ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
قىيىن ئەھۋالدىكى بىر مۇسۇلماندىن ئېلىشىڭ بولسا، ئۇنىڭغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىشىڭ (قەرزنى سۈيلەپ چىڭ تۇرۇۋالماستىن ساقلىشىڭ) كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«ئەگەر قەرز بولغۇچى قىيىنچىلىقتا بولسا، ئۇ كەڭرىچىلىككە چىققانغا قەدەر ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىڭلار» (بەقەرە سۈرىسى، 280-ئايەت) ئالىملار مۇنداق دېگەن: قىيىنچىلىقتا قالغان بىرىدىن ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتىكى كىشىدىن قەرزنى قايتۇرۇشنى قىستاپ تۇرۇۋېلىشى ۋەياكى ئۇنى ھاكىمغا شىكايەت قىلىشى ھارام. ئەكسىچە، ئۇنى (قەرزنى قايتۇرالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىچە) ساقلاش پەرز.
بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان بىر مۇسۇلماندىن قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن كىشىنىڭ قەرزنى تەلەپ قىلغۇچىغا گۇناھلىق ئىش قىلىۋاتقىنىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشىگە مۆھلەت بېرىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ.
بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، قەرزنى قايتۇرالايدىغان تۇرۇپ قايتۇرماي قەرز ئېگىسىنى مۇشەققەتكە قويىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن «قۇربىتى يېتىدىغان كىشىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشنى ئارقىغا سۈرۈشى زۇلۇمدۇر.» (بۇخارى 2400؛ مۇسلىم 1564) (رىيازۇس سالىھىن شەرھى، 245-ھەدىسنىڭ شەرھى)
(ياخشى كۆڭۈل بىلەن قەرز بېرىپ تۇرغۇچى شۇنىڭدىن كېيىن ئېغىرچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولسا، قەرز ئالغۇچى مېنىڭمۇ قىيىنچىلىقىم بار تۇرسا دەپ ئۆزىگە تازا مۇھىم چاغدا ئەسقاتقان قەرز بەرگۈچىنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويماي، قەرزنى قايتۇرۇشقا ئالدىرىشى كېرەك بولىدۇ. ئەكسىچە بولىدىكەن، براۋ براۋغا قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن قاچىدىغان، قەرز ئالغان مۇسۇلمان بىلەن بىلەن قەرز بەرگۈچى مۇسۇلمان ئارىسىدا ئېغىر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك شەككىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان قىلمىشتۇر. شۇنداقلا، قەرز بەرگۈچىمۇ مەن ھازىر قىيىنچىلىقتا قالدىم دەپ، قەرز ئالغۇچىغا تاقىتىنىڭ سىرتىدا بېسىم ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. -ت) — مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى