ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: باشقىلارنى لەنەتلەشنىڭ ھۆكمى

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: باشقىلارنى لەنەتلەشنىڭ ھۆكمى

ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «قەۋلۇل مۇفىيد» تا مۇنداق دېگەن:

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى لەنەت قىلغان دائىرىدىكى كىشىلەرگە لەنەت قىلىش دۇرۇس. كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن كىشىگە لەنەت قىلىشمۇ دۇرۇس. بىراق، مۇسۇلمانلىققا تەۋە قىلىنغان پاسىق (ھارام ئىشلارنى قىلغۇچى) نى لەنەتلىمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاراق ئىچىدىغان ئابدۇللاھ ئىبنى ھىمارنى لەنەتلىمىگەن. گەرچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاراقكەشنى ئومۇمىي ھالەتتە لەنەتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاراق ئىچكەن ئابدۇللاھ ئىبنى ھىمارنى لەنەتلىمىگەن.(بۇ ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلاتى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ 6780- ھەدىسىدە بار) ئەمما، مەلۇم بىر پاسىق بولۇپ، بۇ پاسىق بىدئەت تەرغىباتچىسى بولغان تەقدىردە ئۇنى لەنەتلەشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپلىشىپ قالغان. (ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «قەۋل ئەلمۇفىيد»، 1-226)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ