سورۇنلاردا چاۋاك چېلىش ۋە ئىسقىرتىشنىڭ ھۆكمى
پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، فەقىھ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن (ۋاپاتى: ھ-1422؛ م-2001)
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
چاۋاك چېلىش ۋە ئىسقىرتىش دېگەنلەر كاپىرلارنىڭ قىلىقى. بۇ ۋەجىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇلارنى قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. مۇسۇلمان بىر ئىشتىن خوش بولۇپ كەتسە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەي، ياكى «سۇبھاناللاھ» دېگەي.
بۇنىڭدىن سىرت، بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك «ئاللاھۇ ئەكبەر» نى ئوپچە ھالدا تەكشى ئاۋازدا دېيىش خاتا. كىشى ئۇنى ئۆز ئالدىغا دېيىشى كېرەك. باشقىلار بىلەن بىردەك ھالدا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق.
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن، فەتۋا ئىسلامىييە؛8\125؛ دارۇسسالام نەشرىياتى)
ئاللاھ تائالا قۇرەيىش كاپىرلىرىنىڭ ئىبادىتىنى سۈپەتلەپ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:
{وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمْ عِندَ الْبَيْتِ إِلَّا مُكَاءً وَتَصْدِيَةً ۚ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُون}
{ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ) ئازابىنى تېتىڭلار.}(8:35)[تەرجىماندىن]