ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن: ئىلىم ئۆگىنىش ئەۋزەلمۇ، تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشمۇ؟
مۇجتەھىد فەقىھ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن (ۋاپاتى:ھ-1422، م:2001) مۇنداق سورالدى:
سوئال: كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئەۋزەلمۇ، ئىلىم ئۆگىنىش ئەۋزەلمۇ؟
جاۋاب: ئىلىم ئۆگىنىش كېچىلىك نامازدىن ئەۋزەلراقتۇر. چۈنكى، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش «كىشىنىڭ نىيىتى چىن بولسا، چىن نىيەتكە يېتىدىغان ھېچنەرسە يوق.» دېمەككى، ئىلىم ئۆگىنىشتە ئۆزىدىن ۋە باشقىلاردىن جاھالەتنى يوق قىلىشقا نىيەت قىلىش كېرەك. كىشى ئاللاھنىڭ جامالىنى ئارزۇ قىلىپ كېچىنىڭ باشلىمىدا ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن قوپسا، مەيلى ئىلىمنى ئۆگەنسۇن ياكى باشقىلارغا ئۆگەتسۇن، بۇ ئىشى كېچىلىك نامازدىن بەكراق ئەۋزەلراقتۇر. ئەگەر ھەم ئىلىم تەلەپ قىلىشنى ھەم كېچىلىك نامازنى بىرلەشتۈرەلىسىە ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى بۇدۇر. بىراق، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرەلمىسە شەرئىي ئىلىمنى ئۆگىنىش كېچىلىك ناماز ئوقۇشدىن ئەلادۇر ۋە ئەۋزەلدۇر. دەل مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋىتىر نامىزىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئوقۇشنى بۇيرۇغان. ئۆلىمالار بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىنىڭ بېشىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى يادلايتتى، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئۇخلايتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمۇ ئۇنى ۋىتىر نامىزىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا يېتەكلىدى. [«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى] (ئىبنى ئۇسەيمىن-تاھارەت ۋە ناماز ئۈچۈن پەتىۋالار، 1023-سوئال)