زۇھد ھەدىسلىرى
مۇجتەھىد تورى تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أول ما يحاسب به العبد يوم القيامة الصلاة: فإن صلحت صلح له سائر عمله، وإن فسدت فسد سائر عمله)) «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى ئېلىنىدىغان ئىش نامازدۇر. ئەگەر نامىزىنىڭ ھېسابىدىن ياخشى ئۆتەلىسە، بەندە باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر ناماز ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە، باشقا ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىدىنمۇ ئۆتەلمەيدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 2818؛ سەھىھ جامىئ 2573؛ ئەنەس ئىبنى مالىكتىن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أسوأ الناس سرقة الذي يسرق من صلاته: لا يتم ركوعها، ولا سجودها، ولا خشوعها))«ئىنسانلاردىن ئوغرىنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆزىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىغۇچىدۇر. ئۇ نامىزىنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە خۇشۇئنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 986؛ شۇئەيب ئارنائۇت تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 2264، سەھىھ)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن مەسجىد سۇپىسىنى ماكان تۇتۇپ ياشىغان ساھابىلەردىن يەتمىش ساھابىنى كۆردۈم. ھېچبىرىنىڭ ئۇچىسىدا بەدىنىنى تولۇق ئورايدىغان كىيىمى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ پەقەتلا يا بەدىنىنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان كىيىمى بار ئىدى، يا ئاستىغا كىيدىغان كىيىمى بار ئىدى. ئۇلار كىيىملىرىنى بوينىغا چىگىۋالاتتى. بەزىلىرىنىڭ كىيىمى پاچىقىغىچە كېلەتتى، بەزىلىرىنىڭ ھوشۇقىغىچە كېلەتتى. ئۇلار ئەۋرەتلىرىنىڭ كۆرىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنى قوللىرى بىلەن پوملاپ تۇتۇۋالاتتى. (بۇخارى 442؛ رىيازۇس سالىھىن 469) لَقَدْ رَأيْتُ سَبعِينَ مِنْ أهْلِ الصُّفَّةِ ، مَا منهُمْ رَجُلٌ عَلَيْهِ رِدَاءٌ : إمَّا إزارٌ ، وَإمَّا كِسَاءٌ ، قَدْ رَبَطُوا في أعنَاقِهِمْ ، فَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ نِصْفَ السَّاقَيْن ، وَمِنْهَا مَا يَبْلُغُ الكَعْبَيْنِ ، فَيَجْمَعُهُ بِيَدِهِ كَراهِيَةَ أنْ تُرَى عَوْرَتُهُ . رواه البخاري .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ابغوني الضعفاء فإنما ترزقون وتنصرون بضعفائكم)) «مېنى ئاجىزلاردىن ئىزدەڭلار. چۈنكى، سىلەر پەقەتلا ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبلىك رىزىقلاندۇرىلىسىلەر ۋە ياردەمگە ئېرىشىسىلەر.» (سەھىھ ئەبۇ داۋۇد 2594؛ تىرمىزى 1702؛ سەھىھ مۇسنەد ئەھمەد 1044؛ سەھىھ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أفضل الذكر لا إله إلا الله، وأفضل الدعاء الحمد لله))«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى <لا ئىلاھە ئىللەللاھ>، دۇئانىڭ ئەڭ ئەۋزىلى <ئەلھەمدۇلىللاھ> تۇر.» (ئىبنى ھەجەر-تەخرىج مىشكات مەسابىھ 2\435، ھەسەن؛ ئەلبانى-سەھىھ تىرمىزى 3383، ھەسەن؛ سەھىھ ئىبنى ماجە 3080، ھەسەن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ ، وَجَنَّةُ الكَافِرِ))«دۇنيا ـــ مۆمىننىڭ تۈرمىسىدۇر، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.» (مۇسلىم 734؛ رىيازۇس سالىھىن 470)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا بىر ئەمەلنى سۆزلەپ بەرگەيلىكى، ئۇ ئەمەلنى قىلسام مېنى ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرسۇن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى (( ازْهَدْ في الدُّنْيَا يُحِبّك اللهُ ، وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحِبّك النَّاسُ )):«دۇنياغا ھەۋەس قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4202؛ رىيازۇس سالىھىن 472) عن أَبي العباس سهل بن سعد الساعدي ، قَالَ : جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النبي ، فقال : يَا رسولَ الله ، دُلَّنِي عَلَى عَمَلٍ إِذَا عَمِلْتُهُ أحَبَّنِي اللهُ وَأحَبَّنِي النَّاسُ ، فقال : (( ازْهَدْ في الدُّنْيَا يُحِبّك اللهُ ، وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحِبّك النَّاسُ )) حديث حسن رواه ابن ماجه وغيره بأسانيد حسنة .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((اقتربت الساعة، ولا يزداد الناس إلا حرصا ولا يزدادون من الله إلا بعدا))«قىيامەت يېقىنلاشتى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئاللاھتىن يىراقلىشىشى ئاشماقتا.»(سەھىھ جامىئۇس سەغىر، 1146)
نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كىشىلەر قولغا كەلتۈرگەن ماللار توغرۇلۇق سۆز قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كۈنبويى ئاچلىقتىن تولغانغىنىنى، قورسىقىنى تويغازغۇدەك ناچار خورما بولسىمۇ تاپالمىغانلىقىنى كۆردۈم. (مۇسلىم 2978؛ رىيازۇس سالىھىن 473) عن النعمان بن بشير رضي الله عنهما ، قَالَ : ذَكَرَ عُمَرُ بْنُ الخَطَّابِ ، مَا أَصَابَ النَّاسُ مِنَ الدُّنْيَا ، فَقَالَ : لَقَدْ رَأيْتُ رسول الله يَظَلُّ الْيَوْمَ يَلْتَوِي مَا يَجِدُ مِنَ الدَّقَلِ مَا يَمْلأ بِهِ بَطْنَهُ . رواه مسلم .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋسسەللەم ۋاپات بولغان چاغدا، ئۆيۈمدە تاختا بېشىدىكى ئازغىنە ئارپىدىن باشقا يېگۈدەك ھېچقانداق نەرسە يوق ئىدى. مەن شۇ ئارپىدىن ئۇزۇنغىچە يېدىم. ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىن ئۆلچەپ باققان ئىدىم، ئارپا (تېز مۇددەتتە) تۈگەپ كەتتى. (بۇخارى 3097؛ مۇسلىم 2973) وعن عائشة رضي الله عنها ، قالت : تُوفي رسول الله، وَمَا في بَيْتِي مِنْ شَيْءٍ يَأكُلُهُ ذُو كَبِدٍ إِلاَّ شَطْرُ شَعِيرٍ في رَفٍّ لي ، فَأكَلْتُ مِنْهُ حَتَّى طَالَ عَلَيَّ ، فَكِلْتُهُ فَفَنِيَ . متفقٌ عَلَيْهِ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((كف عنا جشاءك؛ فإن أكثرهم شبعا في الدنيا أطولهم جوعا يوم القيامة)) «كىشىلەرنىڭ يېنىدا كېكىرمە. دۇنيادا توق يۈرگەنلەر قىيامەت كۈنى ئاچ قالىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 6265؛ سەھىھ تىرمىزى 2478؛ ئىبنى ئۆمەردىن)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( لَوْ كَانَت الدُّنْيَا تَعْدِلُ عِنْدَ الله جَنَاحَ بَعُوضَةٍ ، مَا سَقَى كَافِراً مِنْهَا شَرْبَةَ مَاءٍ ))«ئەگەر دۇنيا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە پاشىنىڭ قانىتىچىلىك ئېتىبارغا ئىگە بولغان بولسا، ئاللاھ كاپىرغا بىر يۇتۇم سۇنىمۇ ئىچكۈزمىگەن بولاتتى.» (تىرمىزى 2320؛ ئىبنى ماجە 4110؛ رىيازۇس سالىھىن 477)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أول ما يسأل عنه العبد يوم القيامة من النعيم أن يقال له: ألم نصح لك جسمك، ونرويك من الماء البارد؟)) «قىيامەت كۈنى مۆمىن بەندىدىن تۇنجى بولۇپ ھېسابى سورىلىدىغان نىمەت <ساڭا ساغلام تەن ئاتا قىلمىدۇقمۇ؟ ساڭا قانغۇچە مۇزدەك سۇ ئىچكۈزمىدۇقمۇ؟> دەپ سوراشتۇر.» (جامىئۇس سەغىر 2253؛ سەھىھ جامىئ2022؛ سەھىھ تىرمىزى 3358؛ ئىبنى ھەجەر-فەتھۇلبارى 11\172؛ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( أَلاَ إنَّ الدُّنْيَا مَلْعُونَةٌ ، مَلْعُونٌ مَا فِيهَا ، إِلاَّ ذِكْرَ اللهِ تَعَالَى ، وَمَا وَالاهُ ، وَعالِماً وَمُتَعَلِّماً ))«ئاگاھ بولۇڭلاركى! دۇنياغا لەنەت قىلىنغان. دۇنيادىكى نەرسىلەرگىمۇ لەنەت قىلىنغان. پەقەتلا ئاللاھنىڭ زىكرى، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەر، (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) ئالىم ۋە (رەسۇلۇللاھقا قەتئىي ئەگەشكەن) شەرئىي ئىلىم ئۆگەنگۈچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» (تىرمىزى 744؛ تىرمىزى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 478؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ)
كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ زات مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:((إنَّ لِكُلِّ أُمَّةٍ فِتْنَةً ، وفِتْنَةُ أُمَّتِي : المَالُ))«ھەر ئۈممەتنىڭ بىر پىتنىسى بار. ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر.»(تىرمىزى 2336؛ تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ رىيازۇس سالىھىن 481)
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا ذِئْبَانِ جَائِعَانِ أُرْسِلا في غَنَمٍ بِأفْسَدَ لَهَا مِنْ حِرْصِ المَرْءِ عَلَى المَالِ وَالشَّرَفِ لِدِينهِ))«كىشىنىڭ پۇل-مالغا ۋە شان-شۆھرەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ دىنىغا سالىدىغان زىيىنى، قوي پادىسى ئىچىگە قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ قوي پادىسىغا سالغان زىيىنىدىنمۇ چوڭراقتۇر.»(تىرمىزى 2376؛ ھەسەن سەھىھ؛ رىيازۇس سالىھىن 485)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بورا ئۈستىدە ئۇخلىغان ئىدى. قوپقىنىدا مۇبارەك بېقىنلىرى بورىنىڭ ئىزى بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ زاتقا ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، سىلىگە كارىۋات ياساپ بەرسەك بوپتىكەن› دېيىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جاۋابەن مۇنداق دېدى:«مېنىڭ دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم؟ مەن دۇنياغا نىسبەتەن بىر ياغاچنىڭ ئاستىدا سايىدىغان، ئاندىن ئۇنى تاشلاپ كەتكەن يولۇچىغا ئوخشاشمەن.»(تىرمىزى 2377؛ رىيازۇس سالىھىن 486) وعن عبد الله بن مسعود t ، قَالَ : نَامَ رسول الله r عَلَى حَصيرٍ ، فَقَامَ وَقَدْ أثَّرَ في جَنْبِهِ ، قُلْنَا : يَا رَسُولَ اللهِ ، لَوْ اتَّخَذْنَا لَكَ وِطَاءً . فَقَالَ : (( مَا لِي وَلِلدُّنْيَا ؟ مَا أَنَا في الدُّنْيَا إِلاَّ كَرَاكِبٍ اسْتَظَلَّ تَحْتَ شَجَرَةٍ ثُمَّ رَاحَ وَتَرَكَهَا )) رواه الترمذي ، وقال : (( حديث حسن صحيح )) .
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( إن الظلم ظلمات يوم القيامة)) «(دۇنيادا قىلىنغان) زۇلۇم-گۇناھلىق ئىشلار قىيامەت كۈنىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر.» (مۇسلىم 2579)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أحب البلاد إلى الله مساجدها، و أبغض البلاد إلى الله أسواقها))«ماكانلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكى مەسجىدلەردۇر؛ ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغىنى بازارلاردۇر.» (مۇسلىم 671؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 167)
ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((فُقَرَاءُ الْمُهَاجِرِينَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ قَبْلَ أَغْنِيَائِهِمْ بِخَمْسِمِائَةِ سَنَةٍ))«نامرات مۇھاجىرلار باي مۇھاجىرلاردىن بەش يۈز يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(تىرمىزى 2351)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يدْخُلُ الفُقَرَاءُ الْجَنَّةَ قَبْلَ الأَغْنِيَاءِ بِخَمْسِمئَةِ عَامٍ))«پېقىر مۆمىنلەر باي مۆمىنلەردىن بەش يۈز يىل بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ.»(تىرمىزى 2353؛ سەھىھ؛ رىيازۇس سالىھىن 487)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يَدْخُلُ فُقَرَاءُ الْمُسْلِمِينَ الْجَنَّةَ قَبْلَ أَغْنِيَائِهِمْ بِنِصْفِ يَوْمٍ وَهُوَ خَمْسُمِائَةِ عَامٍ))«نامرات مۇسۇلمانلار باي مۇسۇلمانلاردىن يېرىم كۈن بۇرۇن جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ يېرىم كۈن بەش يۈز يىلغا تەڭدۇر.»(تىرمىزى 2354؛ تىرمىزىي سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى ھەسەن سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:((مَا كَانَ يَفْضُلُ عَنْ أَهْلِ، بَيْتِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم خُبْزُ الشَّعِيرِ))«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ھېچقاچان ئارپا نېنى يېتەرلىك بولۇپ باقمىغان.»(تىرمىزى 2359؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئىبنى ئابباس ۋە ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((اطَّلَعْتُ في الجَنَّةِ فَرَأيْتُ أكْثَرَ أهْلِهَا الفُقَرَاءَ ، وَاطَّلَعْتُ في النَّارِ فَرَأيْتُ أكْثَرَ أهْلِهَا النِّسَاءَ))«جەننەتكە قارىدىم، جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ پېقىرلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. دوزاخقا قارىدىم، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.» (بۇخارى 6449؛ مۇسلىم 2737؛ رىيازۇس سالىھىن 488)
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قُمْتُ عَلَى بَابِ الجَنَّةِ ، فَكَانَ عَامَّةُ مَنْ دَخَلَهَا المَسَاكِينُ ، وَأصْحَابُ الجَدِّ مَحبُوسُونَ ، غَيْرَ أنَّ أصْحَابِ النَّارِ قَدْ أُمِرَ بِهِم إِلَى النَّارِ))«جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردۇم. جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يوقسۇللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. پۇلدارلار ھېساب ئۈچۈن ساقلىتىپ قويۇلۇپتۇ. دوزاخ ئەھلى دوزاخقا بۇيرۇلۇپ بولغان ئىدى.»(بۇخارى 6547؛ مۇسلىم 2736؛ رىيازۇس سالىھىن 489)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أدخل الله الجنة رجلا كان سهلا: مشتريا، وبائعا، وقاضيا، ومقتضيا))«ئاللاھ ئالغاندا، ساتقاندا، قەرزىنى تۆلىگەندە ۋە قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قوللۇق قىلىپ سىلىق بولغان مۆمىن كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.» (ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 243، ھەسەن؛ مۇنزىرى-ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب 3\25؛ ئىمام مۇنزىرى ئىسنادى ئىشەنچىلىك دېگەن، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەندەك غازىتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك كولايتتى، بىز توپىنى توشۇيتتۇق. ئۇ زات بىزنى كۆرۈپ «ئاللاھىم! پەقەت ئاخىرەت ھاياتىلا ھەقىقىي ھاياتتۇر. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنى مەغفىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6414؛)((حَدَّثَنَا سَهْلُ بْنُ سَعْدٍ السَّاعِدِيُّ كُنَّا مَعَ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي الْخَنْدَقِ وَهُوَ يَحْفِرُ وَنَحْنُ نَنْقُلُ التُّرَابَ وَيَمُرُّ بِنَا فَقَالَ اللَّهُمَّ لَا عَيْشَ إِلَّا عَيْشُ الْآخِرَهْ فَاغْفِرْ لِلْأَنْصَارِ وَالْمُهَاجِرَهْ))
سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((عَنْ سَهْلٍ قَالَ سَمِعْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ مَوْضِعُ سَوْطٍ فِي الْجَنَّةِ خَيْرٌ مِنْ الدُّنْيَا وَمَا فِيهَا وَلَغَدْوَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ رَوْحَةٌ خَيْرٌ مِنْ الدُّنْيَا وَمَا فِيهَا))«جەننەتىكى بىر قامچىچىلىك يەر دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر. ئاللاھ يولىدا بىر ئەتىگەن ياكى بىر ئاخشام (كۈچ سەرپ قىلىش) دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراقتۇر.»(بۇخارى 6415؛)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۈرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇپ «دۇنيادا بىر غېرىپتەك، ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلساڭ سەھەرنى كۈتمە؛ سەھەر قىلساڭ ئاخشام بولۇشىنى كۈتمە. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل، ساڭا ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ھاياتىڭنى غەنىيمەت بىل (غەنىيمەت چاغلىرىڭدا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋال).»(بۇخارى 6416؛) عَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ أَخَذَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ بِمَنْكِبِي فَقَالَ كُنْ فِي الدُّنْيَا كَأَنَّكَ غَرِيبٌ أَوْ عَابِرُ سَبِيلٍ وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ يَقُولُ إِذَا أَمْسَيْتَ فَلَا تَنْتَظِرْ الصَّبَاحَ وَإِذَا أَصْبَحْتَ فَلَا تَنْتَظِرْ الْمَسَاءَ وَخُذْ مِنْ صِحَّتِكَ لِمَرَضِكَ وَمِنْ حَيَاتِكَ لِمَوْتِكَ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر مەن مۆمىن بەندەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ۋاپات قىلدۇرسام، ئۇ ساۋاب ئۈمىد قىلىپ بۇنىڭغا سەبر قىلسا، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى بېرىمەن.»(بۇخارى 6424؛) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ يَقُولُ اللَّهُ تَعَالَى مَا لِعَبْدِي الْمُؤْمِنِ عِنْدِي جَزَاءٌ إِذَا قَبَضْتُ صَفِيَّهُ مِنْ أَهْلِ الدُّنْيَا ثُمَّ احْتَسَبَهُ إِلَّا الْجَنَّةُ
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((قال الله تعالى: حقت محبتي على المتحابين، أظلهم في ظل العرش يوم القيامة يوم لا ظل إلا ظلي)) «ئاللاھ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشكەن تەۋھىد ئەھلى مۆمىنلەر مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمگە ئېرىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ھېچبىر سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىمەن.» (جامىئۇس سەغىر 6058؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 4320؛ ئۇبادە ئىبنى سامىتتىن)
مىرداس ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سالىھ كىشىلەر بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاندىن، ئارپىنى ئەلگەك بىلەن تاسقىسا ئەلگەكتە قېلىپ قالىدىغان (ئەخلەت-چاۋار) غا ئوخشاش ئىنسانلار قالىدۇ. بۇنداقلارنى ئاللاھ تائالا قىلچىمۇ ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»(بۇخارى 6434؛) عَنْ مِرْدَاسٍ الْأَسْلَمِيِّ قَالَ قَالَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَذْهَبُ الصَّالِحُونَ الْأَوَّلُ فَالْأَوَّلُ وَيَبْقَى حُفَالَةٌ كَحُفَالَةِ الشَّعِيرِ أَوْ التَّمْرِ لَا يُبَالِيهِمْ اللَّهُ بَالَةً
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى مەدىنىگە كەلگەندىن باشلاپ، تاكى ئۇ زات ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇدا ئۈچ كۈن بۇغداي نېنى بىلەن قورسىقىنى تويغۇزۇپ باقمىدى. (بۇخارى 6454؛) عَنْ عَائِشَةَ قَالَتْ مَا شَبِعَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مُنْذُ قَدِمَ الْمَدِينَةَ مِنْ طَعَامِ بُرٍّ ثَلَاثَ لَيَالٍ تِبَاعًا حَتَّى قُبِضَ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلىسى بىر كۈندە ئىككى ۋاخ تاماق يەپ باقمىدى. بىر ۋاخ تامىقى خورمىدىن باشقىسى بولمىدى.» (بۇخارى 6455؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ مَا أَكَلَ آلُ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَكْلَتَيْنِ فِي يَوْمٍ إِلَّا إِحْدَاهُمَا تَمْرٌ
ئائىشە رەزىيەللھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئاي بويى تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئوت ياقمايتتۇق. يەيدىغىنىمىز پەقەتلا خورما بىلەن سۇ ئىدى. بىرەر پارچە گۆش كېلىپ قېلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا.»(بۇخارى 6458؛) عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا قَالَتْ كَانَ يَأْتِي عَلَيْنَا الشَّهْرُ مَا نُوقِدُ فِيهِ نَارًا إِنَّمَا هُوَ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنْ نُؤْتَى بِاللُّحَيْمِ
ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرگە «ئى قىز قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! بىز ئىككى ئاي ئىچىدە ئۈچ ھىلال ئاينى كۆرەتتۇق، بۇ جەرياندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە تاماق ئۈچۈن ئوت قالانمايتتى» دېدى. ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: «نېمە يەپ جان كەچۈرەتتىڭلار؟» دەپ سورىۋىدىم مۇنداق دېدى:«سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت ئىككى قارىنى يەيتۇق. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىر قىسىم ئەنسارى قوشنىلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تېمەن تۆگىلىرى ياكى قويلىرى بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئۆيلرىدىن سۈت ئەۋەتەتتى. ئۇ زات بىزگە ئۇنىڭدىن ئىچكۈزەتتى.»(بۇخارى 6459؛) عَنْ عُرْوَةَ عَنْ عَائِشَةَ أَنَّهَا قَالَتْ لِعُرْوَةَ ابْنَ أُخْتِي إِنْ كُنَّا لَنَنْظُرُ إِلَى الْهِلَالِ ثَلَاثَةَ أَهِلَّةٍ فِي شَهْرَيْنِ وَمَا أُوقِدَتْ فِي أَبْيَاتِ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَارٌ فَقُلْتُ مَا كَانَ يُعِيشُكُمْ قَالَتْ الْأَسْوَدَانِ التَّمْرُ وَالْمَاءُ إِلَّا أَنَّهُ قَدْ كَانَ لِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ جِيرَانٌ مِنْ الْأَنْصَارِ كَانَ لَهُمْ مَنَائِحُ وَكَانُوا يَمْنَحُونَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ أَبْيَاتِهِمْ فَيَسْقِينَاهُ
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(لَيْسَ لاِبْنِ آدَمَ حَقٌّ فِي سِوَى هَذِهِ الْخِصَالِ بَيْتٌ يَسْكُنُهُ وَثَوْبٌ يُوَارِي عَوْرَتَهُ وَجِلْفُ الْخُبْزِ وَالْمَاءِ)«ئادەم بالىسىنىڭ تۇرىدىغان تۇرالغۇ، ئەۋرىتىنى ياپىدىغان كىيىم، بىر بۇردا نان ۋە سۇ دىن باشقىغا ھەققى يوقتۇر.» (تىرمىزى 2341؛ ئىمام تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى زەئىپ دېگەن؛ زەھەبى سەنەدىدىكى ھارىس ئىبنى سائىبنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار دېگەن؛ مۇنزىرى ئىسنادى سەھىھ، ياكى ھەسەن، ياكى شۇنىڭغا يېقىن دېگەن)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (مَنْ أَصْبَحَ مِنْكُمْ آمِنًا فِي سِرْبِهِ مُعَافًى فِي جَسَدِهِ عِنْدَهُ قُوتُ يَوْمِهِ فَكَأَنَّمَا حِيزَتْ لَهُ الدُّنْيَا)«سىلەردىن كىمكى ئائىلىسىدە ئامان-ئېسەن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزسا، تېنى سالامەت بولسا ۋە شۇ كۈنلۈك يېمىكى ھازىر بولسا، ئۇنىڭغا بەئەينى پۈتۈن دۇنيا (ماتاسى) توپلانغا باراۋەردۇر.»(تىرمىزى 2346؛ ئىمام تىرمىزى ھەسەن غەرىيب دېگەن، ئىمام ئىبنى ھەجەر مىشكات تەخرىجىدە ھەسەن دېگەن؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى رەببىم! مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىگە كۈن كەچۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە رىزق ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.(بۇخارى 6460؛) عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ اللَّهُمَّ ارْزُقْ آلَ مُحَمَّدٍ قُوتًا
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن مۆمىن تاكى سۈت ئەمچەككە قايتمىغۇچە دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندا كۆتۈرۈلگەن توپا-چاڭ بىلەن دوزاخنىڭ تۈتۈنى بىر يەردە جەم بولمايدۇ.» (تىرمىزى 1633؛ نەسائىي 3108؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) عن أبي هريرة – رضي اللَّه عنه – قال : قالَ رسُولُ اللَّهِ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم : » لا َيَلِجُ النَّارَ رَجْلٌ بَكَى مِنْ خَشْيَةِ اللَّه حَتَّى يَعُودَ اللَّبَنُ في الضَّرْع ، وَلا يَجْتَمعُ غُبَارٌ في سَبِيلِ اللَّه ودُخانُ جَهَنَّمَ » . رواه الترمذي (1633) والنسائي (3108) . وصححه الألباني .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((أكثر من «لا حول ولا قوة إلا بالله» فإنها من كنز الجنة))«لاھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ نى كۆپ دېگىن، چۈنكى ئۇ جەننەت خەزىنىسىدىندۇر.» (ئەلبانى: سەھىھ تىرمىزى 3602)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ الإيمانَ لَيَخْلَقُ في جَوْفِ أحدِكُمْ كَما يَخلَقُ الثّوبُ، فاسْألُوا اللهَ تعالى: أنْ يُجَدِّدَ الإيمانَ في قُلوبِكمْ)) «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمانى بەئەينى ئۇچىسىدىكى كىيىمى كونىرىغاندەك كونىرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالادىن قەلبىڭلاردىكى ئىماننىڭ يېڭىلاپ بېرىشنى سوراڭلار.» (سۇيۇتى-جامىئۇس سەغىر 1957؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئۇس سەغىر 159؛ سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ اللهَ تعالى جَوادٌ يحبُّ الجُودَ، ويحبُّ مَعالِي الأَخلاقِ، ويكرَهُ سَفسافَها)) «ئاللاھ تائالا مەرتتۇر، مەرتلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈزەل خۇي-مىجەزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار، پەس خۇي-مىجەزلەرنى يامان كۆرىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 1723؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1744؛ تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ۋە ئىبنى ئابباستىن، سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنَّ أزواجَ أهلِ الجنةِ ليغُنِّين أزواجَهنَّ بأحسنِ أصواتٍ ما سمعها أحدٌ قطُّ)) «جەننەت ئەھلىنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىگە ھېچ كىم ئاڭلاپ باقمىغان گۈزەل نەغمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ.» (سۇيۇتى-جامىئۇسسەغىر 2199؛ ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1561؛ سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن سبحان الله، والحمد لله، و لا إله إلا الله، والله أكبر تنفض الخطايا كما تنفض الشجرة ورقها)) «سۇبھاناللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر كەلىمىلىرى — خۇددى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى تۆككەندەك — تەۋھىد ئەھلى مۆمىننىڭ گۇناھلىرىنى تۆكىدۇ.» (سۇيۇتى-جامىئۇسسەغىر 2277؛ ئەلبانى-سەھىھ جامىئ 2089؛ سەھىھ؛ ئەھمەد شاكىر-تەخرىج مۇسنەد ئەھمەد 8\36؛ سەھىھ)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىنسانلار يامان ئىش قىلغۇچىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى يامانلىقتىن توسمىسا، ئاللاھ تائالا يېقىن زاماندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېتىيدىغان ئازاب ئەۋەتىدۇ.» (جامىئۇس سەغىر 2136؛ سەھىھ تىرمىزى 2168، سەھىھ ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن أفضل عباد الله يوم القيامة الحمادون))«قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدە ئېيتقۇچىلاردۇر.» (سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1571)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (أنا وكافِلُ اليتيمِ في الجنةِ هكذا) «مەن بىلەن يېتىمنى بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشى بىلەن جەننەتتە مانا مۇشۇنداقمىز.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇشۇنداق دەپ، شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئىشارە قىلدى. (سەھىھ جامى 1475؛ سەھىھ بۇخارى 6005) بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى سالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دەرىجىسى بىلەن يېتىمنى ياخشى تەربىيلەپ، بېقىپ چوڭ قىلغان مۆمىننىڭ دەرىجىسى ئارىسىدا شاھادەت بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارماق ئارىسىدىكىچىلىكلا پەرق بولىدىغانلىقىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (فەتھۇلبارى)
ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ قوشنىسى بولىمەن دېسە، ھەدىسكە كۆرستىلگىنىنى قىلغاي. (فەتھۇل بارى)
سەلەف ئالىملىرىدىن ئەبۇ سۇلايمان دارانىي مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىبادەت — پاچاقنى پاچاققا مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن نان ئوشتۇپ، خىزمەت قىلىشى ئەمەس. ئىبادەتنى — يەيدىغان نېنىڭنى ھالال كۈچۈڭ بىلەن تېپىپ يېيىشتىن باشلا. يېمەك-ئىچمىكىڭنى (ۋە ئېھتىياجىڭنى) ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ ھەل قىل، ئاندىن ئىبادەت قىل. ئىشىكىڭنىڭ چېكىلىپ، باشقىسىنىڭ سەن ئۈچۈن دۇنيالىق پۇل-مال، لازىمەتلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىشىنى تاما قىلىدىغان قەلبتە ياخشىلىق يوق.» mujtehid.com (ئىبنۇل جەۋزى: صفة الصفوة 2\382)