بەندىنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېيىلگەن. شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنىڭ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرۇلۇق بىر قىسىم سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ھېچقايسى ئەھلى سۇننە ئالىمى دۇئادا قول كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ دېگەن ئەمەس.
يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، مۇسۇلمانلار ھەممە ئىشىدا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« سىلەرگە – ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە – رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.»(3:21) ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتمىغۇچىدا قەتئىي ياخشىلىق يوق. گەپ دۇئا مەسىلىسىدە بولغان ئىكەن، رەسۇلۇللاھ نەدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بولسا بىزمۇ شۇ يەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىمىز، نەدە قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان بىزمۇ شۇ يەردە قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
رەسۇلۇللاھ جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە يامغۇر تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان؛ ۋىدالىشىش ھەججىدە ساھابىلىرىگە ۋەز-نەسىھەت، تەلىم بېرىپ بولۇپ، ئى ئاللاھ يەتكۈزدۈممۇ دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن؛ بىر ساھابىسى رەسۇلۇللاھنى سۈت بىلەن سۇغارغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغان؛ كېچىسى بەقىيئ قەبرىستانلىقىغا بارغاندا قەبرە ئەھلىگە مەغفىرەت ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان؛ خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇنەين غازىتىدا بەزى ئەسىرلەرنى خاتالىشىپ ئۆلتۈرۈپ قويغاندا «ئى ئاللاھ! خالىدنىڭ قىلمىشىدىن مەن ئادا جۇدامەن» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان… يۇقارقىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بەزى ھالەتلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسىگە سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەر بار. بۇنىسى سۈننەتنى بىلگەنلەرگە بەش قولدەك ئايدىڭ. دېمەك، يۇقارقىدەك ئەھۋاللاردا ۋە ئومۇمىي ئەھۋاللاردا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش دۇرۇس، بۇ سۈننەت.
ئەمما، رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان ئەھۋاللاردا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىۋېلىش بىدئەتتۇر. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ «بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر، سەجدىدىە رەببىڭلارغا كۆپ دۇئا قىلىۋېلىڭلار» دېگەن. شۇنداقلا، ئۆزىمۇ سەجدىدە ھەر تۈرلۈك گۈزەل دۇئالارنى قىلغان. ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس. بىر بەندە «ئاللاھ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بەندىنىڭ قولىنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى تۇتقۇ قىلىپ سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ قىلمىشى باتىل. بەندە ھەر نامازدىكى تەشەھھۇدتا دۇئا قىلىدۇ. ئەمما، دۇئا قىلىش توغرىسىدا كەلگەن ئومۇمىي ھەدىس بويىچە تەشەھھۇدتىكى دۇئاسىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلى باتىل، نامىزى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەجدىدە، تەشەھھۇدتا (ۋە باشقا بىر تۈركۈم جايلاردا) ھېچقاچان ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس. بۇنداق كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئاتىگاچلىق قىلغان، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئايەتلەرگە قارشى ئىش قىلغان، جۈملىدىن، قۇرئاننىڭ «ئى مۆمىنلەر! سىلەر (ھەر قانداق ئىشتا ۋە ھەر قانداق سۆزدە) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار» (سۈرە ھۇجرات،1-ئايەت) ئايىتىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ۋە «كىمكى بىز قىلمىغان ئىشنى قىلسا، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ» ھەدىسىگە، «دىنىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر» ھەدىسىگە بىنائەن ئۇ قىلمىشى رەت قىلىنىدۇ ۋە بىدئەت دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
[بىدئەت: قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان، قارىماققا دىندا باردەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە دىنغا قارشى ھېسابلىنىدىغان، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىلىگە ۋە ئاللاھنىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا زىت ھەر قانداق دىنىي تۈس ئالغان ئەمەلدۇر. بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى ھارام. بىدئەتچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت ئەمەس، قىلغان ئەمىلى مەقبۇل ئەمەس، تەۋبىسى قوبۇل ئەمەس. بۇ سۆزىمىزنىڭ ھەر بىرىگە سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەر بار.]
قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشىنىڭ نەرى خاتا دېگۈچىگە «سەجدىدە، تەشەھھۇدتا، ناماز باشلانغاندىكى دۇئادا نېمىشقا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمايسىز؟» دەپ سوئال تاشلايمىز. رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، شۇڭا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش يۈزىسىدىن قول كۆتۈرمەيمەن، دېسە توغرا قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سۆزنى قىلسا، «نامازدىن كېيىن ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرگەندىن كېيىن تايىنلىق يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن ناماز باشلاش دۇئاسىدا، سەجدىدە، تەشەھھۇدتىمۇ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىڭ» دەپ بۇيرۇيمىز. بۇنداق دېيىشىمىز ئارقىلىق سەجدىدە، تەشەھھۇدتا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغۇچى قانچىلىك ئەخمىقانە ئىش قىلغان بولسا، تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغۇچىمۇ شۇنچىلىك ئەخمىقانى ئىشنى قىلغانلىقىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنىدۇ.
تېمىغا كەلسەك: تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشمۇ رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئەمەللەردىن بىرى بولۇپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاماقتىن كېيىن «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي كَفَانَا ، وَأَرْوَانَا غَيْرَ مَكْفِيٍّ وَلا مَكْفُورٍ ، وَقَالَ مَرَّةً : الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّنَا غَيْرَ مَكْفِيٍّ ، وَلا مُوَدَّعٍ ، وَلا مُسْتَغْنًى رَبَّنَا ». (رواه البخاري (5459) دەپ دۇئا قىلغان. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ تاماقتىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا ئايەت ھەدىستىن ھېچقانداق شەرئىي دەلىل يوق. قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئام بولۇپ، ئادەتتىكى ھاللاردا مۇسۇلمان بەندە دۇئالىرىدا قول كۆتۈرسە دۇرۇس. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ پېئىلىدىن ئېنىق خەۋەر كەلگەن تاماقتىن كېيىنكى، نامازدىن كېيىنكى، ئۆيگە پەتىلەپ كىرگەندىكى… ئەھۋاللاردا ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت، يەنى بۇلار رەسۇلۇللاھ قىلمىغان، دىندا يېڭىدىن چىققان ئەمەل. رەسۇلۇللاھ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا تاكى ۋاپات بولغۇچە كامىدا تەخمىنەن قىرىق مىڭ ۋاخ بەش ناماز ئوقۇغان (ھېسابلاپ باقسىڭىز مۇشۇنداق چىقىدۇ)؛ كامىدا كۈنىگە بىر ۋاخ تاماق يېدى دېگەندىمۇ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا كامىدا تەخمىنەن توققۇز مىڭ ۋاخ تاماق يېگەن (ھېساپلاپ باقسىڭىز مۇشۇنداق چىقىدۇ). رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھاياتىدا ناماز بىلەن تاماق يېيىش كۈندە تەكرار يۈز بېرىدىغان ئەڭ كۆپ قىلغان ئەمىلى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زاتنىڭ نامازدىن كېيىن ۋە تاماقتىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرمۇ سەھىھ ھەدىس كەلمىگەن. بۇ ھال رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا يېتىپ ئاشىدۇ. نامازدىن ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشتا زىغىرنىڭ ئۇرۇقىچىلىك پايدا بولغان بولسا رەسۇلۇللاھ چوقۇم نامازدىن ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئۈممىتىگە ئۆگەتكەن بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ قۇرئاندا رەسۇلۇللاھنى «كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) ئۆگىتىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن. رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستە «سىلەرگە پايدىلىقلا ئىش بولسا يەتكۈزمەي قالمىدىم، سىلەرگە زىيانلىقلا ئىش بولسا ئۇنىڭدىن توسماي قالمىدىم» دېگەن. (ھەدىسنى ئىمام ئەلبانى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان) دېمەك، ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈشتە پايدا بولغان بولسا، بۇنى رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلغان، ئۆزى قىلىپ ئۆرنەك بولغان بولاتتى.
رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا بىرەر قېتىم قىلغان ئىشلىرىمۇ سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدا بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. مەسىلەن، بەقىئ قەبرىستانلىقىغا يېرىم كېچىدە چىقىپ ئۈچ قېتىم قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى(بۇ ھەدىس مۇسلىمنىڭ قەبرە يوقلاش بابىدا بار)، قەبرە بېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ھۆل خورما شېخنى سانجىپ قويۇشى (بۇ ھەدىس بۇخارىدا بار)، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغان كۈنى شەھەر سىرتىدىكى ئۆيىدىن قايتىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ يۈزىنى ئېچىپ پېشانىسىگە سۆيۈشى… قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدە ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە بىر قېتىملا بولغان ئىشلار. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر قېتىم قىلىپلا قالغان ھەر قانداق ئىشى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئىكەن، ھاياتىدا ئەڭ كامىدا قىرىق مىڭ ۋاخ بەش ناماز، ئەڭ كامىدا توققۇز مىڭ ۋاخ تاماق يېگەن رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان بولسا، چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغىنى بىزگە يېتىپ كېلەتتى. رەسۇلۇللاھتىن بىرەر ئىشتا بىزگە ھېچنېمە يېتىپ كەلمىگەن بولسا، ئۇ ھالدا رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىشنى قىلمىغان بولۇشى قۇياشتەك ئايدىڭ،يۈزدە يۈز ئېنىق. رەسۇلۇللاھ ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ئىكەن، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز بىدئەت، ھارام. چۈنكى، بىدئەتنىڭ نەتىجىسى دوزاخ. ئۆلىمالار: دوزاخ بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ھەر قانداق ئەمەل گۇناھى كەبىرە دېگەن چۈشەنچىدە. بىدئەتنڭ نەتىجىسى دوزاخ بولغانلىقتىن، ھەر قانداق تۈردىكى بىدئەت گۇناھى كەبىرە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئېشىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى يالغانغا چىقارغانلىق بولىدۇ. ئۆز ئالدىغان ئىسلام شەرىئىتى بەلگىلىگەنلىك بولىدۇ.
بەزىلەر «رەسۇلۇللاھ نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىشنى چەكلمىگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئاللاھ قۇرۇق قويمايدۇ دېگەن ھەدىسلەر بولغان ئىكەن، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش دۇرۇس، ھەتتا مۇستەھەب» دېيىشمەكتە. راستتىنلا دىنغا ئائىت بىر ئىشنى رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بولسىمۇ، باشقىلار قىلسا بولىۋېرەمدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى. مەن بۇ ھەقتە ئۆرنەكلىك دەلىلدىن بىر نەچچىنى كەلتۈرىمەن.
بىرىنجى ھەدىس: سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ .(رواە المسلم)
ھەدىستىن شۇ ئايدىڭ بولدىكى: ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشىر ئىبنى مەرۋاننى ئۇ مۇنبەردە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» دەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى نېمىشقا قىلىسەن دەپ نارازى بولۇپ «ئاللاھ ئىككى قولۇڭنى قۇرۇتۇۋەتسۇن» دېگەن ناھايىتى ئېغىر سۆزنى قىلدى.
بۇ رەسۇلۇللاھ دىن نامىدا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئەيىبلىنىپ، قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سەھىھ ھەدىس. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشلارنى چەكلىمە بولمىغاندىكىن دەپ قىلىۋېرىدىغان كىشىلەر نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈشنى مەنىۋىي مۇتىۋاتىر دەۋېلىپ، قول كۆتۈرۈشكە يوچۇق ئېچىپ، شەرئىي دەلىلگە ئەمەس، ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشتى. ئەمما، ساھابىلەر بۇلاردەك ئەمەس ئىدى. قول كۆتۈرۈش ھەدىسى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك مەنىۋىي مۇتىۋاتىر بولغاندىكىن يۇقارقى ساھابە ھاكىمغا قارشى چىقماي جىم تۇرسا بولماسمىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىشىر ئىبنى مەرۋانمۇ باشقا ئىش قىلماي پەقەت خۇتبىدە قوللىرىنى كۆتۈرۈپلا قويۇپتىغۇ؟ خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان باشلىقنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قارغىغان ساھابىنى «دىندا ئىختىلاپ تېرىدى، كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئارىسىنى بۆلدى، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ بىرلىكنى بۇزدى» دېيىش كېرەكمۇ؟ بىرەر مۇۋەھھىد مۇسۇلمان ھەر قانداق بىر بىدئەتكە قارشى چىقسا، بىدئەتكە چۆمۈپ كەتكەنلەر ئۇلارغا يۇقارقىدەك قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ كەلمەكتە.
بۇ ھەدىستىن ئايدىڭكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى ھېچكىمنىڭ قىلىشقا ھەددى يوق. رەسۇلۇللاھ خۇتبىدە ئىستىسقا دۇئاسىدىن باشقا چاغدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ئىكەن، باشقا ھەر كىمنىڭ خۇتبىدە، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغان ھەر قانداق ئورۇندا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى بىدئەت. بۇنىڭغا يۇقارقى ھەدىس پولاتتەك كۈچلۈك دەلىل. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىش دۇرۇسلا بولىدىغان ئىش بولسا، ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرگىزمۇ بىشىرغا ئۆكتە قوپمىغان، شۇنداقلا ئۇنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قاغىمىغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ نامازنىڭ ئارقىسىدا قەتئىي قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئەمەس بۇنىڭغا بىنائەن، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت. چۈنكى، بۇنداق قىلىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئاتىگاچىلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنى تاشلاپ، رەسۇلۇللاھتىن يول ئايرىپ، ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئاتىگاچىلىق قىلىش گۇناھى كەبىرە. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّـهَ ۚ إِنَّ اللَّـهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ}{ئى مۇئمىنلەر! (ھەر قانداق ئىشتا، ھەر قانداق سۆزدە، ھەر قانداق ئەمەلدە) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلىغۇچى، (ھەممە ئەھۋالىڭلارنى تولۇق) بىلگۈچىدۇر.} (سۈرە ھۇجۇرات، 1-ئايەت) ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى مۇشۇنداق بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشىنى قىلغان ھاكىمغا قاتتىق تەنبىھ بەرگەن.
ئىككىنجى ھەدىس: ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:
ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)
[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ. قَالَ لِمَ. قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]
بايىقى سۆزۈمنى قايتا تەكرارلايمەن. ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى.
ئۈچىنچى ھەدىس: ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغويالمصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. ئەھلى بىدئەت تائىپىلىرىدەك «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن بۇ ياخشى ئىش» دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېتىۋېرىشتىن، ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتىن ساھابىلەر يىراق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا نەچچە ئون يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ «ئەللامە» بولۇپ كەتكەنلىكى قانائىتىدە گىدىيىپ يۈرۈشكەن بىر تۈركۈم بىچارە كىشىلەر مەيلى ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىپ قول كۆتۈرۈشتە بولسۇن، ياكى باشقا بىدئەتلەردە بولسۇن، ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دەپ رەددىيە بېرىلسە، يۇقارقى كاتتا ساھابىلەردەك دەرھال قىلمىشىدىن يانماستىن، «بۇ ئىختىلاپىي مەسىلە، ئۇششاق ئىشتا بۆلگۈنچىلىك سېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن يەنە ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ بېقىۋاتقانلىقى ئېنىق. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنىدىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق ئازىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ، دوزاخ يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى ھەق يولغا ھىدايەت قىلسۇن.
ئاللاھ قۇرئاندا ھەممە ئىشتا رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە تۇتۇشقا، ھېچقانداق ئىشتا ئۇ زاتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ئاتىگاچىلىق قىلماسلىققا بۇيرۇغان بولۇشىغا قارىماستىن، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ – ھەتتا داموللام ئاتالغان بەزى كىشىلەرنىڭ – رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشتىكى تەۋھىد ئەقىدىسى يېتەرسىز، قۇسۇرلۇق بولغانلىقى، دىندىكى ئام ۋە خاس دەلىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىلىمسىز بولغانلىقى، بىر تۈركۈم موللاملار خەلققە دىننى ئۆگىتىشتە لاياقەتسىزلىك قىلىپ، كىتاب ۋە سۈننەتنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ موللاملاردا بولسۇن ياكى ئۇلارغا ئەگەشكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلىپ، قىلغان ئىشنى قىلمايدىغان تەتۈر كەيپىيات شەكىللەنگەن. بۇ ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدىغان ئىش بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە «كىمكى دىندا بىز قىلمىغان ئىش قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» دېگەن. (ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم).
خۇلاسە شۇكى: نامازدىن ۋە تاماقتىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ، بۇ قىلمىش چوقۇم تەرك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىللىرى يۇقىرىدا بايان قىلىندى.
خاتىمە
قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش ھەدىسلىرى ئام (ئومۇمىي)، تاماق ۋە ناماز مەسىلىلىرى خاس بولۇپ، ئام ھۆكۈمنى خاس ھۆكۈمنڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا توغرا ئەمەس. خاس ھۆكۈم ھەر زامان ئامنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئام ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرۇۋالغۇچى دىندا بىدئەت پەيدا قىلىپ ئىختىلاپ تېرىشى تەبئىي. دىندا ئاللاھ رازى بولىدىغان يولدا ماڭىمەن دېگۈچى چوقۇم رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتە تابىئىن ئىماملاردىن ئەيتاۋۇر سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە «كىشى سۈننەتنى بىلمىگۈچە ئادەم سانالماس» دېگەن. (ئىمام ئىبنى جەۋزى:سىفاتۇس سەفۋا) بۇ ۋەجىدىن، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنى ياخشى ئۆگىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيمىز، شۇ ئارقىلىق سۈرە فۇرقاندا بايان قىلىنغان «ۋاي ئېسىت! (دۇنيادىكى چېغىمدا) پەيغەمبەرنىڭ يولى بولغان نىجاتلىق يولىنى تۇتسامچۇ!» دەپ نادامەت چېكىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماستىن سۈننىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش ئاللاھ قۇرئاندا بايان قىلىنغان تەقۋادارلىق يولىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، جەننەت ئەھلى دەل رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي باشتۇڭلۇق قىلماي ياشىغان مۆمىن مۇسۇلمانلاردۇر.
رەسۇلۇللاھنىڭ قولىنى كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەر قانداق ھەدىسنى دەلىل قىلىپ تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈشنى تەشۋىق قىلغان مۇسۇلمانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىدىكى توققۇز مىڭ ۋاخ تامىقىدا بىر قېتىممۇ قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ خەۋەر كەلمىگەنلىكى بىلەن، شۇنداقلا يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئۈچ ھەدىستىكى ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى باشقىسى قىلسا ئۇنى چوقۇم توسىدىغانلىقى بىلەن رەددىيە بېرىلىدۇ ۋە ناماز ۋە تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنى دۇرۇس دېگۈچىنىڭ تەشەببۇسنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە، ساھابىلەرنىڭ يولىغا قارشى شەيتانىي تەشەببۇس ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ.
تەۋپىق ئاللاھتىن. ئاللاھ ھەممىمىزنى سۈننەت يولىدا مۇستەھكەم قىلغاي.