فىقھۇل مۇيەسسەر: زاكاتنى ئىنكار قىلسا كاپىر بولامدۇ؟ 

فىقھۇل مۇيەسسەر: زاكاتنى ئىنكار قىلسا كاپىر بولامدۇ؟ 

«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلدى

 

بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشىگە ۋە يېڭى ئىسلامغا كىرگەنلىكى ياكى شەھەردىن يىراق چۆلدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ـــ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدىكى كىشىلەرگە زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ئۆگىتىلىدۇ. ئۇنىڭغا كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ خىل ھالەتتە ئۆزرىلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر زاكاتنى ئىنكار قىلغۇچى ئىسلام شەھرىدە ۋە ئىلىم ئەھلى ھېسابلانغان كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغان مۇسۇلمان بولسا، بۇنداق كىشى (زاكاتنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك) مۇرتەد (دىندىن چىقىپ كەتكۈچى) بولىدۇ، ئۇنىڭغا مۇرتەدلىك ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ. يەنى، (قامالغان ھالەتتە) ئۈچ كۈن ئىچىدە تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، تەۋبە قىلسا مەسىلە يوق. تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرىلىدۇ.

چۈنكى، زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى كىتاب، سۈننەت ۋە ئۈممەت ئالىملىرىنىڭ ئىجمائى بىلەن ئوپئوچۇقتۇر. يۇقارقىدەك كىشىگە زاكاتنىڭ پەرزلىكى ھېچقاچان مەخپىي قالمايدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ زاكاتنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلالىشى پەقەت ۋە پەقەت كىتاب ۋە سۈننەتنى يالغان چىقىرىشى، ھەر ئىككىسىنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.(«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى)

شەرئىي ئىلىم تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ