ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل سەھىھ دۇئالار

 ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل دۇئالار

مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەييارلىدى

 
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ماڭا قۇرئان ئايىتىنى ئۆگەتكەندە تەشەھھۇدنى مۇنداق ئۆگەتتى:‹ التحيات لله والصلوات والطيبات السلام عليك أيها النبي ورحمة الله وبركاته السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين أشهد أن لا إله إلا الله وأشهد أن محمدًا عبده ورسوله›‹ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىبات، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلە ئىبادىللاھىس سالىھىن ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ›»(أخرجه أحمد 1 / 422، والبخاري 7 / 135، 136، ومسلم 1 / 301 برقم (402 -59-) والنسائي 2 / 241 برقم (1171).) بۇ دۇئانىڭ ئەرەپچە ئوقۇلىشىنى يۇتيۇب قانىلىمىزدىن ئاڭلاش ئۈچۈن چېكىڭ

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرسا ‹ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى› نى ئوقۇسۇن….» (بۇخارى 835؛ نەسەئىي 1298؛ ئەبۇ داۋۇد 968؛ ئەھمەد 1\428) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:«سىلەر بۇنى دېگەندە، مۇھەققەقكى ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ مۇتتەقىيگە سالام يوللىغان بولىسىلەر.» (صحيح البخاري الجمعة (1202) ، صحيح مسلم الصلاة (402) ، سنن النسائي السهو (1298) ، سنن أبو داود الصلاة (968) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (899) ، مسند أحمد بن حنبل (1/428) ، سنن الدارمي الصلاة (1340).) ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن:«ئاندىن (تەشەھھۇدتىن كېيىن) ئۆزى خالىغان دۇئالارنى ئوقۇپ نامىزىنى تاماملىسۇن.» (مۇسلىم 402) يۇقارقى تەشەھھۇدتىن دۇئاسىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇنداق دەپ دۇرۇت سالام يوللايمىز:«اللهم صل على محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم إنك حميد مجيد، اللهم بارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت علىإبراهيم وآل إبراهيم إنك حميد مجيد»«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەدجىيد؛ ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەد كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىدۇن مەجىيد.»( أخرجه أحمد 4 / 241، والبخاري 6 / 27، 7 / 156، ومسلم 1 / 305، برقم (406)، والنسائي 3 / 47، 48، برقم (1287-1289) ، والترمذي 2 / 352، برقم 

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد دۇئاسىنى قانداق ئوقۇشنى ساھابىلىرىگە ئۆگەتكەندىن كېيىن مۇنداق دېگەن:«ئاندىن سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەندىن دۇئالار بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلسۇن.» (ئەبۇ داۋۇد 825) يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن:«ئاندىن كىشى خالىغان دۇئا بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلسا بولىدۇ.» (مۇسلىم 609) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككىنچى تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: « اللهم إني أعوذ بك من عذاب جهنم ومن عذاب القبر ومن فتنة المحيا والممات ومن فتنة المسيح الدجال.»[صحيحالبخاري الجنائز (1377) ، صحيح مسلم المساجد ومواضع الصلاة (588) ، سنن الترمذي الدعوات (3604) ، سنن النسائي الاستعاذة (5506) ، سنن أبو داود الصلاة (983) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة والسنة فيها (909) ، مسند أحمد بن حنبل (2/523) ، سنن الدارمي الصلاة (1344).]

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاخىرقى تەشەھھۇدتىكى دۇئا توغرىسىدا مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن:« يا معاذ إني لأحبك فلا تدعنَّ أن تقول دبر كل صلاة اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك»«ئى مۇئاز، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭىلاشقا، ھەر-بىر نامازنىڭ ئاخىرىدا ‹ اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك › (ئاللاھۈممە ئەئىننىي ئەلا زىكرىكە ۋە شۇكرۇكە ۋە ھۇسنى ئىبادەتىكە) دېيىشنى ئۇنۇتما.»[رواه النسائي في السهو برقم ( 1286 ) ، وأبو داود في الصلاة برقم ( 1301 )]

مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشمۇ مۇستەھەب. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ماڭا نامىزىمدا ئوقۇشۇم ئۈچۈن دۇئا ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: « ‹اللهم إني ظلمت نفسي ظلمًا كثيرًا ولا يغفر الذنوب إلا أنت فاغفر لي مغفرة من عندك وارحمني إنك أنت الغفور الرحيم›دېگىن» [صحيح البخاري الأذان (834) ، صحيح مسلم الذكر والدعاء والتوبة والاستغفار (2705) ، سنن الترمذي الدعوات (3531) ، سنن النسائي السهو (1302) ، سنن ابن ماجه الدعاء (3835) ، مسند أحمد بن حنبل (1/4).]

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ