ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشكەن نامازخان قانداق قىلىدۇ؟

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشكەن نامازخان قانداق قىلىدۇ؟

 

ئىمامغا ئۇ رۇكۇ قىلىۋاتقاندا يېتىشكەن نامازخاننىڭ تەكبىرەتۇل ئىھرام ئوقۇپ ئاندىن ئىمامغا ئەگىشىشى پەرز

 

سوئال: ئىمام رۇكۇدىكى چاغدا ئۇنىڭغا يېتىشكەن بەزى مۇسۇلمانلار (قانداق قىلىدۇ)؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1423؛ م:2001)

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى

 

جاۋاب: ئىمامغا سەجدە ھالىتىدە يېتىشكەن نامازخاننىڭ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىرەتۇل ئىھرام (نامازغا كىرىش تەكبىرى) ئوقۇپ ئاندىن ئىمامغا ئەگىشىشى پەرز. ئاندىن، خالىسا رۇكۇغا بېرىش ئۈچۈن (‹ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ تەكبىر ئېيتىپ – خالىسا باشتىكى نامازغا كىرىش تەكبىرى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ – رۇكۇغا بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، رۇكۇغا بېرىشتىن ئاۋۋال تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب. مانا بۇ ئىلىم ئەھلىلىرى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن) نىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدۇر.

(مەنبە: لقاء الباب المفتوح – ئادرېس: http://audio.islamweb.net/audio/index.php?page=FullContent&audioid=111088#111088)

 

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ